ئۇيغۇرچە نامى دۇۋلايتى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1155 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杜来提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرچىن ناھىيەسى
نوپۇسى 7737 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇۋلايتى يېزىسىدۇۋلايتى يېزىسى دۆلەت تاشيولى 217-لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1155 كىۋادرات كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي بىلەن بۇرچىن ناھىيەسى بازىرىنىڭ ئارىلىقى 19 كىلومېتىر، 11 مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق كەنتى سەككىز، چارۋىچىلىق كەنتى ئۈچ. يېزا ئومۇمىي نوپۇسى 7737 ئادەم، 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت %80 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ ئاھالىسى بىر قەدەر كۆپ مىللەت. 

دۇۋلايتى يېزىسىدۇۋلايتى يېزىسىغا قاراشلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: ئاقيار كەنتى، شار تېرەك كەنتى، ئەرتىش كەنتى، قۇرجىرا كەنتى، ئوتلاق يېڭى كەنتى، ئوتلاق 3-كەنتى، ئوتلاق 2-كەنتى، ئوتلاق 1-كەنتى، قاراتال كەنتى، ئەكىنشى كەنتى، دولايتى كەنتى. 

دۇۋلايتى يېزىسىدۇۋلايتى يېزىسى بويىچە جەمئىي تېرىلغۇ يەر 77000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ئېتىز 3518 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 5 مو، ئاساسلىق سېرىق پۇرچاق، مايلىق ئاپتاپپەرەس، بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 7861تۈمەن يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كىرىمى 1 مىليون 450 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3448 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن  354 يۈەن ئاشقان. يېزا-كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 1315000 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 38 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا دەرىجىلىك كىرىم 357 مىڭ يۈەن، كەنت دەرىجىلىك كىرىم 958000 يۈەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#