ئاق تېرەك
ئاق تېرەك تىكىلىپ 20 يىلدىن كىيىن ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە ياغىچىنىڭ ئىچى پورلىشىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاق تېرەك تۈز ئۆسىدۇ. ئەڭ ئېگىز بولغاندا 20 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭدە، غازىڭىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ.
ئاق تېرەكنىڭ قەلەمچىسىنىڭ ئەي بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۈسۈشى تېز، ماتىريال قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ياغىچىنىڭ ئىچكى تۇقۇلمىلىرى سەل شالاڭ، ئاجىز كېلدۇ. ئاق تېرەكنىڭ ئوق يىلتىزىمۇ يەر تېگىگە بەك چوڭقۇر يىلتىز تاتمايدۇ. چاچما يىلتىزلىرى كۆپرەك بولىدۇ.
ئەتياز كۈنلىرى باشقا دەرەخلەردىن بىرەر ھەپتە بالدۇر غازاڭ چىقىردۇ، ئەمما كۈز كۈنلىرىدە باشقا دەرەخلەردىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن غازاڭ تاشلايدۇ. قۇرغاقچلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز، باشقا تېرەك تۈرلىرىدەك يەر ئاستى سۈيىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاسان قۇرۇپ قالىدۇ، تىكىپ 20 يىلدىن كىيىن ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە ياغىچىنىڭ ئىچى پورلىشىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
ئاق تېرەكنى ياغاچ ماتىريالى قىلىشقا كەسكەندە چۇقۇم كەسكەن ھامان تاشقى قوۋزىقىنى سۇيۋىتىش كېرەك. قوۋزىقى سۇيۋىتىلسە ياغاچ رەڭگى ئاق، سۈزۈك، قاتتىق، چىڭ قۇرۇيدۇ. ئەممە قوۋزىقى ۋاقتىدا سۇيۇلمىغان ئاق تېرەك ياغىچىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاق تېرەكنىڭ شاخلىرىمۇ ئىنتايىن چۈرۈك كېلدۇ. ئەي بۇلۇشى ياخشى بولغان بىلەن، ياغىچى باشقا تېرەك ياغاچلىرىدەك مۇستەھكەم، قاتتىق بولمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.