ئىيوخان گوتېنبېرگ

ئىيوخان گوتېنبېرگ

ئىيوخان گوتېنبېرگ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچى دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىپتىدائىي مەتبەئە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا، ئۇ نابور ۋە ماشىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يازما ماتېرىياللارنى تېز ھەم سۈپەتلىك بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان قىلدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىيوخان گوتېنبېرگ
باشقا نامى Johannes Gutenberg
تۇغۇلغان ۋاقتى 1400-يىلى
كەسپى كەشپىياتچى
خەنزۇچە ئىسمى 约翰内斯·古登堡
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1468-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىيوخان گوتېنبېرگگوتېنبېرگنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ مەتبەئەچىلىك جەريانىدىكى نابور ۋە تىزىش، مەتبەئە ماشىنىسى، مەتبەئە مېيى، ماتېرىيالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىلنى مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىدە ھەمدە سۈپەتلىك ۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

ئىيوخان گوتېنبېرگ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچى دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىپتىدائىي مەتبەئە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا، ئۇ نابور ۋە ماشىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يازما ماتېرىياللارنى تېز ھەم سۈپەتلىك بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان قىلدى. 

ھەممىمىزگە ئايانكى، ھەرقانداق بىر كەشپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىر ئادەمنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىقمايدۇ. بۇنى مەتبەئە تېخنىكىسىغا مىسال قىلىش مۇمكىن. مەتبەئە قائىدىلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئىمزا قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تامغا، گوتېنبېرگ دۇنياغا كېلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى جۇڭگودا ئىشلىتىلىشكە باشلانغانىكەن. كىتاب مەتبەئەچىلىكى تەخمىنەن مىلادى 868-يىلى بارلىققا كەلگەن. مەتبەئەچىلىك گوتېنبېرگدىن ئىلگىرىلا غەرب ئەللىرىدە باشلىنىپ بولغان. بىراق، ئۇ چاغدىكى مەتبەئە ئويما مەتبەئەسى ۋە ياكى تاش مەتبەئە ئىدى. بىر كىتابنى بىرنەچچە نۇسخىلا باسقىلى بولاتتى. روشەنكى، بۇ خىل مەتبەئە ئۇسۇلىنىڭ كەمچىلىكى كۆپ ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، يېڭى بىر كىتابنى بېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن ياغاچ ۋە تاش تاختايلىرىنى ئويۇشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭلاشقا بۇ خىل ئۇسۇل سانى جىق، تۈرى كۆپ كىتابلارنى بېسىشقا باب كەلمەيتتى. 

گاھىدا، بەزىلەر گوتېنبېرگنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەشپىياتى مىخ مەتبەئە دېيىشىدۇ. لېكىن بىز يەنە شۇنى بايقىدۇقكى، نابور ھەرپلىرىنى 12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جۇڭگولۇق بى شېڭ دېگەن بىر ئادەم كەشىپ قىلغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، بى شېڭ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ساپالدىن ياسىغانىكەن. بۇ خىل ھەرپ ئاسان چېقىلىپ كېتەتتى. كېيىن جۇڭگولۇقلار بىلەن كۇرىيىلىكلەر ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. گوتېنبېرگدىن بۇرۇن كۇرىيىلىكلەر مېتالدىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانىدى. 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇرىيە ھۆكۈمىتى مىخ مەتبەئە ئىشلەپ چىقىرىشنى قوللىغان. شۇنداقتىمۇ بىز بى شېڭنى بۇ جەھەتتە تەسىرى بار شەخس دەپ قارىيالمايمىز. ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىقلار جۇڭگولۇقلارنىڭ مىخ مەتبەئە ئىشلەتكەنلىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق. ئۇلار مەتبەئەچىلىكنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرغان. يەنە بىر سەۋەب، ئۇ بولسىمۇ، جۇڭگودا مىخ مەتبەئەنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى كېيىنرەك بولغان، ئاساسەن ياۋروپانىڭ تەرەققىي قىلغان مەتبەئەچىلىكى كەڭ كۆلەمدە تارقالغاندا بولغان. 

ئىيوخان گوتېنبېرگمەتبەئەچىلىك مۇنداق تۆت چوڭ ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، نابور ۋە تىزىش، ئىككىنچىسى، مەتبەئەچىلىك ماشىنىسى؛ ئۈچىنچىسى، مۇۋاپىق مەتبەئە مېيى، تۆتىنچىسى، ئوبدان ماتېرىيال، يەنى مەتبەئەچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان قەغەز.

گوتېنبېرگنىڭ مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىدىكى تۆھپىسى ئۇنىڭ يۇقىرىقى تۆت ئامىلنى مەركەزلەشتۈرۈشتە ھەمدە سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشتا، ئۇ دۇنياغا بىر يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى سۇندى. بۇ دۇنيا يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر بەلگىسى. 

ئەمەلىيەتتە، گوتېنبېرگنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ماتېرىيال ناھايىتى ئاز. كۆپچىلىككە ئايان. ئۇ 1400-يىلى گېرمانىيە نىڭ ماينتىس شەھىرىدە تۇغۇلغان. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەتبەئەچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئەڭ سۈپەتلىك باسقان كىتابى «گوتېنبېرگ دەستۇرى» ئىدى. ئۇنى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ ئۆز كەشپىياتىدىن نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشەلمىدى. ئۇ بىر مەيدان دەۋاغا كىرىشىپ قېلىپ، نەتىجىدە، يېڭىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەتبەئە ماشىنىسى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھەمرىيى ئىيوخان فاستقا تەئەللۇق قىلىنىدۇ. 1468-يىلى ئۇ مايتىس شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#