جۇڭ گۇەنگۇاڭ

ئۆسۈملۈك تۈرىدە ئىككى ئۇرۇقداش − جۇڭ دەرىخى ئۇرۇقدىشى ۋە گۇەنگۇاڭ دەرىخى ئۇرۇقدىشى بار بولۇپ، بۇلار جۇڭ گۇەنگۇاڭ (1868 −1940) نىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئاتالغان، بۇ دۇنيا ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىدا ئاز ئۇچرايدۇ. جۇڭ گۇەنگۇاڭ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان بوتانىكىسىغا يول ئاچقۇچى ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىشنىڭ ئاساسچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇڭ گۇەنگۇاڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭ ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1940-يىل
خەنزۇچە ئىسمى 钟观光
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1868-يىل
كەسپى ئۆسۈملۈك تەتقىقاتچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1887-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى جېنخەي ناھىيەسى سەيچاۋ بازىرى جياڭيەن كەنتىدىن ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن جۇڭ گۇەنگۇاڭ دېگەن بىر زىيالىي چىققان. جۇڭ گۇەنگۇاڭ خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. جۇڭ گۇەنگۇاڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئىللىتىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، قەدىمكىلەرنىڭ «چېچىنى لىمغا ئېسىش، يوتىسىغا بىگىز تىقىش» تەك تىرىشىپ ئوقۇش ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۈستەل پۇتىغا باغلاپ قويۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆگىنىشتىكى شىجائىتىنى تەرىپلەش ئۈچۈن، ئۇنى «پۇتىنى باغلىۋالىدىغان زىيالىي» دېيىشىدۇ.

جۇڭ گۇەنگۇاڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدىغان بارلىق خىمىيە، فىزىكا كىتابلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدۇ ھەم ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە، تەجرىبە قوراللىرى ۋە دورا سېتىۋالىدۇ. ئۇ يەنە ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيىگە ئىلغار پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشكە بارىدۇ.

جۇڭ گۇەنگۇاڭ40 ياشتىن كېيىن بوتانىكىنى تەتقىق قىلىپ، «مىڭ چاقىرىملاپ يول بېسىش، قاتمۇ-قات تاغلارغا چىقىش، ئەۋرىشكىلەرنى تولۇق يىغىپ، مۇكەممەل يېزىپ چىقىش» قا ۋەدە قىلىدۇ. ئۇ ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، 1914-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە، 11 ئۆلكىنى كېزىپ، ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، تاغ-دەريالاردا يۈرۈپ، قۇرۇتۇلغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىدىن 16 مىڭ خىلدىن كۆپرەكنى؛ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات ئەۋرىشكىسىدىن 500 نەچچە خىلنى؛ ياغاچ ماتېرىياللىرى، مېۋە، يىلتىز، بامبۇك تۈرىدىكىلەردىن 300 نەچچە خىلنى يىغىدۇ. جۇڭ دەرىخى ۋە گۇەنگۇاڭ دەرىخىنى مۇشۇ مەزگىلدە بايقايدۇ.

جۇڭ گۇەنگۇاڭ ھاياتىنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈپ، پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئەۋرىشكە يىغىش، كىتاب سېتىۋېلىش، مەكتەپ قۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. 1937-يىلى «7-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، جۇڭ گۇەنگۇاڭ بېيپىڭ تەتقىقات يۇرتى بوتانىكا تەتقىقات ئورنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ، ئۇ قىممەتلىك ماتېرىياللىرى، ياخشى كۆرىدىغان ئەۋرىشكىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن، جۇڭ گۇەنگۇاڭ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلغان ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن ئازاب ئىچىدە خوشلىشىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#