ئاستانا يېزىسى

ئاستانا يېزىسى

ئاستانە يېزىسى تۇرپان شەھىرى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى قاراغوجا يېزىسى، پىچان ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى چاتقال يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاستانە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 350 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三堡乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى
نوپۇسى 13800 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاستانە يېزىسىئاستانە يېزىسى تۇرپان شەھىرى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى قاراغوجا يېزىسى، پىچان ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى چاتقال يېزىسى بىلەن چىگرالىنىدۇ، شىمالدا داڭلىق يالقۇنتاغ، 312-دۆلەت يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ؛ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق خارابىسىدىن «ئىدىقۇت قەدىمقى شەھىرى»، «ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى» بار. يەر بايلىقى بىر قەدەر مول، تۇپراق تۇپرىقى چۆل شېغىللىق تۇپراق، شور، ئورگانىك ماددىلار تەركىبى بىرقەدەر تۆۋەن، ئازوت كەمچىل، فوسفور ئاز، لېكىن تەركىبىدە كالىي مول، ئۈزۈم تېرىشقا ماس كېلىدۇ، مېۋىلىك دەرەخ، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي رولى كۆپ.

يېزىغا بەش مەمۇرىي كەنت، 20 تەبىئي كەنت گۇرۇپپىسى قارايدۇ. ئومۇمىي ئادەم 13800 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 12710 ئادەم. يېزا بويىچە يەر يۈزى كۆلىمى 350 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەرلەر 420 مىڭ مو ، بوز يەر ئېچىلغان تېرىلغۇ يەر 380 مىڭ مو.

ئاستانە يېزىسىئاستانە يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 380 مىڭ مو، تۈرلۈك زىرائەت تېرىقچىلىق كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئۈزۈم 7576 مو، قوغۇن-تاۋۇز 8100 مو، بۇغداي ۋە قارا ئاشلىق ئېڭىز 3000 مو، ئورمان يېرى 17050 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكولوگىيە ئورمىنى 15 مىڭ مو، ئىقتىسادىي ئورمان 600 مو، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى 4050 موغا يەتكەن؛ يېڭىدىن ھەر خىل كۆچەت تىكىلگەن، بۇنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى 340 مو؛ كۆكتات 2000 مو. 

ئاستانە يېزىسىئاستانە يېزسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللى خەلق سەنئىتى يۇرتى» دېگەن نامى بار بۇلۇپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مىللىي مەدەنىيىتى قويۇق. «ئىدىقۇت قەدىمقى شەھىرى»، «ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى» ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى قەدىمىي شەھىرى قەدىمكى كىشىلەر كوچىسى ئۆرپ-ئادەتلىرى زىيارەت ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#