پەرەنجىشكى
پەرەنجىشكى بولسا ئۆسۈملۈك، پەرەنج مۇشكىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، رەيھان ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر تۈرى ھىساپلىنىدۇ.كېكىرتىش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پەرەنجىشكى بولسا ،ئۆسۈملۈك، پەرەنج مۇشكىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، رەيھان ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر تۈرى ھىساپلىنىدۇ.ئۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلسىدىكى ئۆسۈملۈككە تەۋە بۇلۇپ، رەيھان ئۆسۈملۈكىدىن ئېگىز ۋە تىكەنلىك بولىدۇ. يوپۇرمىقى چوڭ بولىدۇ. پۇرىقى ئۆتكۈر كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن « قەلەمپۇر بوستانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۇرىقى ئىپارنىڭ پۇرىقىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن « فەرەنجىمىشكى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك غولىنىڭ ئېگىزلىكى 5 ~ 1 مېتىرغىچە بولۇپ تۈز ئۆسىدۇ. غولىدا يۇمران ئۇزۇن تۈكچىلەر بار. بۇ ئۆسۈملۈك ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئۆلكىنىڭ، بۇ « فەرەنجىمىشكى ھىندى» دىيىلىدۇ، يەنە بىرى جاڭگالنىڭ بولۇپ، «فەرەنجىمۇشكى چىنى » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ رەڭگى كۆك سېرىقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، قارىئۆرۈكنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىن ھەمدە ئافرىقا، ھىندىستان، ئەرەبىستان، برازىلىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
1. بادرەنجى بۇيا 5 گرام، گاۋزىبان ھىندى 3 گرام، فەرەنجىمىشكى 3 گرام. سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان يۈرەك قوزغىلىشقا شىپا بولىدۇ.
2. سۇنبۇل، بەسباسە، گاۋزىبان، لاچىندانە، فەرەنجىمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى 10 گرامدىن. قاينىتىپ ئىچسە، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ.
3. ئۈستىقۇددۇس، فەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، بەدىيان 10 گرامدىن، دارچىن، قەلەمپۇر 7 گرامدىن. چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
مۇپەررىھى پەرەنجمۇشكى.داۋائىي مىشكى، داۋائى كۇركۇم، مۇپەررىھى ئەبرىشىم.
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك تىترەش، يۈرەك قوزغىلىش، مالىخولىيا، نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل، ئاشقازان ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاز مىقداردا ئۇچۇچان ماي بار، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئارپا بـەدىـيـان مېـتـلى (Methyli aenicculum).55% ئـىـستـىـراگـول مـېتـىـل خاۋىـكـول (Estragole methylchavicol)، 34~40% لىنالول(Lenalol)، ئاز مىقداردا قەلەمپۇر فىنولى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.