گۋادالا خارا

گىۋادالا خارا

مېكسىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، خالىسكو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. 

نامى گۋادالا خارا
دۆلىتى مېكسىكا
مەمۇرىي رايون شەكلى مەركىزى شەھەر
يەر مەيدانى 187.91كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى ئىللىق ھەم قورغاق
خەنزۇچە نامى 瓜达拉哈拉
ئۆلكىسى خالىسكو
تەۋە رايون مېكسىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى
نوپۇسى 3,677,531

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گىۋادالا خارامېكسىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، خالىسكو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىكنىڭ غەربىدىكى گراندې دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1552 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 810 مىڭ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليون 677 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسىي 1531-يىلى سېلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا فارفۇر سانائىتى بىلەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق سودا مەركىزى بولغان. 1940-يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ، مېكسىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ سودا، پۇل-مۇئامىلە، سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. شەھەردە فارفور، مېتالچىلىق، توقۇمىچىلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، سېمونت، ئاياغ كىيىم، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 50 دىن ئوشۇق چېركاۋ، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار. 

مەدەنىيەتئەگەر سىز مېكسىكىنىڭ ئەنئەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ،مېكسىكىنىڭ ئىككىنچى شەھىرى گىۋادالا خاراغا كىلىڭ. گۋادالا خارا مېكسىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى ھەمدە مېكسىكا مەدەنىيىتىنىڭ تارقالغان جايى .

گىۋادالا خاراگۋادالا خارا مېكسىكىنڭ تارىخى ئۇزۇن شەھەرلىرىنىڭ بىرى،شەھەردە ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلار بار .

يەنە گۋادالا خارادا ئىككى چوڭ ئۇنۋېرستىت بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#