تۆمۈر كېپىكى
تۆمۈر كېپىكى بولسا بۇ ئادەتتە «تۆمۈر پوقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈيدۈك تۇتۇش بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەش رولى بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۆمۈرنى تاۋلىغان چاغدا تۆمۈردىن چىققان زەررىچە شەكىللىك دېتى بوقۇپ، قىزىق تكمۈنى سەندەلدە قويۇپ سوقسا، قاسراقلىرى چىقىدۇ، ئۇ ھاۋاغا يولۇقۇپ ئاسانلا ئۇۋىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى يىغۋېلىپ، ئوتتا قويۇپ قىزىتىپ ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇ ئادەتتە «تۆمۈر پوقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يۇمشاق تالقان سوقۇپ، رەڭگى قىزغۇچ كېلىدۇ. قانچە ئۇششاق، قانچە نېپىز بولسا شۇنچە ياخشى.تۆمۈر تاۋلاش ئورنىدىن يىغىۋېلىپ، كۇشتە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭدىن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.
1. مۇدەببەر قىلىنغان تۆمۈر دېتىنى ئېزىپ كۆزگە تارتسا، كۆز قارىچۇقىدىكى قاتتىقلىقنى، يىرىڭلىق يارىلارنى ۋە يىرىكلىكنى يوقىتىدۇ.
2. كۈشتە قىلىنغان تۆمۈر دېتىدىن يېرىم گرام ئېلىپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقى بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەت قىلدۇ.
3. كۈشتە قىلىنغان تۆمۈر دېتىنى سىركە ۋە ئاچچىقسۇ بىلەن سىرتتىن زىمات قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارنى ۋە ئەمچەكتە قالغان سۈتلەرنى يۇمشىتىپ تارقىتىدۇ .
4. تۆمۈر دېتىگە 20 ھەسسە ھەسەل ۋە سۇ قۇيۇپ ئېزىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇپ سۈيى تۈگەپ ياغ قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ ئېلىپ، زاغۇن تالقىنى ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يالانچۇق تەييارلاپ ھەر كۈنى ئىككى گرامدىن ئىستىمال قىلسا ياكى زەيتۇن يېغى بىلەن قاينىتىپ ئالغاندىن كېيىن، ھەسەل بىلەن مەجۇن تەييارلاپ كۈندە بىر ئازدىن ئىستېمال قىلسا، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ. ئۇنى يۇمشاق سوقۇپ چىنە ياكى ساپال قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە ناھايىتى ئاچچىق قېتىقنى قۇيۇپ ئاپتاپتا داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قېتىق قۇرۇپ كەتسە يەنە قۇيۇلىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسا يۇمشاق ھالەتكە كېلىدۇ. ئاندىن قۇرۇتۇپ سۇپۇپ،تەييارلاپ ئۇنىڭدىن 125~250 مىللىگرام سۇفۇپىنى يڭى قېتىق ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
كەم قانلىق، سۇلۇق ئىششىق (جىگەر ئاجىزلىقىدىن بولغان كېسەل)، ھەيز تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، كونا ئۈچەي كېسىلى، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئۈچەي قۇرتلىرى، بۆرەك ياللۇغى، جىگەر ۋە بەدەن ئاجىزلىقى، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ،
ئەمما ئۇنى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلار بىلەن بېرىش چەكلىنىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.