يۈەن لۇڭپىڭ

يۈەن لۇڭپىڭ

يۈەن لۇڭپىڭ خۇنەندىكى ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئېتىز ئەمگىكىگە قاتناشقان بولغاچقا، يېزىدىكى ھەربىر تال گىياھنى قىزغىن سۆيىدۇ، شۇنداقلا ھەربىر تال دان ئۈچۈن سىڭگەن ئەجىرنى بىلىدۇ، ئۇ 1959-يىلى غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇنەننىڭ چيەنياڭ يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئىرسىيەت، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش دەرسىنى ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈەن لۇڭپىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
كەسپى شالغۇت شال مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئىسمى 袁隆平
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1930-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈەن لۇڭپىڭ20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، شەرقتىكى قەدىمىي مەدەنىي دۆلەتنىڭ بىپايان زېمىنىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «يېشىل ئىنقىلاب پارتلىغان»، جۇڭگو «2-قېتىملىق يېشىل ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان شالغۇت شالنى يېتىشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى نەچچە 10 مىليارد جىڭ ئاشۇرىدۇ ھەم بۇ شال ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، بۇ مېكسىكا پاكار غوللۇق بۇغدىيى يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دۇنيا خاراكتېرلىك ئاشلىق قىسچىلىقىنى ھەل قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر قېتىملىق ئىلمىي كەشپىيات دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ غەلىبە ئۈچۈن تۇنجى تۆھپە قوشقۇچى خۇنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى شالغۇت شال تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور يۈەن لۇڭپىڭ (1930-) ئىدى. 

يۈەن لۇڭپىڭيۈەن لۇڭپىڭ خۇنەندىكى ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئېتىز ئەمگىكىگە قاتناشقان بولغاچقا، يېزىدىكى ھەربىر تال گىياھنى قىزغىن سۆيىدۇ، شۇنداقلا ھەربىر تال دان ئۈچۈن سىڭگەن ئەجىرنى بىلىدۇ، ئۇ 1959-يىلى غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇنەننىڭ چيەنياڭ يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئىرسىيەت، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش دەرسىنى ئۆتىدۇ. 1-ئەۋلاد شالغۇتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك تېخنىكا ۋاسىتىسى. ئامېرىكا 30-، 40-يىللىرىلا شالغۇت كۆممىقوناقنى ئومۇملاشتۇرغان، مېكسىكىدا 50-يىللاردا پاكار غوللۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق شالغۇت بۇغداي بارلىققا كەلگەن. بىراق، 20-يىللاردىن بۇيان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئالىملىرىنىڭ ئۆزىدىن چاڭلىشىدىغان شالغۇت شالنىڭ ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. يۈەن لۇڭپىڭ يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە، بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغاچ سىرتنىڭ شال يېتىشتۈرۈش ئەھۋالى بىلەن ۋاقتىدا تونۇشۇپ تۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتراپتىكى شال ئېتىزلىرىدىكى ئالاھىدە ئالامەتلىك تۈپلەرنى كۆزىتىدۇ.

يۈەن لۇڭپىڭ 1960-يىلى، ئۇ يۇقىرى ھوسۇللۇق شال سورتى يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىدە، تەبىئىي شالغۇتلاشقان شالدىن بىر تۈپنى بايقاپ، سۈنئىي شالغۇتلاشتۇرۇلغان شال يېتىشتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ. 1964-يىلى يازدا، ئۇ تۇنجى قېتىم ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان تۈپنى بايقايدۇ، كېيىن ئۇ شالدىكى ئۈچ تۈرلۈك سورتداش (ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان سورتداش، ساقلىغۇچى سورتداش، ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى سورتداش) نى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق شالغۇتلاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە جاپاغا چىداپ، ئېتىز تەجرىبىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. 1973-يىلى، قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە تۇنجى شالغۇت شالنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، 1974-يىلى ۋە1975-يىلى، جەنۇبتىكى نۇرغۇن جايلاردا سىناق قىلىپ تېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، 1976-يىلىدىن كېيىن، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو دۇنيا بويىچە شالغۇت شال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشاش شارائىتتا، شالغۇت شال مەھسۇلاتى ئادەتتىكى ئەلا سورتلارنىڭكىدىن %20-%30، يۇقىرىلىرىنىڭ %50 تىن كۆپرەك ئاشىدۇ. 1980 -يىلى، سوقىچاق شالغۇت شال ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئېكسپورت پاتېنتى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، ئۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شال ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالىدۇ. 

يۈەن لۇڭپىڭيۈەن لۇڭپىڭنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە كۆرسەتكەن گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1981-يىلى دۆلەت پەن-تېخنىكا كومىتېتى ئۇنىڭغا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئالاھىدە دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىنى بەردى. 1985-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا كەشپىيات-ئىجادىيەت ئالتۇن مېدالى بەردى. 1987-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنىڭغا ئىلىم-پەن مۇكاپاتى بەردى. 1988-يىلى ئەنگلىيە نىڭ لوندون شەھىرىدە خەلقئارا لانكىج ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، خەلقئارادىكى دوستلار ئۇنى «جۇڭگو شالغۇت شېلىنىڭ ئاتىسى» دەپ ماختىشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#