يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە-كېسىم قانۇنى

يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى›› 2009–يىل 6–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە-كېسىم قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国农村土地承包经营纠纷调解仲裁法
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2009--يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى›› 2009–يىل 6–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى:

(1) يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكارقىلىش ۋە ئاياغلاشتۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالار:

(2) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈش، پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ئوبوروت ئىشلىرىدا تۇغۇلغان ماجىرالار؛

(3) ھۆددە يەرنى يىغىۋېلىش، تەڭشەشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛

(4) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛

(5) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن تۇغۇلغان ماجىرالار؛

(6) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ماجىرالاردىن قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەنلىرى.

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىشتە تۇغۇلغانماجىرالار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىشدائىرىسىگە كىرمەيدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ياكى دەۋالىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىنسا بولىدۇ.

3 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالاردا ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسىمۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلاردىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

4 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېلىشىۋالالمىغانلىرى، مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقىرالمىغانلىرى ياكى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغانلىرى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

5 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا ئاشكارا، لىللا، ئادىل، ئاھالىگە قۇلايلىق، ئۈنۈملۈك ئىش قىلىش، پاكىتقا ئاساسلىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلىشىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قوللىشى كېرەك.

2 – باب مۇرەسسە قىلىش

7 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدارلارنىڭ ماجىرالارنى كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

8 – ماددا ئالاقىدارلاردىن يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، مۇرەسسە قىلىشنىئىلتىماس قىلغان ماجىرانى، ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى شۇ مەيداندا خاتىرىلەپ قويىدۇ.

9 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسەقىلىشتا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدارلارنىڭ بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىغا تولۇق قۇلاق سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ۋەدۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىمھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

10 – ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلىشى كېرەك. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ، تامغىسى ياكى بارمىقىنى بېسىپ، مۇرەسسە خادىملىرى ئىمزا قويغان ھەمدە مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

11 – ماددا كېسىم كېڭىشى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، مۇرەسسە كېڭىشى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى كېرەك؛ مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىغاندا، ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

مۇرەسسەنامىگە كېسىم تەلىپىنى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىنى يېزىش كېرەك. مۇرەسسەنامە كېسىمچىلەرنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

مۇرەسسەنامە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغان ھامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغۇچە ئالاقىدارلار يېنىۋالسا، كېسىم كېڭىشى ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

3 – باب كېسىم قىلىش

1 – پاراگراف كېسىم كومىتېتى ۋە كېسىمچىلەر

12 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرۇلىدۇ. يېزا يەرھۆددىگەرلىكى كومىتېتى ناھىيىلەردە ۋە رايونسىز شەھەرلەردە قۇرۇلسىمۇ، رايون بار شەھەرلەردە ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردا قۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى شۇ جايدىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارماق ئىشلەيدۇ.

13 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىرى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، دېھقانلار ۋەكىلىنىڭ ۋە قانۇن ساھەسى، ئىقتىسادىي ساھە قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانلار ۋەكىلى ۋە قانۇن، ئىقتىساد ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا بىر مۇدىر، بىردىدىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىر نەچچە ئەزا قويۇلىدۇ. مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقان سايلامدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

14 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) كېسىمچىلەرنى تەكلىپ قىلىش، قالدۇرۇۋېتىش؛

(2) كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش؛

(3) كېسىم پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى نىزامنامىسىنى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىشى، تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئۇسۇلى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، ئىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى بەلگىلىشى كېرەك.

15 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلىككە ئادىل، دۇرۇس كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

كېسىمچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛

(2) قانۇن خىزمىتى ياكى خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛

(3) شۇ جايدا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئاھالە ھەمدە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى پىششىق بىلىدىغان ئاھالە بولۇش.

16 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلەرنى يېزا يەرھۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى جەھەتتە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى كېسىمچىلەرنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

17 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەر مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىگە ۋە كېسىم قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، پارا تەلەپ قىلىشقا، پارا ئېلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

كېسىمچىلەردىن پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقىرىش ۋە ئالاقىدارلارنىڭ زىياپىتىنى يېيىش، سوۋغىتىنى ئېلىش قاتارلىق قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەرنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز–شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

18 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

19 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىراسى كېسىمىدە ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئالاقىدارلار ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە بويىچە ھۆددە ئالغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا قاتنىشىدىغان ۋەكىل كۆرسىتىلسە بولىدۇ.

دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار كېسىم قىلىشقا 3 – كىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار ۋە 3 – كىشى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

20 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا كېسىم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماس تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماجىرا بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇش؛

(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئېنىق بولۇش؛

(3) كونكرېت كېسىم تەلىپى ۋە پاكىتى، ئاساسى بولۇش؛

(4) يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولۇش.

21 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسىنى سۇنۇشى كېرەك. كېسىم ئىلتىماسى پوچتىغا سېلىنسا ياكى باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ. كېسىم ئىلتىماسىغا كېسىم قىلغۇچى بىلەن كېسىم قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلىنىدىغان پاكىتى ئاساسى يېزىلىشى ھەمدە شۇنىڭغا ئائىت دەلىل – ئىسپاتلار بېرىلىشى ۋە دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. يازما ئىلتىماس قىلىشتا قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنىبېسىپ بەرسە بولىدۇ.

22 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ قوبۇل قىلىپ بولغانلىرىدا كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ:

(1) ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ ماجىرانى قوبۇل قىلغان بولسا؛

(3) قانۇندا شۇ ماجىرانى باشقا ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنبولسا؛

(4) شۇ ماجىرادا كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم، كېسىم قارارى، مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى قاتارلىقلار چىقىرىلىپ بولغان بولسا.

23 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەر ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ قوبۇل قىلماسلىقنى ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان ئەھۋالنى سەزگەن كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

24 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

25 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا جاۋابنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما جاۋاب بېرىشتە قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى جاۋاب بەرگەندە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە جاۋابنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلىنغۇچى جاۋاب بەرمىسە، كېسىم تەرتىپى ئۇنىڭغا قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋېرىلىدۇ.

26 – ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبى بىلەن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن، قارارنى ئىجرا قىلالماسلىق ياكى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ئالاقىدارلار مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى ياكى مال–مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

خاتا ئىلتىماس قىلىپ قويغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

3 – پاراگراف كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى

27 – ماددا كېسىم كېڭىشى ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، باشكېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ، باشقا ئىككى كېسىمچىنى ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ؛ ئالاقىدارلار تاللىيالمىسا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.

يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدىن پاكىتى ئېنىق، ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ بولغان، تالاش– تارتىش ئېغىر بولمىغانلىرىنى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىر كېسىمچى كېسىم قىلسا بولىدۇ. كېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ ياكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم كېڭىشى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئىش كۈنىدە كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

28 – ماددا كېسىمچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى شەرت، ئالاقىدارلارمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بولسا ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېقىنتۇغقانلىرى بولسا؛

(2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل كېسىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشكەن ياكى ئالاقىدارلار،ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىياپىتىنى يېگەن، سوۋغىتىنى ئالغان بولسا.

ئالاقىدارلاردىن چەتلىتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق كېڭەشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. چەتلىتىش سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن بىلگەنلەر ئاخىرقى بىر قېتىملىق كېڭەش ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

29 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى چەتلىتىش ئىلتىماسى ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىپ، ئالاقىدارلارغا ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

كېسىمچىلەرنىڭ چەتلەپ تۇرۇش– تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىمكومىتېتىنىڭ مۇدىرى قارار قىلىدۇ؛ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرىكېسىمچى بولغاندا ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇش – تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىمكومىتېتى كوللېكتىپ قارار قىلىدۇ.

كېسىمچىلەر چەتلەپ تۇرۇش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلالمىسا، كېسىمچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تاللاش ياكى بېكىتىپبېرىش كېرەك.

4 – پاراگراف كېڭەش ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش

30 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىمقىلىشتا كېڭەش ئېچىش كېرەك.

كېڭەش ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە ئېچىلسىمۇ،يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى بار جايدا ئېچىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار ئىككىتەرەپ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىش كېرەك.

كېڭەشنى ئوچۇق ئېچىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغانلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلار ئوچۇق ئاچماسلىقنى پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

31 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئاچىدىغان ۋاقىت، ئورۇننى كېڭەش ئېچىشتىن بەش ئىش كۈنى بۇرۇن ئالاقىدارلارغا ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىغائۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدارلاردىن يوللۇق ئاساسى بولغانلىرى كېڭەش ئېچىش ۋاقتى، ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆزگەرتىش–ئۆزگەرتمەسلىكنىكېسىم كېڭىشى قارار قىلىدۇ.

32 – ماددا ئالاقىدارلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسا بولىدۇ. كېلىشىۋېلىپ كېسىم ھاسىل قىلغانلىرى كېلىشىۋېلىپ ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئاساسەن قارار چىقىرىپ بېرىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسىمۇ، كېسىم ئېچىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

33 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم تەلىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى بۇ تەلىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىنغۇچىلار كېسىم تەلىپىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، قارشى تەلىپىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

34 – ماددا كېسىم كېڭىشى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى قارشى تەلەپ قويغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېسىم كېڭىشى كېسىم قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك.

35 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ، يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى ئۈستىدە سىرتتىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ.

36 – ماددا ئالاقىدارلار كېڭەش ئېچىلغاندا پىكرىنى، پاكىت ۋە ئاساسىنى بايان قىلىشقا، دەلىل – ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىشكە، يۈزلەشتۈرۈشكە ۋە مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل – يېزىقنى پىششىق بىلمەيدىغان ئالاقىدارلارغا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

37 – ماددا ئالاقىدارلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار ئالاقىدار بىر تەرەپ ھېسابلىنىدىغان ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قولىدا، باشقۇرۇشىدا بولسا، شۇ ئالاقىدار تەرەپ ئۇنى كېسىمكېڭىشى بېكىتكەن مۆھلەتتە بېرىشى، مۆھلەت ئۆتكىچە بەرمىگەنلىرى پايدىسىز ئاقىۋەتكەئىگە بولۇشى كېرەك.

38 – ماددا كېسىم كېڭىشى توپلاشنى زۆرۈر تاپقان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئۆزىتوپلىسا بولىدۇ.

39 – ماددا كېسىم كېڭىشى باھالىتىشنى، زۆرۈر تاپقان مەخسۇس ئىشلارنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باھالىغۇچى ئاپپاراتنىڭ باھالاپ بېرىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولسا، كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن باھالىغۇچى ئاپپارات باھالاپ بېرىدۇ.

باھالىغۇچى ئاپپارات ئالاقىدارلارنىڭ ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باھالىغۇچىنى كېڭەشكە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باھالىغۇچىغا سوئال قويسا بولىدۇ.

40 – ماددا كېڭەش ئاچقاندا دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئوچۇق كېڭەش ئاچقاندا كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

كېسىم كېڭىشى كېڭەشنى كېسىم قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېچىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە باراۋەر پىكىر بايان قىلىش، مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتى بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنى يۈزلەشتۈرۈشى كېرەك.

كېسىم كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىدە راست بولۇپ چىققان دەلىل – ئىسپاتلارنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

41 – ماددا دەلىل – ئىسپاتلار يوقىلىپ كېتىش ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا، ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىنى دەلىل– ئىسپات بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

42 – ماددا ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ ماجىرالاردا، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، كېسىم كېڭىشى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە توپا ئېلىش، يەر ئىگىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ھەققىدە ئالدىن كېسىم چىقارسا بولىدۇ.

ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالدىن چىقىرىلغان كېسىمنى ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىلتىماسىغا تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشى كېرەك.

43 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئېچىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى،ئۇنىڭغا كېسىمچىلەر، خاتىرىلىگۈچىلەر، ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويۇشى، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىشى كېرەك.

ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ بايانىنىڭ خاتىرىلەنمەي قالغان ياكى خاتا خاتىرىلىنىپ قالغان يەرلىرى بار دەپ قارىغانلىرى تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويمىغاندا، شۇ ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

44 – ماددا كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن پاكىتىغا ۋە قانۇنغا شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىشى ھەمدە قارارنامە تەييارلىشى كېرەك.

قارارنى كۆپ ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك، ئازساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى خاتىرىلەپ قويۇلسا بولىدۇ. كېسىم كېڭىشىدە كۆپ سانلىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەندە، قارارنى باش كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك.

45 – ماددا قارارنامىگە كېسىم تەلىپى، تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان پاكىت، قارار چىقىرىش ئاساسى، نەتىجىسى، قارار چىقارغان ۋاقىتنى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىنىڭ دەۋالىشىش ھوقۇقى ۋە مۆھلىتىنى يېزىش، كېسىمچىلەر ئىمزا قويۇش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىش كېرەك.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنىدە قارارنامىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىغا دەۋالىشىش ھوقۇقى ۋە مۆھلىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

46 – ماددا كېسىم كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادا قىلىدۇ،مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

47 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش ئىشىنى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، مۆھلەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەستىقى بىلەن مۆھلەت ئۇزارتىلسا ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

48 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. مۆھلەت ئۆتكىچە دەۋا قىلمىسا، قارارنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

49 – ماددا ئالاقىدارلار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان مۇرەسسەنامە ۋە قارارنامىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۆھلەت ئۆتكىچە ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى مال– مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

50 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزىلاردىكى يەر دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاقنى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ.

51 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش قائىدىسى ۋە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ ئۈلگە قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

52 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشتا ئالاقىدارلاردىن ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، كېسىم خىراجىتى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2580480.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#