يېڭىباغ يېزىسى

يېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11.7 كىلومېتر كېلىدۇ. جەنۇبتا مۇغاللا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى ئويتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون كېرىيە ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英巴格乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 4333.8 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاختىلىق ئېتىزلاريېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11.7 كىلومېتر كېلىدۇ. جەنۇبتا مۇغاللا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى ئويتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە دېھقانچىلىق مەيدانى بار. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 53.5 كىلومېتىر، كۆلىمى 4333.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1361.5 مېتىر كېلىدۇ. 

يېزا پارنىكىيېڭىباغ يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ، يىل بويى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 458 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ. تۇپراقنىڭ شورلىشىشى بىر قەدەر ئېغىر، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ناچار. 

دېھقانلار ئەمگەك مەيدانىدا1. سۇ بايلىقى بىرقەدەر مول، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بىر يەر ئاستى سۈيى بار، چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى بار، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ.

2. يېڭىباغ يېزىسىدا سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول بولغانلىقتىن، كەڭ كۆلەمدە تەبىئىي قومۇش كۆلى مەۋجۇت، بۇ يېڭىباغ يېزىسىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

3. يېڭىباغ يېزىسىنىڭ ئارىلىقى قۇملۇققا يېقىن، شۇڭا قۇم بارخانلىقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، يۇلغۇن، توشقانزەدىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار.

4. پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوز يەر ئېچىش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي زور. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#