بۇغراقۇم مەنزىرە رايونى

بۇغراقۇم مەنزىرە رايونى _ لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى تەۋەسىدىكى غەربىي كۆپكۆك سۇ، ياپيېشىل قومۇشلۇق، شەرقىي ئالتۇنرەڭ قۇملۇق، جەنۇبىي بۇلۇت سۆيگەن قارلىق تاغ بىلەن ئورالغان.

ئۇيغۇرچە نامى بۇغراقۇم مەنزىرە رايونى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ خوتەن لوپ ناھىيەسى
نۇقتىلىق دەرىجىسى AAA دەرىجىلىك
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 玉龙湾风景区
ئۇمۇمىي كۆلىمى 17.14 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇغراقۇم مەنزىرە رايونىبۇغراقۇم مەنزىرە رايونىدىكى سۇ ئامبىرىنى قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. توغراقلار، ئامباردىكى بېلىق ۋە بېلىقچى قۇشلار بۇ يەرنىڭ تەبىئىيلىكىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقان.

لوپ ناھىيىسى بۇغراقۇم رايونىنىڭ تەبىئىيلىكىنى قوغداش ئاساسىدا، بۇ رايونغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، بۇ جاينى يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن، يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ بىر گەۋدىلەشكەن، بېلىق تۇتۇش، كېمە ساياھىتى، قۇمغا كۆمۈلۈش، قۇمدا تېيىلىش، تۆگە مىنىپ قۇملۇقنى تاماشا قىلىش، قۇملۇق توپ مۇسابىقىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كۆرىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان گۈزەل ئارامگاھقا ئايلاندى. بۇغراقۇم مەنزىرە رايونى ھازىر يەرلىكتىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مەلۇم رول ئوينايدۇ. 

بۇغراقۇم مەنزىرە رايونى سۇ رايى تەۋە مەنزىرە ئىچىدىكى تەبىئىي كۆل مەنزىرىسى، ياز پەسلى مەزگىلى سۇ مولچىلىق، مەنزىرىسى گۈزەل، كۆل سۈيى ۋە قۇملۇق ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆل بويىدا كۆپ مىقداردا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ، مەنزىرىسى ئۆزگىچە، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ساياھەت ئېچىش قىممىتىگە ئىگە. 

بۇغراقۇم مەنزىرە رايونىبۇ مەنزىرىلىك رايون قارلىق تاغ، قومۇش كۆل، قۇم دۆڭلىرى، ساياز يەر، توغراقلىق، قوي پادىسى، ياۋا ئۆردەك، ئاق تۇرنا، ئۆرپ - ئادەت كەنتىدە بىر گەۋدە بولۇپ، مەنزىرە رايونى، ئوتتۇرا قىسمى تۇتاش كەتكەن 3 كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدىكى قۇم بارخانلىرى ۋە

 بىپايان قۇملۇق، كۆل سۇ يۈزى ئەڭ چوڭ بولغاندا 1650 مو، ئەڭ كىچىكى 480 مو، كۆل ئەتراپىغا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 15 بېلىق كۆلچىكى، بېلىق كۆلچەكنىڭ تۆت ئەتراپىنى قۇمۇش بىلەن ئورالغان. كۆلنىڭ غەربىي شىمال ئەتراپىدىكى قويۇق توغراقلىق، ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، ئالتۇن توغراق، قۇم دۆڭلىرى، قارلىق تاغ شولا ياپيېشىل كۆل يۈزىدە ۋە كۆلدىكى ياۋا ئۆردەك پەرۋاز قىلىدۇ، ئاق تۇرنا، كۆل بويىدىكى ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆي، قوي پادىسى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىنغان.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1514273.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#