يارىلانغان، ئۆلگەنلەرگە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىش چارىسى

يارىلانغان، ئۆلگەنلەرگە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىش چارىسى

قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىكى يارىلانغان، ئۆلگەنلەرگە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىش چارىسى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 5-قېتىملىق مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىكى يارىلانغان، ئۆلگەنلەرگە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە نامى 非法用工单位伤亡人员一次性赔偿办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ چارە «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 63-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىكى يارىلانغان، ئۆلگەنلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسى يوق ياكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇن، شۇنىڭدەك تىجارەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش بىكار قىلىنغان ئورۇننىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بالا ئىشچى ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەن بالا ئىشچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلار مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا، مېيىپ بولغان بالا ئىشچى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىشى شەرت.

3-ماددا بىرلا قېتىم بېرىلىدىغان تۆلەم ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان  ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى بالا ئىشچىنىڭ داۋالىنىش مەزگىلىدىكى خىراجەتنى ۋە بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلىنىڭ سوممىسىنى ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان  ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى بالا ئىشچى ئۆلگەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى باھالىتىلغاندىن كېيىن بېكىتىلىشى كېرەك.

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى جاي تەۋەلىك پرىنسىپ بويىچە، ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى بېجىرىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىراجىتىنى يارىلانغان، ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچى ياكى بالا ئىشچى تۇرۇشلۇق ئورۇن تۆلەيدۇ.

4-ماددا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى بالا ئىشچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى باھالىنىشتىن ئىلگىرىكى داۋالىنىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇش خىراجىتى، داۋالىنىش خىراجىتى، كۈتۈش خىراجىتى، بالنىتستا ياتقان چاغدىكى تاماق ياردەم پۇلى، شۇنىڭدەك كەتكەن قاتناش خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» دا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ۋە دائىرە بويىچە مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچى ياكى بالا ئىشچى تۇرۇشلۇق ئورۇن تۆلەيدۇ.

5-ماددا بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدۇ:

1-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 16 ھەسسىسى بويىچە، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 14 ھەسسىسى بويىچە، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 12 ھەسسىسى بويىچە، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە، 5-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 8 ھەسسىسى بويىچە، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 6 ھەسسىسى بويىچە، 7- دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 4 ھەسسىسى بويىچە، 8-دەرىجىلىك  مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 3 ھەسسىسى بويىچە، 9-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 2 ھەسسىسى بويىچە، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 1 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ.

6-ماددا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش  ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ.

7-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تۆلەم تۈپ سانى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملىگەن رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

8-ماددا ئورۇن بىرلا قېتىملىق تۆلەمنى بېرىشكە ئۇنىمىسا، مېيىپلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى، مېيىپلانغان بالا ئىشچى ياكى ئۆلگەن بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا پاش قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرگەندە راست بولۇپ چىقسا، ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەزكۇر ئورۇننى چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

9-ماددا مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى، مېيىپ بالا ئىشچى ياكى ئۆلگەن بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ  قىلىنىدۇ.

10-ماددا بۇ چارە 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#