يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە ياللۇغلىنىش بولۇپ، جىگەر خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى جىگەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار يۇقىدۇ
كېسەللىك ئورنى جىگەر
ئاساسلىق ئالامىتى جىگەر زورىيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق
خەنزۇچە نامى 病毒性肝炎
تەۋە بۆلۈم جىگەر ياللۇغى بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى، جىگەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاش ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: جىگەر زورىيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، شىللىق پەردىلەر سارغىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئېگىر، ئەمەن، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئاچچىق بادام تەڭ مىقداردا، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىتەركىبى: كاسىنە بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: بەدىيان بىر كىلوگرام، سۇ بەش كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى پاكىز تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

پەرۋىش

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىھېرىپ چارچاشتىن، روھىي جىددىيلىكتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ھەرىكەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، بىمارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەلدىن ساقلاش، زۇكامدىن ساقلىنىش، بىمارنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، تاماق قاچىسىنى ئايرىم قىلىپ بېرىش، شەخسىي تازىلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بىمارغا سۈپىتى ئۆزگەرگەن تائاملارنى بېرىشتىن ساقلىنىش، بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىپ پاكىز قىلىپ بېرىش.[0]

پەرھىز

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە مايلىق، سوغۇق ۋە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. چۈچۈمەل ئىچىملىكلەر، دادۇر، كونا گۆش، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. كالا گۆشى، لازا –ئاچچىقسۇ، قىيمىلىق تائام، كاللا-پاقالچاق، پولۇ، كاۋاپ، سۇيۇقئاش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي ھاڧېز تورىدىن ئېلىندى 

http://tibbihafiz.com/?p=76

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#