كۆكيۆتەل

كۆكيۆتەل

بۇ كاناي، كېكىردەك شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش بولۇپ، سىپازمىلىنىشتىن، كلىنكىدا تۇتقاقلىق يۆتىلىش ۋە خوراز چىللىغاندەك نەپەس ئېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆكيۆتەل
خەنزۇچە نامى 百日咳
يۇقۇملىنىش يولى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى شىلىمشىق بەلغەم تۈكۈرۈش
تەۋە بۆلۈم نەپەس ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى whooping cough

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكيۆتەلسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاغرىق بالىلارغا يېقىنلىشىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن يۇقۇملىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.

كۆكيۆتەل :تاياقچە جاراسىمنىڭ سىرتقى ئامىللارغا قارىتا قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، كۈن نۇرىدا بىر سائەتتە 55 سېلسىيە گىرادۇس 30 مىنۇتتا كۆرۈلىدۇ. لېكىن 10 سىسلسىيە گىرادۇستىن 0 سېلسىيە گىرادۇس مۇھىتتا نىسبەتەن ئۇزۇن ياشىيالايدۇ. قۇرغاق شارائىتتا بىر قانچە سائەتتە ئۆلىدۇ.

   ھەر خىل سەۋەبلەردىن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۆكيۆتەل تاياقچە جاراسىملىرى كېكىردەك، كاناي، كانايچە ۋە ئۇششاق كانايچە قاتارلىقلارنىڭ شىللىق پەردىلىرىدە ئۆسۈپ كۆپىيىپ توكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىدۇ ۋە ئىپتىلىيە ھۈجەيرە تۈكلىرىنى پالەچلەندۇرۇپ ياكى بۇزۇپ ياللۇغلىنىشتىن بولغان قويۇق يېپىشقاق ئاجرالمىلارنىڭ سىرتقى چىقىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك ئورۇنلاردىكى ياللۇغلانغان، بۇزۇلغان ئىپتىلىيە ھۈجەيرىلىردىكى بىر قىسىم جاراسىملار ۋە يەرلىك ئورۇندىكى قويۇق يېپىشقاق ئاجرالما ماددىلار ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق قان ئېقىمىغا قوشۇلۇپ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى نەپەس يولى شىللىق پەردىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، شىللىق پەردىدىكى نېرۋا ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ نەپەس مۇسكۇللىرى سىپازمىلاندۇرۇپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

1.يۇقۇش مەنبەسى : ئاساسلىقى كۆكيۆتەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار  بىردىنبىر  يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ ،يوشۇرۇن  دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن دەسلەپكى ئالتە ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقۇشچانلىقى بولىدۇ.تىپىك بولمىغان ياكى يەڭگىل تىپتىكى ئاغرىغانلارنىڭ يۇقۇش مەنبەسى بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى تىپىك ئاغرىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم  بولىدۇ.

كۆكيۆتەل2. يۇقۇش يولى: ئاساسلىقى ھاۋادىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق  يۇقۇپ تارقىلىدۇ.

3.ئاسان يۇقۇملانغۇچى  كىشىلەر توپى :

بارلىق كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك يۇقۇملىنىشقا مايىل كېلىدۇ،بولۇپمۇ سوغۇقتن مىزاجى بۇزۇلغان تېنى ئاجىز بالىلار ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.

4.تارقىلىش پەسلى: كېسەل پەيدا بولغاندىن كېيىن مەڭگۈلۈك تەبىئەت كۈچى شەكىللىنىدۇ.شۇڭا بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلىرى قايتا يۇقۇملانمايدۇ.

ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامغا ئوخشاش سەل-پەل قىزىتىش، ئاغزى-بۇرنىدىن سۇ ئېقىش بىلەن باشلىنىپ، كېيىنچە ئۈزۈلمەي تېلىقىپ يۆتىلىش، يۆتەلگەندە بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ، چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىش، چىرايى ئاۋۋال قىزىرىپ، كېيىن كۆكىرىش، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق بەلغەم تۈكۈرۈش، بەزىدە يۆتەل بىلەن يېگەن تاماقلىرىنىمۇ قۇسىۋېتىش، كۈندۈزگە نىسبەتەن كېچىسى كۆپرەك تۇتۇش، كۈچەپ نەپەس ئېلىش بىلەن خۇددى خوراز چىللىغاندەك بىرخىل ئالاھىدە تاۋۇش چىقىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كۆكيۆتەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 3-21 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتە 10-7 كۈنگىچە بولىدۇ.

1. دەسلەپكى دەۋرى:

دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئالامەتلىرى زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدۇ، تۆۋەن قىزىتما، ماغدۇرسىزلىق، قۇرۇق يۆتەل، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز شىللىق پەردىلىرى قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، 3-4 كۈن ئىچىدە تەدرىجىي شىلىمشىق بەلغەم چىقىرىدۇ. يۆتەل كېچىدە كۈچىيىدۇ. 7-10 كۈن ئەتراپىدا ئاستا سىپازمىلىق تۇتقاقلىق يۆتىلىش دەۋرىگە كىرىدۇ.

2. تۇتقاقلىق (سىپازمىلىق) يۆتىلىش دەۋرى:

بۇ دەۋر كېسەللىك كۈچىيىپ راسا ئەۋجىگە چىققان دەۋر بولۇپ، بىمار تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە يۆتىلىدۇ.،يەنى تۇتقاقلىق، سىپازمىلىق يۆتىلىش ئاساسى ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپتە كالتە تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ، ئاندىن تەدرىجىي سوغۇق ئۆتۈش، ئىس تۈتەككە يولۇقۇش، شامالداش، جىددىلىشش، يىغلاش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن يۆتەل قوزغىلىپ تۇتقاقلىق يۆتەل شەكىللىنىدۇ. بۇ دەۋردە يۆتەلنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى كېچىسى كۈندۈزگە قارىغاندا كۆپرەك بولۇپ، ئون نەچچە قېتىمغا يېتىدۇ. يۆتەل تۇتقاندا خېلى ئۇزۇنغىچە يۆتەلنى توختىتالماي كېسەل توختىماي نەپەس چىقارغانلىقتىن ئۆپكىدىكى ھاۋا مىقدارى بارغانسېرى ئازىيىپ ئاغرىقنىڭ نەپسى قىستاپ يۈزلىرى قىزىرىپ كۆكىرىپ كېتىدۇ. بويۇن ۋېنالىرى كۆپۈپ كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ، كۆز ئېقىغا قان چۈشىدۇ، بەزىدە يۆتەلگەندە چوڭ كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ. يۆتىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا بىمار چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن نەپەس ئالىدۇ. كېكىردەك، كانايچىلار سىپازىما ھالىتىدە بولغانلىقتىن ھاۋا بۇ يەردىن ئۆتكەن چاغدا يىرىك سۈركىلىپ خۇددى خوراز چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئاندىن ھو بولۇپ قۇسىدۇ. نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق ماددىلارنى ياندۇرۋەتكەندىن كېيىن ئارام تاپىدۇ.

كۆكيۆتەلبوۋاقلارنىڭ نەپەس مۇسكۇلى تولۇق تەرەققىي قىلمىغانلقتىن ھەم يۆتىلىپ ماغدۇردىن كەتكەنلىكتىن تىپىك تۇتقاقلىق يۆتەل بولمايدۇ. كېكىردەك سىپازمىسى ياكى شىلىملىق ماددىلار بىلەن توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇش ھەتتا تارتىشىپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يۆتەل توختىغاندا بالا ناھايىتى ھالسىزلانغانلىقتىن تىنچ ئۇخلايدۇ.،ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتقاقلىق يۆتەل تىل بېغىشىدا جاراھەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە كېسەلنىڭ يۈز-كۆز، قاپاقلىرى ئىششىپ قالىدۇ. كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە قان چۈشىدۇ.

بۇ دەۋر 5-6 ھەپتىگىچە داۋام قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يەڭگىللەشكە باشلايدۇ. كېسەللىك تۇتقاندا ئۆپكە، باش، قورساق ئىچكى بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن مېڭە كېسىلى چۇقۇق (گىرىژ) مەقئەت چىقۇقى) قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

3. ئەسلىگە كېلىش دەۋرى:

بۇ كېسەلنىڭ ئۆتكۈرلۈكى پەسىيىپ بىمارنىڭ ئومۇمي ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىغان باسقۇچ بولۇپ، كېسەللىكنىڭ تۇتۇش قېتىم سانى بارغانسېرى ئازىيىدۇ، بەلغەممۇ ئاسان ئاجرىلىپ چىقىدۇ. قۇسۇش توختايدۇ. تۇتقاق يۆتەلنىڭ ئالاھىدىلىكى تەدرىجىي يوقىلىپ ئاخىرىدا يۆتەل پۈتۈنلەي توختاپ كېسەل ساقىيىپ كېتىدۇ .

       بۇ كېسەللىك 4-6 ھەپتە قىسمەن ئەھۋاللاردا 2-3 ئايغىچە سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا ساقىيىپ بولغاندىن كېيىنمۇ سوغۇق تېگىپ قېلىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قايتا قوزغىلىشى، شۇنىڭدەك بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە ئوڭاي باشقا قوشۇمچە كېسەللىك يۈز بېرىشى مۇمكىن. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: زەپەر بىر گىرام، ئەپيۈن 5. 0 گىرام، بەزرۇلبەنجى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، بىخسۇس، كەتىرا، كۇندۇر، مۇرمەككى، بېھى ئۇرۇقى ئۈچ گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قاينىتىلغان سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

كۆكيۆتەلتەركىبى: بىنەپشە 17 گىرام، پىرسىياۋشان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا، گاۋزىبان، بېھى ئۇرۇقى، بەش گىرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئىككى گىرام، سۇ بىر چىنە، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قاينىتىلغان سۇدا دەملەپ، تەمى چىققۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ。

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئەنجۈر قېقى 100 گىرام، شۇمشا 30 گىرام، چامغۇر ئۇرۇقى 40 گىرام، سۇ بىر لىتىر، ھەسەل 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەنجۈر قېقىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، بىر لىتىر سۇنىڭ 400 گىرامى قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۈستىگە ھەسەل سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 60 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#