لاۋ شې  (1899-1966-يىللار) جۇڭگو بېيجىڭ دا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان يازغۇچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاۋ شې
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1966-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئەسلى نامى 舒庆春
خەنزۇچە ئىسمى 老舍
مىللىتى مانجۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، ئەدىپ، دراماتۇرگ
چەتئەلچە نامى Colin C.Shu、Lau Shaw

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان لاۋ شې (1899-1966-يىللار) ئۆزى پىششىق تونۇشىدىغان تۇرمۇشقا ئاساسەن، بىر شەھەر ئاھالىلىرى دۇنياسىنى ياراتتى، ئۇ «جاۋ زىيۆ»، «تۆگە شياڭزى»، «بىللە ياشىغان تۆت ئەۋلاد»، «ھىلال ئاي» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىلمۇخىل ئوبرازىنى ياراتقان.

لاۋما ئەپەندى، نيۇ بوۋاي، جىن بوۋايلار كونا شەھەر ئاھالىسىگە مەنسۇپ. ئۇلار فېئوداللىق تەرتىپنى بۇزۇشقا پېتىنالمايدۇ، ئۆزىنى بىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىدۇ، ئامالىنىڭ بارىچە توق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قېلىشنىلا ئويلايدۇ، يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرنى كىيىش ۋە يېڭىچە غاڭزا، ھاسىلارنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بوزەك قىلىنسىمۇ، خەقنى بىر ئېغىز تىللاپ قويسا يامان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. «بىللە ياشىغان تۆت ئەۋلاد» تىكى جىن جەمەتىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ھەممىلا يەردە سىياسىي بىلەن بارلىق تالاش-تارتىشلاردىن قېچىپلا يۈرىدۇ، ھەتتا، ياپونلار بېيجىڭغا كەلگەندىمۇ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋالسىلا تىنچ-ئامان بولىمىز، دەپ قارايدۇ. مۇنقەرزلىك تۇرمۇشىنى كەچۈرۈۋېتىپمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ، ئاسمان گۈمۈرۈلۈپ چۈشسىمۇ قائىدە-يوسۇننى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ «ئىناق ئۆتكەندە، بايلىق تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىگە رىئايە قىلىدۇ، ئۆي ئاختۇرغىلى كەلگەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارغا تەبەسسۇم بىلەن تەزىم قىلىدۇ، تەنبىھ بەرسە ئەدەپ بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ قوشنىلىرىنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنگە ئېچىنىدۇ، ئەمما قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بۇ كونا دوستىنى يوقلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

يېڭىچە شەھەر ئاھالىلىرىدىن جاڭ تيەنجىن، شياۋجاۋلار نام-ئابرۇي قوغلىشىدۇ، شەخسىيەتچى، يالغاندىن غايىلىك بولۇۋالىدۇ، پائالىيەت قىلىشقا ئامراق، تەنتەربىيە كىيىمى بىلەن ئۇخلايدۇ، كانكى بەتىنكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بازارغا چىقىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ پارچە گېزىت ئوقۇيدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، مەخسۇس كىنو، تىياتىر ئېلانلىرىنى توپلايدۇ، ھال تارتىپ يۈرىدۇ، تىلى بىلەن دىلى ئوخشىمايدۇ.

شياڭزى، لاۋما، شياۋسۈ قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ ئوبرازىدا لاۋ شېنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچى خەلققە ھېسداشلىقى ۋە كونا جەمئىيەتنى تەنقىدلىشى گەۋدىلەنگەن. شياڭزى بىر دۇرۇس ئەمگەكچى، ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەمگىكى ئارقىلىق مۇقىم، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭ غايىسى بىر رىكشا سېتىۋېلىپ كۈچىنىڭ بارىچە رىكشا سۆرەپ پۇل تېپىپ، رىكشا ئىگىسىنىڭ خورلۇشىدىن قۇتۇلۇش. لېكىن، تۇنجى رىكشىسىنى شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ قاچاق ئەسكەرلىرى تارتىۋالىدۇ، ئىككىنچى رىكشىنى سېتىۋېلىشقا تەييارلىغان پۇلىنى گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلىرى سوقۇپ كېتىدۇ. كەينى-كەينىدىن كەلگەن زەربە تۈپەيلىدىن تۆگىگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان شياڭزى ئاخىر تراگېدىيىلىك ھالاكەتكە ماڭىدۇ.

جاۋسى، لى جىڭچۈندەك پالۋان سۈپەت، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان پېرسوناژلار كۆڭۈلدىكىدەك شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئوبرازى. ئۇلار ئاق كۆڭۈل، ئاددىي خەلق ئۈچۈن ياۋۇزلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، ئادالەتنى جارى قىلدۇرىدۇ. يەنە ئائىلە ئاياللىرى تيەنيۈ خانىم، يۈن مېيلار ئادەتتە پەقەت قېرىلار، بالىلارنىڭ، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇنىڭ غېمىنىلا يەپ يۈرىدۇ، مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بولسا، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ئۆزى بىلەن ھېسابلاشماي، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. شائىر چيەن مولىن ئادالەت يولىدا قۇربان بېرىدىغان مىللىي غۇرۇرى ۋە پەزىلىتىنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلارغا تىز پۈكمەيدۇ.

لاۋ شېنىڭ ئەسەرلىرى يۇمۇر ۋە ساتىرا بىلەن تولغان بولۇپ، مەسخىرىنى غەزەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ رېئاللىققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بېيجىڭلىقلارنىڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك ئېغىز تىلىنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خۇددى كونا بېيجىڭلىقلار پاراڭلىشىۋاتقاندەك جانلىق، قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6507.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#