موزا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
موزازموزا بولسا قاسراقلىقلار ئائىلسىدىكى چاتقال ياكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈك، موزا دەرىخىنىڭ يۇمران شاخلىرى ئۈستىدە قۇرۇپ قالغان قۇرۇت قاپارتمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، موزا ھەرىسى (Cynipsgalae-tinctoiae)نىڭ لېچىنكىلىرى موزا دەرىخىنىڭ يۇمران شېخى ياكى يۇپۇرماقلىرى ئۈستىدە پارازىتلىق بىلەن ياشاپ ھاسىل بولىدۇ.قۇرۇت قاپارتقۇلىرېى يېتىلگەن ۋاقىتىدا يىغىۋىلىندۇ .تۈركىيە، ئېران، ئەرەبىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
قورۇش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش. يارىلارنى پۈتتۈرۈش، بالىياتقۇ تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش.
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل ئىششىق ۋە جاراھەتلەر، كونا ۋە قانلىق ئىسھال، ئاق خۇن كېلىش، بەش ئەزا يارىلىرى، تەمرەتكە، سەپكۈن، چاچ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەردە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: بىخ مارجان، سۇپۇپى سەندەل
موزىدا %5~%70 گىچە ئاتسىدوم ئاننىكوم بولۇپ ئاساسلىقى پىنتا-م-دىگ-ئاللۇيىل-β – گىلوكوزىدى (penta-m-dig-dlogl-β-glucese)، سۇدا ئاجرىلىپ چىقدىغان ماددا ئاتسىدوم كاللىكوم (Gallicacid) ۋە ئاتسىدوم ئېللاگېكوم (Ellagicacid) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . يەنە رىزىنا كىراخمال قاتارلىقلارمۇ بار .
موزا1. موزىنى چىلاپ قاينىتىپ سۈيىدە ئېغىزنى چايقىسا، چىش بوشاپ قىلىش، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
2. موزىنى سوقۇپ تالقان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا ئېغىز بوشلۇقى شەلۋەرەش كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
3. موزا، ئانار گۈلى ، ئانار پوستى، كات ھىندى قاتارلىقلارى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئېزىپ تالقان قىلپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا قان توختىتىدۇ. (ئىستىمال قىلىپ بەرسسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمى بولىدۇ).
غەر –غەر سۈيى.
چىش تۆۋى بوشاپ قىلىش ، چىش مىلىكى ئىششىقى، ئېغىز شەلۋەرەپ كېتىش، قوقاق ، گال ئېچىشىش، ئېغىز پۇراش، يەل تاشما، ئىسھال، ئۈچەي يارىسى، قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.