ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش

ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە دېرىزە تەكچىسىگە ياكى ئۈستەل ئۈستىگە بىر قانچە تەشتەك گۈل قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە نەچچە ئۈلۈش ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش
خەنزۇچە نامى 家庭养花

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشنۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە دېرىزە تەكچىسىگە ياكى ئۈستەل ئۈستىگە بىر قانچە تەشتەك گۈل قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە نەچچە ئۈلۈش ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆيدە گۈل باققاندا يەنە ھاۋانى ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئوسمانتۇس گۈلى، شەپەقگۈل قاتارلىقلارنىڭ تارقاتقان خۇش پۇرىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە باكتېرىيە يوقىتىش رولىغا ئىگە.

گۈلنىڭ رولى

ئۈنچىگۈل، نورۇزگۈل قاتارلىقلار زىيانلىق بولغان سىماب پارىنى، جۇخارگۈل ھاۋادىكى گۈڭگۈرتنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. قىزىلگۈل بىلەن شاھزادىگۈل ئۆي جاھازلىرى، پول قاتارلىقلارنىڭ سىرىدىن تارقىلىدىغان فورمالدېھىد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىيانلىق گازنى ۋە كاربون چالا ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. يېشىل يوپۇرماقلار قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا يەنە ھاۋادىكى كاربون 4 ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئادەتتە بىر كىۋادرات مېتىر جايدىكى يېشىل يوپۇرماق 1.5 گىرام كاربون 4 ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ ھەمدە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن گۈللەر ئۆسۈش جەريانىدا بىر خىل كۈچلۈك خۇش پۇراق چېچىپ ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر

ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشبىراق، بەزى گۈللەرنىڭ تەركىبىدە مەسىلەن، سۆگەتگۈل، كۈركۈم گۈلى، قىزىل ئېچىلىدىغان سالۋىيە گۈلى، كاككۇكگۈلى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا توكسىن بولىدۇ؛ نەرگىنگۈلى ۋە ياپون رودېيىسىنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرى تەركىبىدىمۇ توكسىن بار. بۇ خىل گۈللەرنى ئۆستۈرگەندە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش لازىم؛ زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئۇلارنى خالىغانچە ئۈزسە بولمايدۇ، ئېغىزىغا سالسا تېخىمۇ بولمايدۇ.


يەنە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون 4 ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ؛ لېكىن كېچىسى بۇنىڭ ئەكسىچە ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ كاربون 4 ئوكسىدى چىقىرىدۇ شۇڭا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، كەچقۇرۇنلۇقى گۈللەرنى سىرتقا ئاچىقىۋېتىش لازىم .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#