ئاشىلى قازاق يېزىسى
ئاشىلى قازاق يېزىسى بىلەن سانجى شەھىرى تەۋەلىكىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 1958-يىلى يېزا خەلق گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان؛ 1984-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغان. شەرقتە سەنتۇنخې دەرياسى، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرىدىكى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا ئاسقىدابەن ۋە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە قۇتۇبى ناھىيە تاشپەلەمپەي يېزىسى، شىمالدا سەنگوڭتەن ۋە ئاۋېىيتەن ساھىلى سانجى شەھەرلىك دېھقانچىلىق رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى شەھىرى ئاشىلى قازاق يېزىسىنى سەنتۇنخې دەرياسى بۇ يېزىدىن جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئوتتۇراھال تاغلىق بەلۋاغلار ۋە ئارقا تاغدا ياۋا بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، بۆرە، ئۇلار، يىلپىز، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلار؛ قار لەيلىسى، قېرىن قورساق موگۇ، چاكاندا قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بار.
يېزىغا قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كۋادرات كىلومېتىر، قارىمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت، توققۇز مەھەللە گۇرۇپپىسى بار، ئائىلە ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 1952، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئائىلە 926 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇسى 8000 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 7600 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3950 ئادەم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئۈچ ئىشخانا، پونكىت قارىمىقىدا 14 ئورۇن بار.
2002-يىلى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى سىنىپ 82 مىليون 71 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %13.2؛ بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليون 970 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %11؛ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 23 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىلىدىكىدىن %14.6 ئاشقان.
مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليون 195 مىڭ يۈەن، مالىيە چىقىمى 1 مىليون 195 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يېزا بويىچە تەخمىنەن 30 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار.
ئەمەلىي ئورۇندالغان ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 20356 مو، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 10496 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي كىرىمى 4000 مىڭ مو، كۆممىقوناق 2956 مو، ئىقتىسادىي يەرگە ئوغۇتلانغان ئاشلىق زىرائىتى 3210 مو، پاختا 600 مو، قىزىلچا 650 مو، ياغلىق دان 610 مو، پەمىدۇر 1350 مو، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 3667520 توننا؛ كۆممىقوناق 1832720 توننا، ياغلىق دان 67100 توننا؛ كۆكتات 5535000 توننا، پەمىدۇر 5535000 توننا، باشقا ئاساسلىق زىرائەت مەھسۇلات مىقدارى 9857100 توننا؛
يىللىق چارۋا بېقىش تىجارەت سوممىسى 189 مىڭ تۇياق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 105 مىڭ تۇياق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈت كالىسى 504 تۇياق.
يېزا بويىچە ئورمان كۆلىمى 2520 مو، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %13، كۆلىمى 343.8 مو يەردە ئورمان بەرپا قىلىنغان.
ئوتلاق كۆلىمى 410300 مو. ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى 603 مىڭ 800 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان قۇدۇق بىر، 3.6 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالغان.
دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق چوڭ تىپتىكى تراكتور 4 ، كىچىك تىپتىكى تراكتور 74، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئالتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى 16 دانە بار بولغان.
يېزا-بازار كارخانىسى ئاچقانلار 61 ئائىلە، كەسىپكارلىرىنىڭ سانى 290 ئادەم، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى 19 مىليون يۈەن، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىلار 55 ئائىلە، كەسىپكارلار 100 ئادەم، يېزا بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 26 ئادەم، پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇلغان. يېزا بويىچە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 276 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت 276 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 6، ئوقۇغۇچىسى 900 ئادەم، مىللىي 870 ئادەم، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 202 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 195 ئادەم، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 57 ئادەم، مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلىغى 3 مىليون يۈەن؛ 5 مەدەنىيەت ئۆيى بار، يىل ئاخىرىدا رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %80 تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %50؛
يېزا سەھىيە داۋالاش ئاپپاراتى بىر، كەسپىي تېخنىكا خادىمى 19 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-كەنت دوختۇرى 4 ئادەم، 32 كېسەل كارىۋىتى بار، بىر يىلدا نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰17.04، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰10.25.
2002-يىلى مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى: 2002-يىلى ئاشىلى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ي چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە بىرىنچى؛ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
16- قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، سانجى شەھەرلىك سۇچىلىق تۇنخې لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىدە ئاساسىي قاتلامدا بىخەتەريېزا بولۇپ باھالانغان؛
خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ۋە ئىلغار خىزمەت ئەترىتى ئىلغار قوراللىق بۆلۈمى، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلغار پارتكوم، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىدە ئىلغار ئورۇن، چارۋىچىلىق خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ، تەشكىلات خىزمىتى ئۇچۇر خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولغان.
ئاشىلى قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى
سانجى شەھىرى غەربىي جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ يەردە چانا تېيىلىش، ئات مىنىش، قارلىق دالىدا ۋىلىسپت مىنىش، قار دەسسەش، باشقا قىزىقارلىق مۇز تەنھەرىكىتى، كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان ئىللىق قازاق كىگىز ئۆيى، ھەقىقىي قازاق سۈرلەنگەن قېزىسى، سۈرلەنگەن ئات گۆشى بۇ ئەڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك مەھسۇلاتى. مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا چوڭ كىگىز ئۆي بار بۇلۇپ، «خۇاشيا بىرىنچى كىگىز ئۆيى» دېگەن نامى بار. بۇ ساياھەت باغچىسى سەيلە قىلىش، قويۇق قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى بىلەن تولغان.
ئاشىلى ئەجدىھا تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى
ئاشىلى ئەجدىھا تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قار تاختا، قار يولى ۋە قار چەمبىرىكى چاڭغا تېيىلىش يولى، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭغا يولى 66 مېتىر، كەڭلىكى 100 مېتىر، يانتۇلۇق دەرىجىسى °25، قار چەمبىرىكى قار يولى 230 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، يانتۇلۇقى °18؛
قار تېيىلىش ساياھەت تۈرىلىرىدىن: قار تېيىلىش چانىسى، قار چەمبىرىكى، پېقىرغۇچ، قارلىق موتوتسىكلېتى، مۇز تېيىلىش قاتارلىقلار بار.
قاردا ئات مىنىش، تۆگە مېنىش، قوتاز مىنىش، مېڭىپ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، قار تېيىلىش قوش تاختىسى 100 يۈرۈش، قار چەمبىرىكى 150 يۈرۈش، كانكى 30 يۈرۈش، ئات 20، تۆگە 2، قوتاز 1، قار تېيىلىش موتسىكلىتى 3 دانە قاتالىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.