مورىس

تېلېفون كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، يىراق جايلار بىلەن ئالاقىلىشىشتە تېلېگرامما يوللانسا ناھايىتى تېز بولاتتى. تېلېگراممىنى ئامېرىكىلىق مورىس كەشىپ قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مورىس
باشقا نامى 萨缪尔·莫尔斯
يۇرتى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1872-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۇنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى يالې ئىنىستىتۇتى
خەنزۇچە ئىسمى 萨缪尔·芬利·布里斯·摩尔斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى
كەسپى رەسسام
چەتئەلچە ئىسمى Samuel Finley Breese Morse

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورىسمورىس 1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى رەسساملىق بۇلۇپ، 1832-يىل 10-ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇ پاراخوت بىلەن ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قايتىدۇ. پاراخوتتا، ئۇ جېكسون ئىسملىك بىر ياشنىڭ يولۇچىلارغا «ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى» نى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. 

1837-يىلى ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ «ئۇلىنىشى» ۋە «ئۈزۈلۈشى» ئارقىلىق رەقەم ۋە ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان كود- «مورس كود» نى كەشىپ قىلىپ دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ.

مورىسمورىس ئەسلىي بىر رەسسام ئىدى. 1832-يىل 10-ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇ پاراخوت بىلەن ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قايتىدۇ. پاراخوتتا، ئۇ جېكسون ئىسملىك بىر ياشنىڭ يولۇچىلارغا «ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى» نى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ: «توكنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز ئىكەن، بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتر ئارىلىققا بارالايدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئەۋەتىشكە بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە! » دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئېلېكتر ئىلىمىنى بېرىلىپ ئۆگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە توكتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللاشنى سىناق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېلېكتر ئىلىمىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ، قىيىن مەسىىلەرگە يولۇققاندا، ئېلېكترشۇناسلاردىن سورايدۇ. ئۇنىڭ رەسىمخانىسى ئېلېكتر ئىلمى تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، مورس نۇرغۇن چېرتيوژ لايىھىلەپ سانسىز قېتىم تەجرىبە ئىشلەپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇلى تۈگىگەچكە، ئىلاجىسىز نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەت دەرسى ئۆتىدۇ، خىزمەتتىن بوشىغان چاغلىرىدا تېلېگرامما ئىجاد قىلىش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدۇ. بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، مورس ئاخىرى 1837-يىلى ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ «ئۇلىنىشى» ۋە «ئۈزۈلۈشى» ئارقىلىق رەقەم ۋە ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان كود- «مورس كود» نى كەشىپ قىلىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ.

مورىس1843-يىلى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن، مورس ۋاشىنگتون بىلەن بالتىمور ئارىسىدا 64 كىلومېتىرلىق تېلېگراف لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف لىنىيىسى ئىدى. 1844-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، مورس ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدا تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، بالتىمورغا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېلېگراممىنى يوللايدۇ.[0]

1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى

1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى

1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى

1791-يىلى 4-ئاينىڭ 27 كۇنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#