زىبا

زىبا پاكىستاننىڭ ئايال چولپانلىرى ئىچىدە ئەڭ لاتاپەتلىك ۋە گۈزەل چولپان بولۇپ، 1943-يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زىبا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1943-يىلى
ۋەكىللىك ئەسىرى «چىراغ جالاتا راخا»، «ئارمان»، «ئىنسان ۋە ئادمى»، «مۇھەببەت».
ئەسلى ئىسمى شاھىن
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور
مۇكاپات-نەتىجىلىرى ئۈچ قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم «نىگار» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى «نىگار» مىڭ يىللىق چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىبا پاكىستاننىڭ ئايال چولپانلىرى ئىچىدە ئەڭ لاتاپەتلىك ۋە گۈزەل چولپان بولۇپ، 1943-يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان، كېيىن ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرگە پاكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى شاھىن بولۇپ، زىبا ئۇنىڭ تەخەللوسى. 

زىبائۇ 1962-يىلى «چىراغ جالاتا راخا» ناملىق فىلىمدا تۇنجى قېتىم رول ئالغان. ئەنە شۇ يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ شانلىق كىنوچىلىق ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرى، ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى تېز ئالغا باسقان، ئۇ 1966-يىلى ئارتىس ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ۋاھىد مۇراد ئىشلىگەن «ئارمان» ناملىق فىلىمدا باش رول ئالغان.

1961-يىلى، ئۇ فىلىم ئىشلىگۈچى مۇھەممەد نۇر خاننىڭ بىر فىلىمىدە رول ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىم ئەمەلدىن قالغان. كېيىنكى يىلى ئۇ «چىراغ جالاتا راخا» ناملىق فىلىمدا رول ئالغان ھەمدە ئۇتۇق قازانغان. ئۇ يەنە ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە بىر فىلىمدە رول ئالغان، بۇ فىلىمى 1963-يىلى قويۇلۇپ ئۇتۇق قازانغان. ئۇ 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇنجى قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى زىبا ۋاھىد مۇراد بىلەن بىرلىكتە ئىككى فىلىمدا رولغا چىققان، 1965-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە زىبا ئەينى چاغدا تونۇلغان نۇرغۇن چولپانلار بىلەن خېلى كۆپ فىلىملەردە بىرگە رول ئالغان. 1970-يىلى ئۇ «ئىنسان ۋە ئادمى» ناملىق بىر فىلىمدا رول ئېلىپ، بىرىدەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى 2-قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 1972-يىلى «مۇھەببەت» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ ئۇتۇق قازانغان ھەمدە 3-قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. زىبا 1989-يىلى كىنوچىلىق ساھەسىدىن چېكىنگەنگە قەدەر 100 دەك فىلىمدا رول ئالغان.

زىبا يەنە بىر تونۇلغان كىنو رېژىسسورى بولۇپ، جەمئىي 45 فىلىمگە مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلغان.

زىبا كىنوچىلىق ھاياتىدا ئۈچ قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم «نىگار» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى «نىگار» مىڭ يىللىق چولپان مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى ئىلياس رەشىدى «ئالتۇن قارتا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورى «تارىختىكى ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ 25 نەپەر ئارتىس»نى باھالاپ چىققان. مۇھەممەد ئەلى بىلەن زىبا ئەر-ئايال بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

زىبازىبا تۇنجى قېتىم 1959-يىلى كاۋاجا رەھمەت ئەلى بىلەن توي قىلىپ، 1962-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن، 1964-يىلى سۇدىر بىلەن توي قىلىپ، 1966-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن. 1966-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇھەممەد ئەلى بىلەن توي قىلغان. زىبانىڭ تۇنجى ئېرىدىن سامىنا ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بالىنى قانۇنىي يول ئارقىلىق يېنىغا ئەكىلىۋالغان.

زىبامۇھەممەد ئەلى بىلەن زىبا توي قىلغاندىن كېيىن، ھەقىقىي تۈردە ئېكراندىكى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەرگە ئايلانغان، زىبانىڭ بۇ 3-نىكاھى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇنچىلىك بەختلىك ۋە خۇشال-خۇرام ياشىغان، ئىككىيلەن بىرلىكتە 70 تىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئېلىپ، پاكىستاندا «ئەلى-زىب» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇلار مەيلى ئېكراندا، مەيلى ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بولسۇن، بىر-بىرىنى يېتەكلەپ، ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئېرىشكەن شان-شەرەپلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#