لېيدى گاگا

لېيدى گاگا

لېيدى گاگا 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك مانخاتتان، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيەلىك ئەۋلادى. ئامېرىكا مودا ئېقىم ئايال ناخشىچى، ناخشا تېكىستى ئىجاد قىلغۇچى، خەير-ئېھسانچى، ئارتىس. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لېيدى گاگا
باشقا نامى 嘎嘎小姐、史蒂芬妮
يۇرتى نيۇيورك مانخاتتان
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ناخشىچى، ناخشا تېكىستى ئىجاد قىلغۇچى، خەير-ئېھسانچى، ئارتىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 嘎嘎
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 155 سانتىمېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېيدى گاگاگاگا تۆت يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو چېلىشنى ئۈگەنگەن، 11 ياشقا كىرگەندە مانخاتتىندىكى جۇلىيا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ كېيىن كاتولىك دىنى مەكتپىدە ئوقۇغان. 13 يېشىدا تۇنجى موزىكىسىنى ئىشلىگەن، 14 يېشىدىن باشلاپ كەچلىرى ئويۇن قويغان. گاگا 17 ياشقا كىرگەندە، نيۇيورك ئۇنىۋېرستېتى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان ھەمدە شۇ يەردە موزىكا ئۆگەنگەن. ئۇ ئىتوت، نەسىر ۋە بەزى ئانالىز خاراكتېرلىك دوكلاتلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ موزىكىلىرىدىكى سەنئەت، دىن ۋە سىياسىي تىمىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. كېيىن ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن چېكىنىپ، پۈتكۈل زىھنىنى موزىكىغا قاراتقان. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، نيۇيورك نىڭ شەرقى رايونىدا مىكىن پۇلىسفىر قاتارلىقلار بىلەن ئويۇن قويغان.

لېيدى گاگالېيدى گاگا 2008-يىلى 10-ئايدا، ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى «شان-شەرەپ» (The Fame)نى تارقاتقان؛ 2009-يىلى 11-ئايدا «شەرەپلىك مەخلۇق» (The Fame Monster) ناملىق پىلاستىنكىسىنى، 2011-يىلى 5-ئايدا «تۇغۇلۇش شۇنداق» (Born This Way) ناملىق پىلاستىنكىسىنى، 2013-يىلى 11-ئايدا «سەنئەت مودىسى» (ARTPOP) ناملىق پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان.

لېيدى گاگا2010-يىلى، لېيدى گاگا «دەۋر» ژورنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى 100 تەسىرچان شەخىس»نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان. 2011-يىلى 6-ئايدا، «فۇربىس» ژورنىلى تەرپىدىن «دۇنيادىكى 100 داڭلىق شەخىس»نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى يەر شارى مىقىياسىدا 25 مىلىيوندىن ئارتۇق سېتىلغان. كۆپ قېتىم تۈرلۈك موزىكا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، گىراممىي موزىكا مۇكاپاتىنىڭ بەش تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

لېيدى گاگا مەكتەپلەرگە، ئەيدىزنى داۋالاش تۈرلىرى، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىق ئاپەتلەرگە ئۇچرىغان جايلارغا كۆپ قېتىم ياردەم قىلغان.

«ئۇ بىر قالتىس ناخشىچى، ئاۋازى ناھايىتى چىرايلىق، موزىكا سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى»             - بېت مىدىلىف

«ئۇنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئاۋازى ئۆزگىچە، مول ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە»                  - ئاكون

«لېيدى گاگا ناھايىتى قالتىس بىر ناخشىچى، بۇ موشۇ دەۋرنىڭ مادونناسى! ئۇنىڭ موزىكىلىرى بەك ئېسىل، ئىجادىيەت كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنىشلىرى، ھەرىكەتلىرى قارىماققا ئەسەبىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇستەقىللىقى كۈچلۈك ھەم جەلىپكار بىر شەخىس!»       -«غەربلىك بالا»  [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#