لىبرېۋىل

لىبرېۋىل

لىبرېۋىل ئافرىقىدىكى گابون جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم دېڭىز پورتى.

نامى لىبرېۋىل
دۆلىتى گابون جۇمھۇرىيىتى
تەۋە رايون گابون جۇمھۇرىيىتى
خەنزۇچە نامى 利伯维尔
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
چەتئەلچە نامى Libreville

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىبرېۋىللىبرېۋىل ئافرىقىدىكى گابون جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم دېڭىز پورتى. شەھەر ئاھالىسى 257 مىڭدىن ئاشىدۇ(1983) .

لبىرېۋىل لبىرېۋىل شەھىرىدە يېمەك-ئىچمەك، نېفىت ئايرىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. لبىرېۋىل پورتى ئارقىلىق نېفىت، مارگانتىس رۇدىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. پورتنىڭ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە، شۇنداقلا ئافرىقا، ياۋروپا قاتارلىق قىتئەلەردىكى دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى بار. سۇ قاتنىشىدا دەريا قاتنىشى بىلەن دېڭىز قاتنىشىنى ئاساس قىلىدۇ.

 لبىررېۋىلنىڭ ئورنىنى 1839-يىلى 2-ئايدا فرانسىيىلىك پاراخوت باشلىقى بۇئى ۋېرۇمىز 21 پارچە رەخت، 10 ساندۇق(ھەر ساندۇقى 25 جىڭ ئېغىرلىقتا) مىلتىق دورىسى، 20 دانە يەرلىك مىلتىق، ئىككى خالتا تاماكا، بىر تۇڭ ھاراق، 10 دانە باش كىيىم ھېسابىغا گابونيىنىڭ يەرلىك باشلىقلىرىدىن سېتىۋالغان. 1841-يىلى 3-ئايدا يەنە يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن كومۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى جايلارغىمۇ فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. بۇ ئىككى پارچە يەر لبىرېۋىلنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. 1849-يىلى كونگودىن قۇللارنى ئېلىپ يولغا چىققان برازېلىيىنىڭ «ئېلچە» ناملىق پاراخوتى توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن(19-ئەسىرگە كەلگەندە قۇل سودىسى چەكلەنگەن، شۇڭا بۇ پاراخوت توسۇپ قويۇلغان) پاراخوتتىكى 86 كونگولۇق نېگىر بوئى ۋېرۇمىز كونتروللۇقىدىكى بۇ جايغا ئېلىپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۈچۈن بىر ياغاچ ئۆي، بىر پارچە يەر بېرىلگەن. بوئى ۋېرۇمىز بۇ ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ جايغا لبىرېۋىل(ئەركىن شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاي شۇنداق نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/27979.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#