ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل-ئىسپات توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە

ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل-ئىسپات توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگ

بۇ بەلگىلىمە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو پاكىتىنى توغرا بېكىتىش، ھەق-تەلەپ دېلولىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ھەق-تەلەپ سوت قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل-ئىسپات توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于民事的诉讼证据的若干规定
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
ھۆججەت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2001) 33-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2001) 33-نومۇرلۇق بۇيرۇقى 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل-ئىسپات توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى» 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1201-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويولىدۇ. 

2001-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 

1-ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى

1-ماددا  دەۋاگەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشتا ياكى جاۋابكار قارشى ئەرز قىلىشتا، ئەرز قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى قوشۇمچە قىلىش لازىم. 

2-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆزى دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا ئاساسلانغان پاكىت ياكى قارشى تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشتا ئاساسلانغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش جاۋابكارلىقى بولىدۇ. 

ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولمىسا ياكى دەلىل-ئىسپاتى يىتەرلىك بولمىسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشى پايدىسىز ئاقىۋەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

3-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشتىكى تەلەپ ۋە قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئاكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، راستچىللىق بىلەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 

ئالاقىدار كىشىلەر ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى دەلىل-ئىسپات توپلىيالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

4-ماددا  تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ:

(1) يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، كەشپىيات پاتېنتى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پاتېنت ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

(2) يۇقىرى خەتەرلىك مەشغۇلات ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈش يۈزسىدىن قىلىنغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچى زىيانغا ئۇچىرىغۇچىنىڭ قەستەن زىيان پەيدا قىلىش پاكىتىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛

(3) مۇھىتنى بۇلغاش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەركىتى بىلەن زىيان سېلىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئۈستىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛

(4) ئىمارەت ياكى باشقا مۇئەسسەسىلەر ھەمدە ئىمارەت ئۈستىگە قويۇلغان، ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۆرۈلۈپ كىتىپ، ئاجراپ كىتىپ، چۈشۈپ كىتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى يوقلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى  زىممىسىگە ئالىدۇ؛

(5) باققان ھايۋانلارنىڭ باشقىلارغا زىيان سېلىشىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ

(6) مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى قانۇندا بالگىلەنگەن جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛

(7) ئورتاق خەۋپلىك قىلمىش باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىغا سەۋەب بولغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، خەۋپلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكالىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛

(8) داۋالاش ھەركىتىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھەركىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە داۋالاش سەۋەنلىكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛

مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىدۇ. 

5-ماددا  توختام ماجىرالىرى دېلولىرىدا، توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ھەمدە كۈچكە ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار تەرەپتىكى كىشىلەر توختام تۈزۈش ۋە كۈچكە ئىگە بولۇش پاكىتى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛ توختام مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش، كۈچتىن قالىدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان تەرەپتىكى ئالاقىدار كىشىلەر توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

توختامنى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقتا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادا قىلىش مەجبۇرىيتىنى زىممىسىگە ئالغان ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالىدۇ.  

ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشتا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار كىشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

6-ماددا  ئەمگەك تالاش-تارتىش ماجراسى دېلولىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن ھەيدەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، چېكىندۈرۈش، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى ھېسابلاش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرى تۈپەيلدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل –ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

7-ماددا  قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغان، مۇشۇ بەلگىلىمە ھەمدە باشقا ئەدلىيىلك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى باراۋەرلىك پىرىنسىپى ۋە سەمىمىي، ئىشەنچىلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاماللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئېلىشنى بېكىتسە بولىدۇ. 

8-ماددا دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشلەردىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بايان قىلغان دېلونىڭ پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە، ئالاقىدار تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ دەلىل –ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا. 

ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ بايان قىلغان پاكىتنى يەنە بىر تەرەپ ھەم ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە ھەم ئىنكار قىلمىسا، سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈشى ھەمدە سوئال قويۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئېتىراپ قىلىندىغانلىقىنى ياكى ئىنكار قىلىندىغانلىقىنى يەنىلا ئېنىق بىلدۈرمىسە، شۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.

ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ۋاكالەتچىىگە ھاۋالە قىلغان بولسا، ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئالاقىدا ركىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى دەپ قارىلىدۇ.لېكىن ئالاھىدە ھۇقۇق بېرىلمىگەن ۋاكالەتچىنىڭ پاكىتنى ئېتراپ قىلىشى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئالاقىدار كىشىلەر نەق مەيداندا بولغان، لېكىن ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسا، ئالاقىدار كىشىلەر ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.

ئالاقىدار كىشىلەر سوتتىكى مۇنازىرە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئېتىراپ قىلىشنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بولسا ياكى ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەھدىت سېلىش ياكى چوڭ خاتا چۈشىنىش ئەھۋالى ئاستىدا چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان تولۇق دەلىل-ئىسپات بولسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.  

9-ماددا  تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى ھاجەتسىز:

(1)  ھەممىگە ئايان بولغان پاكىت 

(2)  تەبىئىي قانۇنىيەت ۋە تېئورىما بولسا؛

(3)  قانۇن بەلگىلىمىسى ياكى ئايان بولغان پاكىت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجىرىبە قائىدىلىرىگە ئاساسەن، يەنە بىر پاكىتنى ئەقىلىي ھۆكۈم بىلەن بېكىتكىلى بولسا؛ 

(4) خەلق سوت  مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىملىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىت بولسا

(5) كېسىم ئورگانلىرىىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىملىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىت بولسا؛

(6) كۈچكە ئىگە بولغان گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرىدە ئىسپاتلانغان پاكىت بولسا؛

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (3)، (4)، (5)، (6) تۈرىدىن ئالاقىدار كىشىلەر قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۋېتەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  

10-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشتە ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇمنى كۆرسىتىشى شەرت.  ئەگەر ئۆزىدىكى دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى، ئەسلىي بۇيۇمىنى ئۆزى ساقلاشقا توغرا كەلسە ياكى ئەسلىي نۇسخا، ئەسلىي بۇيۇمنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، خەلق سوت مەھكمىلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ باشقا ئەھۋال بولمىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ياكى كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنى كۆرسەتسە بولىدۇ

11-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپات جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا شەكىللەنگەن بولسا، مەزكۇر دەلىل-ئىسپات شۇ دەلىل-ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت گۇۋاھلىق ئورگىننىڭ گۇۋالىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دەلىل-ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت ئىمزالىغان مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.   

ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتلار شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرىدا شەكىللەنگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك.  

12-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە كۆرسەتكەن چەت ئەل يېزىقىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ياكى چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىغا خەنزۇچە تەرجىمىسى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك. 

13-ماددا  ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشى بولمىغان، لېكىن دۆلەت مەنپەئىتى ئىجتىمائىي ئومۇمىي  مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىىتىگە چېتىلىدىغان پاكىتلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ. 

14-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر ئۆزلىرى تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىغا بىر-بىرلەپ نومۇر سېلىشى، دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىسپاتلاش ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى، ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىشى، تاپشۇرغان ۋاقتىنى ئىزاھلىشى ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانى بويىچە قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتا ھۆججەت بېرىشى، دەلىل-ئىسپاتنىڭ نامى، سانى ۋە بەت سانى ھەمدە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتىنى ئىزاھلىشى، ئۈستىگە بېجىرگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. 

2-خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىشى

15-ماددا  «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 64-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلوغا قاراپ چىقىشتا زۆرۈر دەپ قارىغان دەلىل-ئىسپات» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پاكىتقا چېتىلسا؛

(2) خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئالاقىدار كىشىلەرنى قوشۇش، دەۋانى  توختىتىپ تۇرۇش، دەۋانى ئاخىرلاشتۇرۇش، چەتلەپ تۇرۇشتەك سۇبىستاتىسىيە تالاش-تارتىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان تەرتىپ ئىشلىرىغا چېتىشلىق بولسا.  

16-ماددا  مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىشىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن  ئېلىپ بېرىشى كېرەك.  

17-ماددا  تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ 

(1) تەكشۈرۈپ توپلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەلىل-ئىسپات دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئالىدىغان ئارخىپ ماتېرىياللار بولسا؛ 

(2) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيىتى، شەخىسنىڭ سىرىگە چېتىلىدىغان ئارخىپ ماتېرىياللار بولسا

(3)  ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپ  سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن ئۆز ئالدىغا توپلىيالمايدىغان باشقا ماتېرىياللار بولسا. 

18-ماددا  ئاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا يازما ئىلتىماس تاپشۇرۇشى كېرەك.  ئىلتىماسنامىگە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئورۇننىڭ نامى، ئولتۇرۇشلۇق ئادېرىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللىرى، تەكشۈرۈپ توپلايدىغان دەلىل-ئىسپاتنىڭ مەزمۇنى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇشتىكى سەۋەبلەر ھەمدە ئۇنىڭدا ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

19-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى بولۇشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇشنامە يەتكۈزۈشى كېرەك.  ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئۇقتۇرۇشنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى يازما ئلتىماس قىلسا بولىدۇ.  خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى لازىم.  

20-ماددا  تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ  توپلىغان يازما ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بولسا بولىدۇ.  تەكشۈرۈش ئارقىلق خاتاسىز بولغان قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى تەقلىد نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ.  قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى تەقلىد نۇسخىسى بولسا، تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە كېلىش مەنبەسى ۋە دەلىل-ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. 

21-ماددا  تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈپ توپلىغان ماددىي ئىسپات ئەسلىي نەرسە بولۇشى كېرەك.  تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، تەقلىد بۇيۇمى ياكى سۈرىتىنى بەرسە بولىدۇ.  تەقلىد بۇيۇم ياكى سۈرىتىنى بەرسە، تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە دەلىل-ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.  

22-ماددا  تەكشۈرگۈچى خادىملار كومپيۇتېر سانلىق ئاساسلىرى ياكى ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇغا ئېلىنغان ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ توپلاشتا، تەكشۈرۈلگۈچىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.  دەسلەپكى نۇسخىسىنى بېرىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، تەقلىدى نۇسخىسىنى بەرسىمۇ بولىدۇ.  تەقلىدى نۇسخىسى بېرىلگەن بولسا، تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەييارلاش جەريانىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.  

23-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 74-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىسىگە دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇستىن يەتتە كۈن ئىلگىرى بولۇشى لازىم. 

ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

قانۇن، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەردە دەۋادىن ئىلگىرىكى دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش توغرىسىدا بەلگىلمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.  

24-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، كونكېرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، سۈرەتكە تارتىش، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش، تەقلىد قىلىش، باھالاش، تەكشۈرۈش، خاتىرە تەييارلاشتەك  ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.  

خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

25-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر باھالاش ئىلتىماسىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.  مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 27-ماددىسدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن بولغانلىرىدا، ئالاقىدار كىشىلەر يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

باھالاشقا تېگىشلىك ئىشلاردا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ باھالاشنى ئىلتىماس قىلماي ياكى باھالاش خىراجىتىنى ئالدىن تاپشۇرماي ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، دېلودا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان پاكىتنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئارقىلىق بېكىتىلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولسا، مەزكۇر پاكىتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمەسلكىنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

26-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باھالاش ئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە باھالاش ئاپپاراتى، باھالىغۇچى خادىملارنى بەلگىلەيدۇ، كېڭىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلەيدۇ. 

27-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھاۋالە قىلغان باھالاش تارماقلىرى چىقارغان باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولۇپ، يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلىپ، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك: 

(1) باھالاش ئاپپاراتى ياكى باھالىغۇچى خادىملار مۇناسىۋەتلىك باھالاش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا: 

(2) باھالاش تەرتىپى قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپ بولسا؛

(3) باھالاش يەكۈنىنىڭ ئاساسى كۆرۈنەرلىك يېتەرسىز بولسا؛

(4) دەلىللەش ئارقىلىق دەلىل-ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار بېكىتىلگەن بولسا

نۇقسانى بار باھالاش يەكۈنىنى تولۇقلاپ باھالاش، يېڭىۋاشتىن دەلىللەش ياكى تولۇقلاپ دەلىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار  بىلەن ھەل قىلغىلى بولسا، يېڭىۋاشتىن باھالاشقا بولمايدۇ.  

28-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چىقارغان باھالاش يەكۈنى ئۈستىدە ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇنى رەت قىلىدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە ھەمدە يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.  

29-ماددا  سوت قىلغۇچى خادىملار باھالىغۇچى چىقارغان باھالاشنامىسىىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك

(1) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلسى ياكى نامى، ھاۋالە قىلىپ باھالاتقان مەزمۇنلار

(2) ھاۋالە قىلىپ باھالاتقان ماتېرىياللار؛

(3) باھالاشنىڭ ئاساسى ھەمدە ئىشلەتكەن ئىلمىي-تېخنىكا ۋاسىتىسى؛  

(4) باھالاش جەريانىنىڭ چۈشەندۈرۈشى؛

(5) ئېنىق بولغان باھالاش يەكۈنى؛

(6) باھالىغۇچىنىڭ باھالاش سالاھىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى؛ 

(7)  باھالىغۇچى ۋە باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى.  

30-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە، خاتىرە قالدۇرۇشى، خاتىرىگە تەكشۈرگەن ۋاقىتى، ئورۇن، تەكشۈرگۈچى، شۇ مەيداندا ھازىر بولغۇچى، باھالاش جەريانى، نەتىجىسىنى خاتىرىلىشى، ئۇنىڭغا نەق مەيداندىكى خادىملار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.  نەق مەيداننىڭ خەرىتىسىنى سىزىشتا خەرىتە سىزغان ۋاقىت، ئورۇن، خەرىتە سىزغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سالاھىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىزھلاپ قويۇشى كېرەك.  

31-ماددا  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەييارلىغان دېلونىڭ پاكىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئۈزۈندە قىلپ ئېلىشتا، چىققان جاينى ئىزاھلاپ قويۇشى ھەمدە تەييارلىغان ئورۇن ياكى ساقلىغۇچى ئورۇن تامغا بېسىشى، ئۈزۈپ ئالغۇچى ۋە تەكشۈرگۈچى ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. 

ھۆججەت، ماتېرىياللادىن ئۈزۈندە ئېلىشتا، مەزمۇنىنىڭ مۇناسىپ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش لازىم. باش-ئاخىرىدىن ئۈزۈۋېلىشقا بولمايدۇ.  

3-دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ۋاقىت چېكى ۋە دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش

32-ماددا  جاۋابكار جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىلرى يازما جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپى ھەمدە ئاساسلانغان پاكىت ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى پىكىرىنى بايان قىلىشى كېرەك.  : 

33-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دېلو قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەرزگە جاۋاب قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈشى كېرەك.  دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسىگە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى ۋە تەلىپى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللار، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدىغان دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ۋە مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى لازىم. 

دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىدۇ ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى بەلگىلىسە، بەلگىلىگەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى 30 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.  بۇ مۆھلەت ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دېلونى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى ۋە ئەرزگە جاۋاب بېرىش ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

34-ماددا  ئالاقدار كىشلەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەلىل –ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.  ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە تاپشۇرمىسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.

ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندا دەلىللەشنى تەشكىللىمىسە بولىدۇ.  لېكىن ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللەشكە قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  

ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا تەلىپىنى كۆپەيتىمەكچى، ئۆزگەرتىمەكچى ياكى قارشى ئەرز بەرمەكچى بولسا، دەلىل-ئىسپارت كۆرسىتىش مۆھلىتى تۇشۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.  

35-ماددا  دەۋالىشىش جەريانىدا، ئالاقىدار كىشىلەر تەشەببۇس قىلغان قانۇن مۇناسىۋىتنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەق تەلەپ ئىشلىرىنىڭ كۈچى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ەېلو پاكىتىغا ئاساسلىنىپ بېكىتكىنى بىردەك بولمىسا، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 34-ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك. 

ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا تەلىپىنى  ئۆزگەرتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن بەلگىلەپ بېرىشى لازىم

36-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر  ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشىنى كېچىكتۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.  خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ.  ئالاقىدار كىشىلەر ئۇزارتىلغان دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشتا يەنىلا قىينالسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشىنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.  رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قارار قىلىدۇ. 

37-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى رەسىمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ياكى مۇرەككەپ، چىگىش بولغان دېلولاردا، ئالاقىدار كىشىلەرنى جاۋاب بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، رەسمىي قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.  

38-ماددا  دەلىل-ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشىدىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ.  خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ.  

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىگەن بولسا، دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرغان كۈن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى توشقان كۈن بولىدۇ. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتكەن بولسا، دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش كۈنى مۇناسىپ ئۇزارتىلىدۇ.

39-ماددا  دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.  

دەلىل-ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، سوت قىلغۇچى خادىملار ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرى بولمىغان پاكىت، دەلىل-ئىسپاتلارنى دېلوغا خاتىرلىشى كېرەك؛ باشقىچە پىكىردە بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك بولغان پاكىتلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ دېلوغا خاتىرلىشى ھەمدە باشقىچە پىكىردە بولۇش سەۋەبلىرىنى خاتىرىلىشى لازىم. دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسلىلەرنى بېكىتىش كېرەك.  

40-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر قارشى تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، رەددىيە بەرسە ھەمدە يېڭى دەلىل-ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئادەتتە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن چوڭ، قىيىن ۋە دېلو ئەھۋالى ئالاھىدە مۇرەككەپ بولغان دېلولاردا خەلق سوت مەھكىمىلىرى يەنە بىر قېتىم دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ ھېسابلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

41-ماددا «ھەق-تەلەپ داۋا قانۇنى» 125-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «يېڭى دەلىل-ئىسپات »دېگەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) بىرىنچى سوت تەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:ئالاقىدار كىشلەرنىڭ بىرىنچى سوتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سەزگەن دەلىل-ئىسپات؛ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئوبىيېكىتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە كۆرسىىتىشكە ئامالسىز قالغان، خەلق سوت مەھكىمىللىرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق، مۇددەتنى ئۇزارتىش مۇددىتى ئىچىدە يەنىلا كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان دەلىل-ئىسپات

(2) ئىككىنچى سوت تەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بىرىنجى سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سېزىلگەن دەلىل-ئىسپات؛ ئالاقىدار كىشىلەر بىرىنجى سوتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىىمىللىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى تەستقلانمىغان، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئالغان دەلىل-ئىسپاتلار

42-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنجى سوت تەرتىپىدە يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئىشى ئىككىنچى سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى ياكى رەسمىي سوت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويولىشى كېرەك؛ ئىككىنچى سوتتا رەسمىي سوت قىلىشنىڭ زۆرۈريتى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىللىرى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

43-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتى يېڭى دەلىل-ئىسپات بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىللىرى قوبۇل قىلمايدۇ. 

ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئوبىيكېتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇخسەت قىلىنغان مۇددەت ئىچىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزگۇر دەلىل-ئىسپاتنى قاراپ چىقىش ھۆكۈمنىڭ روشەن، ئادىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان بولسا، ئۇ كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتنى يېڭى ئىسپات دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

44-ماددا  «ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 179-ماددىسى 1-تارماق (1) تۈرىدە بەلگىلەنگەن«يېڭى دەلىل-ئىسپات»دېگەن ئۇقۇم ئەسلى سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سېزىلگەن دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ. 

ئالاقىدار كىشىلەر قايتا قاراپ چىقىش تەتىپىدە كۆرسىتىدىغان يېڭى دەلىل-ئىسپاتنى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 

45-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ياكى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنى ئۇقتۇرىشى كېرەك. 

46-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەلىل-ئسپات كۆرسىتەلمەي دېلونى ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ياكى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش سەۋەبىدىن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا قاراپ چىقىشقا ياكى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىشقا سەۋەبچى بولسا، ئەسلى قاراپ چىقىپ چىقارغان ھۆكۈم خاتا ھۆكۈم قىلىنغان دېلو قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالاقىدار كىشىلەردىن بىرتەرەپ يېڭىدىن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن زىممىسىگە ئالىدىغان كۆپەيگەن كاماندوروپكا، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش، گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كىلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش ۋە دەۋالىششقا كەتكەن مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى ھەمدە مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن چوڭايغان زىينىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. 

4-يۈزلەشتۈرۈش

47-ماددا  دەلىل-ئىسپات سوتتا كۆرسىتىلىشى، ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن يۈزلەشتۈرۈشى كېرەك.  يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتمىگەن دەلىل-ئىسپاتنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.  

ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئېتىراپ قىلغان ھەمدە دېلوغا خاتىرىلەنگەن دەلىل-ئىسپاتنى سوت قىلغۇچى خادىملار رەسمىي سوتتا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.  

48-ماددا  دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان ياكى قانۇندا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش لازىملىقى بەلگىلەنگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى رەسىمىي سوت قىلغاندا ئاشكارا يۈزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. 

49-ماددا  يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات، ئاڭلاش، كۆرۈش ماتېرىياللىرىنى يۈزلەشتۈرگەندا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسىخىسى ياكى ئەسلىي ماددىي ئىسپاتىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا: 

(1)  ئەسلىي نۇسخىسىنى ياكى ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولغان ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەقلىد قىلىنغان نۇسخسى ياكى تەقلىد قىلغان نەرسىنى كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا؛ 

(2)  ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسە مەۋجۇت بولمىغان، لېكىن تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى، تەقلىد قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇم بىلەن بىردەكلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا. 

50-ماددا  يۈزلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقى، باغلىنىشىلىقى، قانۇنلۇقلۇقى، دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى چۆرىدېگەن ھالدا سوئال قويۇشى، چۈشەندۈرۈشى ياكى رەددىيە بېرىشى كېرەك. 

51-ماددا  يۈزلەشتۈرۈش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

(1) دەۋاگەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىدۇ، جاۋابكار، ئۈچىنچى كىشى بىلەن دەۋاگەر يۈزلىشىدۇ؛

(2) جاۋابكار دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر ئۈچىنچى كىشى بىلەن جاۋابكار يۈزلىشىدۇ؛)

(3) ئۈچىنچى كىشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر، جاۋابكار بىلەن ئۈچىنچى كىشى يۈزلىشىدۇ؛

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تەكشۈرۈپ توپلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپات قىلىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى رەسمىي سوت قىلغاندا كۆرسىتىشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلاش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرسە بولىدۇ.  

52-ماددا  دېلودا ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل دەۋا تەلىپى بولسا، ئالاقىدار كىشىلەر بىر-بىرلەپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ يۈزلەشتۈرۈشى لازىم. 

53-ماددا  مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان كىشىلەر گۇۋاھچى بولسا بولمايدۇ. 

ئىسپاتلىماقچى بولغان پاكىت بىلەن ئۇنىڭ ياش قۇرامى، ئەقل كۈچى ئەھۋالى ياكى روھى ساغلاملىق ئەھۋالى ماس كېلىدىغان ھەق-تەلەپ ئىشلىرىدا، ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار ۋە ھەق-تەلەپ ئشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلار گۇۋاھچى بولسا بولىدۇ.

54-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتىشىنى ئىلتىماس قىلىشىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئون كۈن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئلتىماسىغا رۇخسەت قىلغان بولسا، رەسمىي سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كىلىپ گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئۇقتۇرىشى ھەمدە ئەينەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش لازىملىقى ھەمدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. 

گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى سەۋەبىدىن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجەتنى ئالاقىدار كىشىلەردىن گۇۋاھچىنى كۆرسەتكەن تەرەپ ئالدى بىلەن چىقىم قىلىدۇ، دەۋادا يېڭىلگەن ئالاقىدار كىشى زىممىسىگە ئالىدۇ. 

55-ماددا  گۇۋاھچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئال قويۇشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

  گۇۋاھچى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللىگەن ئالاقىدار ئىككى تەرەپ دەلىل-ئىسپات ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

56-ماددا  «ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 70-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن « گۇۋاھچىلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولۇپ سوتقا چىقالمىسا »دېگەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) ياشىنىپ قالسا ياكى ھەركىتى قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىششقا ئامالسىز قالسا

(2) پەۋقۇلئاددە خىزمەت تۈپەيلى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالسا؛

(3) يول يىراق، قاتناش قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىششقا قىيىنچىلىق بولسا؛

(4) تەبئىي ئاپەت قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھادىسە تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشىشقا ئامالسىز قالسا. 

(5)  سوتقا قاتنىشىشقا ئىلاجىسىز بولغان باشقا ئەھۋاللار بولسا. 

گۇۋاھچىلار ئالدىنقى تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلق يازما گۇۋاھلىق سۆزى تاپشۇرسا ياكى كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى ياكى قوش يۆنىلىشلىك كۆرۈش، ئاڭلاش، يەتكۈزۈش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلق گۇۋاھلىقتىن ئۆتسە بولىدۇ. 

57-ماددا سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان گۇۋاھچىلار ئۆزلىرى ھېس قىلىپ بىلگەن پاكىتنى ئوبيېكتىپ بايان قىلىشى كېرەك.  گۇۋاھچىلار گاس-گاچا بولسا، باشقا ئىپادىلەش شەكلى بىلەن گۇۋاھلقتىن ئۆتسە بولىدۇ

گۇۋاھچىلار گۇۋاھلقتىن ئۆتۈشتە، قىياس، ئەقلىي ھۆكۈم، باھا خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلەتسە بولمايدۇ. 

58-ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. گۇۋاھچىلار سوتتا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى سىرىتتىن ئاڭلىسا بولمايدۇ. گۇۋاھچىدىن سوئال سورىغاندا، باشقا گۇۋاھچىلار نەق مەيداندا ھازىر بولسا بولمايدۇ.  خەلق سوت مەھكىمىلىرى زۆرۈر دەپ قارىسا، گۇۋاھچىلارنى يۈزلەشتۈرسە بولىدۇ. 

59-ماددا  باھالىغۇچى سوتقا قاتنىشىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئال سورىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.  

باھالىغۇچلار ھەقىقەتەن پەۋقۇلئادە سەۋەب تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشىشقا ئامالسىز قالسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئالىغا يازما جاۋاب بەرسە بولىدۇ

60-ماددا  سوتنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرگە سوئال قويسا بولىدۇ.  

گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەردىن سوئال سوراشتا، تەھدىت سېلىش، ھاقارەت قىلىش ھەمدە گۇۋاھچىنى نامۇۋاپىق سۆز ۋە شەكىللەر ئارقىلىق يېتەكلەشكە بولمايدۇ. 

61-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىردىن ئىككىگىچە مەخسۇس  بىلىمى بار كىشىلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىپ دېلودىكى مەخسۇس مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزھات بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقىلسا، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ئىلتىماس قىلغان ئالاقىدار كىشىلەر زىممىسىگە ئالىدۇ

سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر سوتقا قاتناشقان مەخسۇس بىلىمى بار كىشىلەردىن سوئال سورىسا بولىدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ھەر قايسىسى ئىلتىماس قىلغان مەخسۇس بىلىمى بار  خادىملار بىلەن دېلودىكى مەسلىلەر ئۈستىدە يۈزلەشسە بولىدۇ. مەخسۇس بىلىمى بار خادىملار باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.  

62-ماددا  سوت ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ يۈزلىشىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەر سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ئۈستىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. 

5-دەلىل-ئىسپاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش

63-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان دېلو پاكىتىنى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى لازىم.  

64-ماددا  سوت قىلغۇچى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئومۈميۈزلۈك، ئوبيېكىتىپ تەكشۈرۈشى، قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويىچە سودىيىلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، لوگىكىلىق ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنى قوللۇنۇپ دەلىل-ئىسپاتنىڭ دەلىللەش كۈچىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ھۆكۈم قىلىش ئاساسلىرى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. 

65-ماددا  سوت قىلغۇچى خادىملار يەككە دەلىل-ئىسپاتلارنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك:

(1) دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي نەرسىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تەقلىد قىلىنغان بۇيۇمى بىلەن ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇمنىڭ ئوخشاش-ئوخشاش ئەمەسلىكى؛ 

(2)  دەلىل-ئىسپاتنىڭ شۇ دېلو پاكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكى

(3) دەلىل-ئىسپاتنىڭ شەكىلى، كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن-ئۇيغۇن ئەمەسلىكى

(4)دەلىل-ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ چىن-چىن ئەمەسلىكى؛ 

(5) گۇۋاھىچىنىڭ ياكى گۇۋاھچى كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەۋالاشقۇچى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى. 

66-ماددا  سوت قىلغۇچى خادىملار دېلونىڭ بارلىق دەلىل-ئىسپاتىنى ھەرقايسى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دېلو پاكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرىجىسى، ھەر قايسى دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرىسال تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.  

67-ماددا  دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىىش ياكى ئەپلىشىپ قېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان يول قويۇشى چېتىلىدىغان دېلو پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېيىنكى دەۋالىشىش داۋامىدا ئۇنىڭغا پايدىسىز دەلىل-ئىسپات قىلىشقا بولمايدۇ.  

68-ماددا  باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى قانۇننىڭ مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن ئىگە بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.  

69-ماددا   تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ مۇستەقىل ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قىلغان ئۆزىنىڭ ياش قۇرامى ۋە ئەقىل كۈچىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛ 

(2) ئالاقىدار بىر تەرەپ ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان گۇۋاھچىلار بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزى

(3) گۇمانلىق جايلىرى بولغان كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى؛ 

(4) ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇم بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامال بولمىغان تەقلىد قىلىنغان نۇسخا، تەقلىد قىلىنغان بۇيۇم

(5) ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي سوتقا قاتناشمىغان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋالىق سۆزى.

70-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئالاقىدار قارشى تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولغان، ئەمما ئاغدۇرۇۋېتىشكە يېتەرلىك قارشى دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۈچىنى  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك:

(1) يازما ئەسلىي نۇسخا ياكى يازما ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، قوشۇمچە نۇسخىسى، قىسقارتىلىغان نۇسخىسى؛

(2) ماددىي دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى ياكى ماددىي دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، سىنئالغۇ ماتېرىياللىرى

(3) باشقا دەلىل-ئىسپات بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ھەمدە قانۇنلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن، گۇمانلىق جايلىرى بولمىغان كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى ياكى كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى 

(4) ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلغان خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەييارلىغان ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

71-ماددا   خەلق سوت مەھكمىلىرى ھاۋالە قىلغان، باھالاش تارماقلىرى چىقارغان باھالاش خۇلاسىسىنى ئالاقدار كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلىرى بولمىغانلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. 

72-ماددا   ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ دەلىل-ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە بىر تەرەپ ئېتىراپ قىلسا ياكى قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئۇنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دەلىل-ئىسپاتقا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولسا ھەمدە رەت قىلىش دەلىل-ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپ رەت قىلغان دەلىل-ئىسپاتنى رەت قىلمىسا، رەت قىلغان دەلىل-ئىسپاتنىڭ  ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ.  

73-ماددا  ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوخشاش بىر پاكىت ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە، لېكىن ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ دەلىل-ئىسپاتىنى ئىنكار قىلىشتا يېتەرلىك ئاساسى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل –ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ يەنە بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىدىن روشەن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچى بىر قەدەر چوڭ بولغان دەلىل-ئىسپاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.  

دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغانلىقتىن، تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان پاكىتنى بېكىتىشكە ئامال بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.

74-ماددا  دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئەرزنامە، جاۋابنامە، بايان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاكالەتلىك سۆزلىرىدە ئېتىراپ قىلغان ئۆزىگە پايدىسىز بولغان پاكىت ۋە ئېتىراپ قىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم.  لېكىن ئالاقىدار كىشىلەر  يېنىۋالغان ھەمدە قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

75-ماددا  ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپنىڭ قولىدا دەلىل-ئىسپات بار بولۇپ، ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي تۇرۇپ كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، ئەگەر ئالاقىدار قارشى تەرەپ مەزكۇر دەلىل-ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ دەلىل-ئىسپات تۇتقۇچىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلسا، مەزكۇر تەشەببۇسنى ۋۇجۇدقا چىققان دەپ ئەقلىي ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. 

76-ماددا   ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا بايانلا بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك باشقا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشقا بولمايدۇ.  لېكىن ئالاقىدار قارشى تەرەپ ئېتىراپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

77-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر قانچە دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئوخشاش بىر پاكىتنى ئىسپاتلاش كۈچىنى تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار بويىچە بېكىتسە بولىدۇ:

(1) دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تەييارلىغان ھۆججەت، يازما ئىسپاتلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە باشقا يازما ئىسپاتلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ؛ 

(2) ماددىي ئىسپات، ئارخىپ، باھالاش يەكۈنى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ياكى گۇۋاھلىق، تىزىملاشتىن ئۆتكەن يازما ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى باشقا يازما ئىسپات، ئاڭلاش، كۆرۈش ماتىرىياللىرى ۋە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن چوڭ بولىدۇ؛

(3) ئەسلىدىكى دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە قولدىن قولغا ئۆتۈپ يېتىپ كەلگەن دەلىل-ئىسپاتتىن چوڭ بولىدۇ؛

(4) بىۋاسىتە دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە ۋاسىتىلىك دەلىل-ئىسپاتتىن چوڭ بولىدۇ

(5) گۇۋاھچى كۆرسەتكەن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان باشقا دەۋالاشقۇچىلارغا پايدىلىق بولغان گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىچىك بولىدۇ. 

78-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى بېكىتىشتە، گۇۋاھچىنىڭ ئەقلى كۈچى ئەھۋالى، پەزىلىتى، بىلىمى، تەجرىبىسى، قانۇن ئېڭى ۋە كەسپى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. 

79-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم-كىسىم ھۆججەتلىرىدە دەلىل-ئىسپاتنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئاساسلىرىنى بايان قىلىشى كېرەك.  

ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرى بولمىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئاساسلىرىنى ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىدە بايان قىلماسلىققا بولىدۇ. 

6-باشقىلار

80-ماددا  گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.

ئالاقىدار كىشىلەر ياكى باشقا دەۋا قاتناشقۇچىلىرى دەلىل-ئىسپاتنى يالغاندىن ياسىسا، يوق قىلۋەتسە، يالغان دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، باشقىلارنى ساختا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشكە كۆرسەتسە، پارا بېرىپ سېتىۋالسا، تەھدىت سالسا ياكى گۇۋاھچى-باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، «ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 102-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

81-ماددا   خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاددىي تەتىپىنى تەتبىقلاپ دېلوغا قاراپ چىقىشى بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ 32-ماددىسى، 33-ماددىسنىڭ 3-تارمىقى ۋە 79-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 

82-ماددا  مەھكىمىمزنىڭ ئىلگىرىكى ئەدلىيلىك چۈشەندۈرۈشلىرى بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 

83-ماددا  بۇ بەلگىلىمە 2002-يىلى 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىن ئېتبارەن يولغا قويولىدۇ.  2002-يىلى 4-ئاينىڭ1-كۈنى بىجرىلىپ تاماملانمىغان بىرىنچى سوت، ئىككىنچى سوت ۋە قايتا سوت قىلنىدىغان ھەق-تەلەپ دېلولىرىغا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. 

بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قاراپ چىقىپ تاماملانغان ھەق-تەلەپ دېلولىرىدا ئالاقىدار كىشلەر بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى باھانە قىلىپ قايتا قاراپ چېقىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوللىمايدۇ

بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتا قاراپ چىقىلغان ھەق-تەلەپ دېلولىرىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى «ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 184-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قاراپ چىقىشتا، مۇشۇ بەلگىلىمە تەتبىقىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#