بۇيى مىللىتى

بۇيى مىللىتى

بۇيىلار ئاساسلىقى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ۋە شىڭيى، ئەنشۈن ۋىلايىتىنىڭ بىرقانچە بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بۇيى مىللىتى
نوپۇسى 287 تۈمەن (2010)
خەنزۇچە نامى 布依族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇيى مىللىتىبۇيى مىللىتى ھازىرقى گۇيجۇنىڭ داڭلىق خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى ئەتراپىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا بەي مېي ئىسىملىك بىر چىرايلىق قىز چوڭ باي سۇماڭنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، مەشۇقى مۇگې بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ. بەي مېي ئاق رەختنى دەرياغا، موكىنى قولۋاققا ئايلاندۇرۇپ قولۋاق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ، سۇماڭ چوڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئارقىدىن قوغلاپ مېڭىپتۇ. خۇاڭگوشۇ ئەتراپىغا كەلگەندە، بەي مېي بەل پوتىسىدىكى قارلىغاچ قۇيرۇقىنى قايچىغا ئايلاندۇرۇپ، دەريانى كېسىپ ئىككى بۆلەك قېلىۋېتىپتۇ، كەينىدىكى سۇماڭ بىراقلا تېگى يوق يارغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. دەريا سۈيى تېگى يوق ياردىن چۈشۈپ ھازىرقى گۈزەل، ھەيۋەتلىك خۇاڭگوشۇ چوڭ شارقىراتمىسىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.

بۇيىلار ئاساسلىقى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ۋە شىڭيى، ئەنشۈن ۋىلايىتىنىڭ بىرقانچە بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ۋېي، جىن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە بولغان دەۋرلەردە، بۇيى مىللىتى بىلەن جۇاڭزۇ مىللىتى «لىلياۋ» دەپ ئاتالغان، كېيىن ئۇزاق مەزگىل ئايرىم ئولتۇراقلاشقاچقا، ئىككى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇڭا، بۇيى مىللىتىنى جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۇيىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىدىن باشقا، يەنە «گۇيجۇ ئېگىزلىكىنىڭ گۈلى» دەپ ئاتالغان خۇاشى ئېقىنىمۇ بار. ئۇ يەرنىڭ يەرلىرى مۇنبەت بولۇپ، دېھقانچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدۇ، كېۋەز، ئاگاۋا، بامبۇك نوتىسى، بانان، خۇاڭگۇ، شۇنىڭدەك قارىغاي، شەمشاد، چىڭگاڭ قاتارلىق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ. موم بىلەن گۈل بېسىش بۇيىلارنىڭ قىممەتلىك ھۈنەر-سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ. 

بۇيى مىللىتىبۇيى ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ پەشلىك قىسقا چاپان ياكى ئۇزۇن چاپان كىيىدۇ، بېشىغا كۆك ياكى تەكتى ئاق كۆك چاقماق ياغلىق چىگىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى سول تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان چوڭ چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان ياكى چۆرىسىگە گۈل چېكىلگەن قىسقا چاپان ھەمدە موم بىلەن گۈل بېسىلغان ئۇزۇن گارمون يوپكىنى سەپلەپ كىيىدۇ. بايرام كۈنلىرى ئاياللار يەنە كۈمۈشتىن ياسالغان ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى تاقىۋالىدۇ.ئوغۇل-قىزلار مۇھەببەتلىشىشتە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئەركىن، «گەنياۋ» دەيدىغان ئادەت كەڭ ئومۇملاشقان، يەنى نىكاھلانمىغان ئوغۇل-قىزلار بايرام كۈنلىرى، بازار كۈنلىرى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بىر يەرگە يىغىلىشىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئەگەر قىزنىڭ بىرەر يىگىتكە كۆزى چۈشۈپ قالسا، كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان تۈگمىگۈلىنى ئۇنىڭغا ئاتىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككىسى يىغىلىش ئورنىدىن يىراق بولمىغان جايغا بېرىپ ناخشا ئېيتىشىپ، ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. 

بۇيىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جىن-ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بەزىلىرى كاتولىك دىنى، خرىستىئان دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلىدۇ.بۇيى مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار. 1956-يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى.

بۇيى مىللىتى بۇيى خەلق ناخشىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، مەي ناخشىسى، مۇھەببەت ناخشىسى، ئەمگەك ناخشىسى قاتارلىقلار بار. توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە بايرام كۈنلىرى ناخشا ئاۋازى كېچە-كۈندۈز توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مىس دۇمباق بۇيىلار ئەزەلدىن ئەتىۋارلاپ كەلگەن ئەنئەنىۋى چالغۇ، ئۇنى داغدۇغىلىق بايرام كۈنلىرىلا چالىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#