كۆكۈيۈن

كۆكۈيۈن

كۆكۈيۈن بولسا ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان ئەڭ قان شورىغۇچى ھاشارات، قوش قاناتلىقلار تۈركۈمى، قاناتلىقلار كەنجە سىنىپى، بوغۇم پۇتلۇقلار تىپىغا تەۋە.  




ئۇيغۇرچە نامى كۆكۈيۈن
ئىنگلىزچە نامى Tabanid
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلار سىنىپى
ئائىلىسى كۆكۈيۈن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تارقالغان رايونلار ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، سىچۇەن، جېجىياڭ، جاڭسۇ، خۇبېي، شەنشى، خېنەن، لياۋنىڭ
تىپى بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى
تۈركۈمى قوش قاناتلىقلار تۈركۈمى
تۈرى كۆكۈيۈن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكۈيۈنكۆكۈيۈن بولسا ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان ئەڭ قان شورىغۇچى ھاشارات. ئۇزۇن نەشتەرلىك ھەرىسىمان كۆكۈيۈن مۇھىم كۈشەندە ھاشارات، يېتىلگەن ھاشارات يوپۇرماق پىتى، يوپۇرماق تومۇزغىسى قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنى شوراپ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. قاۋۇل، ئۇچۇش خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك. چارۋا يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىدا بىر قەدەر كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاساسەن تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ، مۆتىدىل بەلۋاغلارغا تارقالغان. 

كۆكۈيۈنكۆكۈيۈن قاۋۇل، پەرۋاز قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى خۇددى بىر چوڭ نومۇرلۇق چىۋىنغا ئوخشايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30-6 مىللىمېتىر. كۆكۈيۈن تۈرىدىكى ۋە باشقا قان شورىغۇچى ھاشاراتقا ئوخشاش، پەقەت چىشى كۆكۈيۈن قان شورايدۇ. چىشى كۆكۈيۈن ئېغىز ئاپپاراتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ئۈستى، ئاستىنقى ئېڭەك ۋە ئېغىز يىڭنىسى ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم تەرەققىي قىلغان. ھەر قېتىم قان شورىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ ئۈچ قۇرال ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى كېسىپ، قان چىقىرىدۇ. قان ئېقىپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن كالپۇك تېرىسى ياپراقچىسى ئۈستىدىكى كانايچە ئارقىلىق قاننى سۈمۈرىدۇ. 

 كۆكۈيۈننىڭ ھاشاراتخور كۆكۈيۈن، كۆكۈيۈن قاتارلىق تۈرى بار.

كۆكۈيۈن ئاساسەن تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ، مۆتىدىل بەلۋاغلارغا تارقالغان، دۆلىتىمىزدە ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، سىچۇەن، جېجىياڭ، جاڭسۇ، خۇبېي، شەنشى، خېنەن، لياۋنىڭ قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. 

كۆكۈيۈنئاز ساندىكى كۆكۈيۈن لىچىنكىسى قۇرۇقلۇقتا ياشايدۇ، ئادەتتە سۇدا ياكى يېرىم سۇدا ياشايدۇ. بىر كىچىك بېشىنىڭ ھېسابقا ئالمىغاندا، 11 بوغۇملۇق. ھەر بىر بۆلەكتە بىر كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھالقا بار، ئاخىرقى ئۇچىدا بىر نەپەسلىنىش نەيچىسى بار. گۆشنى ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ، كىچىك ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ. يېتىلگەن قۇرت كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، چۈشتە پائالىيىتى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. كۆلچەك ئەتراپى، سۇ بويىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، تېز ئۇچىدۇ. بەزىدە گۈلنىڭ شىرنىسىنى شورايدۇ، لېكىن قاننى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. چىشى ھاشارەتنىڭ قىسقۇچ تىكەنلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئات قاتارلىق قېلىن تېرىلىك ھايۋانلار ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدۇ، چىشى كۆكۈيۈن ھەر قېتىم نەچچە مىنۇتتا  قورسىقىنى قانغا تولدۇرىدۇ. ئىلمان قانلىق ھايۋانلار، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدۇر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#