SAMSUNG گورۇھى

samsung

1996-يىلى يەر شارى بويىچە 5 كۈچلۈك گۇرۇھ قاتارىغا كىرگەن، ھازىر كۆپلىگەن تارماق شىركەتلەرنى ۋە باشقا قانۇنىي ئىگە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېقىندا 70 نەچچە دۆلەت ۋە ئورۇندا 300 گە يېقىن قانۇنىي ئىگە ۋە ئىش بېجىرىش  ئورنىنى قۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 196 مىڭ ئادەم.

ئۇيغۇرچە نامى SAMSUNG گورۇھى
شىركەت تىپى ئېلىكتىرون، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، پۇل-مۇئامىلە سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار.
باش شىتابى كورىيە
قۇرۇلغان ۋاقتى 1938-يىلى
توربېكىتى http://www.samsung.com/
خەنزۇچە نامى 三星集团
كەسپ تەۋەلىكى ئېلىكتىرون، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، پۇل-مۇئامىلە سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار.
قۇرغۇچىسى لى بىيۇڭ-چۇل
خىزمەتچى سانى 196 مىڭ ئادەم.
ئومۇمى كاپىتال 843 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

samsung1996-يىلى يەر شارى بويىچە 5 كۈچلۈك گۇرۇھ قاتارىغا كىرگەن، ھازىر كۆپلىگەن تارماق شىركەتلەرنى ۋە باشقا قانۇنىي ئىگە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېقىندا 70 نەچچە دۆلەت ۋە ئورۇندا 300 گە يېقىن قانۇنىي ئىگە ۋە ئىش بېجىرىش  ئورنىنى قۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 196 مىڭ ئادەم. نۆۋەتتە جەمئىي 62 تارماق شىركىتى بار، ئومۇمىي كاپىتالى 107 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 71 مىليون 300 مىڭ كورىيە ۋونى، سامسۇڭ كورىيە ئېكىسپورت قىممىتى 31 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ %18.1 نى ئىگەللەيدۇ، 2004-يىلى 59 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %20.7 نى ئىگەللىدى. 2003-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى باج ئىشلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، سامسۇڭ باج پۇلىنىڭ %6.3 نى ئىگەللەيدىكەن. سامسۇڭ شۈبھىسىزكى كورىيەدىكى باشلامچى كارخانا، شۇنداقلا سامسۇڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كورىيە ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2006-يىلى، سامسۇڭ دۇنيا بويىچە 35-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، ئەگەر دۆلەتلەر بويىچە تىزسا ئارگىنتىنادىن يوقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكىدا تىزىملاتقان 8782 تۈرلۈك پاتنىتنىڭ ئىچىدە، 3611 تۈرىنى سامسۇڭ ئېلىكتىرونى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئىگەللىگەن نىسبىتى %40 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1999-يىلىدىكى 3 مىليارد 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن، 2006-يىلىدىكى 16 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېشىش جەريانىدا، سامسۇڭ ماركىسىنىڭ قىممىتى بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆستى، 2002-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازاردىكى باشلامچىلىق قىممىتى ياپونىيە سونىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، 4 يىلدىن كېيىن، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆتۈرۈلدى؛

2009-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازاردىكى قىممىتى ئىنتېل (Intel Corporation) دىن ئېشىپ پۈتۈن يەرشارىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى. 2001-يىلنىڭ بېشىدىن 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە، سامسۇڭنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تىجارىتى %355 دىن ئېشىپ كەتتى، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، باشلامچى ئىنتېل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بازار ئىگەللەش نىسبىتى %4.1 لا پەرقلىنىدۇ. نۆۋەتتە سامسۇڭنىڭ 20 خىل مەھسۇلاتىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى باشلامچى كارخانا.

samsung2005-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا ئالما كومپىيۇتېرى سامسۇڭ بىلەن بىرلىكتە 3 مىليارد 800 مىليون مەبلەغ سېلىپ تېز سۈرئەتتە ئەستە ساقلاش ئۈزىكىنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى، سامسۇڭ Fortune تەرىپىدىن ئەڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كارخانا «يەر شارى All Star نىڭ 39-ئورۇن» غا  تاللاندى.

2005-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى دۇنيادىكى 100 چوڭ ماركىنىڭ ئىچىدە 20-ئورۇنغا تىزىلدى، ئۇدا 5 يىلى يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان 5 ماركىنىڭ بىرى بولدى.

2005-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 2007-يىلىدىن ئىلگىرى iPod مېدىيا قويغۇچ ساھەسىدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئالما كومپىيوتۇرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2006-يىلى، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى يەر شارى LCD كۆرسەتكۈچ ئېكرانى بازىرىدا 6 مىليون 583 مىڭ دانە سېتىلىپ، پۈتۈن بازارنىڭ %56 تىنى ئىگەللەپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى.

2006-يىلى، سامسۇڭ ياپونىيە Panasonic شىركىتىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ نېپىز ئېكرانلىق تېلىۋىزور بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلاندى، تا ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا.

2007-يىلىنىڭ 2-پەسلىدە، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى يانفۇن ساھەسىدە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان Motorola شىركىتىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى.

2008-يىلى، سامسۇڭنىڭ سودا ئوبروتى 3 تىرىليون NT$ دىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇچۇر شىركىتى ھەۋلەت-پەكارد تەرەققىيات شىركىتى (Hewlett-Packard Development Company) گە يىتىشىۋالايلا دەپ قالدى.

2009-يىلى 9-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ بازار قىممىتى ئىنتېل دىن ئېشىپ، 110 مىليار 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىنتېلغا سېلىشتۇرغاندا بازار قىممىتى 860 مىليون ئارتۇق بولۇپ، دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يوقىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ قالدى. 2010-يىل 2-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ سودا ئوبروتى ھەۋلەت-پەكارد تەرەققىيات شىركىتىدىن ئېشىپ، سودىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2010-يىلى 4-ئايدا،سامسۇڭ ئېلىكتىرونى 2020-يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدىكى سودىسىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى  4 تىرىليون 410 مىليارد كورىيە ۋونى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 3-پەسىلدىكى 4 تىرىليون 220 مىلياردلىق سودا رېكوتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، %643 ئۆستى.

2010-يىلى 7-ئايدا، 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنيا بويىچە 20 چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنى دەرىجىگە تۇرغۇرغاندا، سامسۇڭ ئىنتېلدىن كېيىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى.

2010-يىلى 10-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى سودىسى %12 ئېشىپ 35 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، باجدىن كېيىنكى ساپ پايدىسى %17 ئېشىپ 39 مىليار 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، كەينى-كەينىدىن تارىختىكى ئەڭ يوقىرى رېكورتنى ياراتتى.

2010-يىلى 12-ئايدا،باش دېرىكتور لى كۇن-ھى (Lee Kun Hee) نىڭ ئوغلى لى يى-يوڭ (Lee Jae-yong) دېرىكتورلۇق ئورنىغا ئۆستى.

2011-يىلى 3-ئايدا، سامسۇڭ گورۇھى ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى كۇئىنتېنىس (Quintiles Transnational) ھەمكارلىشىپ، يېڭى بىئو-تېخنىكا دورىگەرلىكىنى قۇردى، كاپىتالى 300 مىليارد كورىيە ۋونىغا يېتىدۇ.

2011-يىلى 6-ئايدا، سامسۇڭ گوروھىنىڭ مەخسۇس زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان تارماق شىركىتى سامسۇڭ Techwin شىركىتىدە چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. لى كۇن-ھى چىرىكلىشىشنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يامراپ كەتكەنلىكىنى، پۈتكۈل گورۇھنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يوقىرى قاتلام رەھبەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

2011-يىلى 6-ئايدا، سامسۇڭ يەر شارى بويىچە 120 دۆلەتتە Galaxy S2 نى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى، بىرىنچى ئەۋلاد Galaxy S بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Galaxy S2 نىڭ گەۋدىسى تېخىمۇ نېپىز، قېلىنلىقى پەقەت 8.5mm، ئېغىرلىقى 116 گرام، ئېكرانى 4.3 سۇڭلۇق Super AMOLED Plus،  Android Gingerbreadمەشغۇلات سېستىمىسىنى ئورنىتىشقا بولىدۇ. سامسۇڭ ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش بۆلىمىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك پايدىسى 1 تىرىليون 430 مىليارد كورىيە ۋونى بولۇپ، پايدا نىسبىتى %13.5.

2011-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى باھالىغاندا، سامسۇڭ گوروھى دۇنيا بويىچە 22-ئورۇنغا تىزىلدى.

2011-يىلى 7-ئايدا، يۈزەكى گۈللىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن، سامسۇڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى پايدىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %26 ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. تېلىۋىزور ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بەلكىم %53 كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ئەقلىي يانفون ساھەسىدە، سېتىلىش مىقدارى 4 ھەسسىلىنىپ، 10 مىليون 800 مىڭ دانىگە يەتتى.

ئىلىكتىرون 

سەنشىڭسامسۇڭ ئېلىكتىرونى-ئاساسلىق تىجارىتى ئىستىمال شەكلىدىكى ئېلىكتىرون، DRAM ۋە NAND، Flash يەككە پىلاستىنكىلىق كومپىيۇتېر ۋە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، رادىئو ئالاقىسى ئۈزىكى ۋە كىرىستال ئايلانمىسىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ سامسۇڭ گوروھىدىكى يېتەكچى شىركەت ھېساپلىنىدۇ.

سامسۇڭ ئېكرانى- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆرسەتكۈچ ئېكران شىركىتى، ئاساسلىق كەسپى LCD ۋە AMOLED يۈزلۈك تاختىسى ۋە ئېكرانىنى ئىشلەپچىقىرىش، سامسۇڭ ئېلىكتىر يۈزلۈك تاختىسى بۆلىمى ۋە سامسۇڭ ھەرىكەتچان ئېكرانى (SMD) ھەم  S-LCD بىرىككىشىدىن قۇرۇلغان شىركەت.

سامسۇڭ SDI- ئاساسلىقى قۇياش ئېنىرگىيەلىك باتارىيە، يېقىلغۇ باتارىيەسى، ئېنىرگىيە مەنبەسى ساقلىغۇچنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ SDS-ئاساسلىق تىجارىتى IT بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر، ICT مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سامسۇڭ گېنېراتورى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ تورى-ئاساسلىق تىجارىتى تېلگىراف ئالاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر.

سامسۇڭ كورنىڭ (Corning) نەپىس ئەينىكى-ئاساسلىقى TFT-LCD ئەينەكنىڭ ئاساسلىق تاختىسى، تەڭ ئىئونلۇق سۈزگۈچ، كىنېسكوپ (تېلىۋىزورنىڭ ئېكرانى) ۋە ئەينەك ياسايدۇ.

سامسۇڭ ئاۋىئاتسىيىسى-ئاساسلىق تىجارىتى سامسۇڭ بېل (Bell) 427 نى ئىشلەپچىقىرىش، بېل، بئىن (BBIN) قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مىخانىزىم 

سامسۇڭ ئېغىر سانائىتى-ئاساسلىقى پاراخوت ياسايدۇ.

سامسۇڭ مۈلۈكچىلىكى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرى زاپچاسلىرى،  قىسىم ئىشلىتىدىغان ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرىنى ياسايدۇ.

سامسۇڭ قۇرۇلىشى-ئاساسلىق تىجارىتى قۇرۇلۇش، ئەڭ داڭلىق قۇرۇلىشى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز سودا ساراي-خەلىفە مۇنارى ۋە مالايسىيادىكى ئېگىز بىنا-قوش چوققىلىق مۇنار.

خىمىيە سانائىتى 

سامسۇڭ total-ئاساسلىقى پلاستىك ماتىرىيال، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سامسۇڭ نېفىت خىمىيەسى- ئاساسلىق تىجارىتى بولسا PTA.

سامسۇڭ ئالىي خىمىيەسى-ئاساسلىقى ئېلىكتىر خىمىيەسى ماتىرياللىرى، ئالىي خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدۇ.

سامسۇڭ BP خىمىيەسى-ئاساسلىق ئىگىلىكى ئازوت كىسلاتاسى، H2، VAM ياساش.

مۇئامىلە سۇغۇرتىسى

سامسۇڭ ھاياتلىق سۇغۇرتىسى-ئاساسلىق تىجارىتى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى- ئاساسلىق تىجارىتى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى.

سامسۇڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى-ئاساسلىق تىجارىتى ئىناۋەتلىك كارتا تىجارىتى، بانكا قەرزى، ئىجارە مۇلازىمىتى.

باشقا تارماقلار 

سامسۇڭ 1-يۇڭ توقۇمچىلىق فابرىكىسى-ئاساسلىق تىجارىتى مودا كىيىم، توقۇلما بويۇملار، خىمىيە، ئېلىكتىر ماتىرىياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىرىنچى ئېلان-ئاساسلىق تىجارىتى ئېلان ۋاكالەتچىلىكى.

شىللا مېھماخانىسى (Hotel Shilla)-مېھماخانىغا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

سامسۇڭ ئەۋېرلەند (Everland) باغچىسى-گىيوڭگى-دو يونگىن ( Gyeonggi-do Yongin) شەھىرىگە جايلاشقان باغچا بولۇپ، كورىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى،   ، ئەۋېرلەند (Everland) باغچىسى موتوتسىكىلىت مۇسابىقە مەيدانىدىن تۈزۈلگەن.

سامسۇڭ سىئۇل دوختۇرخانىسى

سامسۇڭ ئارىسلانى (توپ ئەترىتى)

سامسۇڭ ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى

سامسۇڭ ئۇنۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتوتى

سامسۇڭ ئادەم كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنىستىتوتى

خو-ئام (hoam) مالىيە تەشكىلاتى

سامسۇڭ S1 شىركىتى

سامسۇڭ مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى

سامسۇڭ پاراۋانلىق فوندى جەمىئىيىتى

سامسۇڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى خەلق ئاممىسى پاراۋانلىق فوندى جەمىئىيىتى

samsungتوشىبا ساقلىغۇچ پەن-تېخنىكا شىركىتى (Toshiba Samsung Storage Technology Corporation)-ياپونىيە توشىبا ۋە كورىيە سامسۇڭ ئېلىكتىرونى شېرىكلەشكەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شىركىتى، ئاساسلىقى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

رېنائۇل سامسۇڭ ماشىنىسى (Renault Samsung Motors)-فرانسىيە رېنائۇل ماشىنىسى ۋە كورىيە سامسۇڭ ماشىنىسى شېرىكلەشكەن كارخانا،  كورىيە بويىچە 3-چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بولۇپ، بۇ شىركەت كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى بازارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرتقا ئېكىسپورت قىلىش مىقتارى ئاز، بۇ ماركا ياپونىيە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن ھەمكارلاشقاچقا، لاھىيىسىنىڭ ھەممىسى ياپونىيە ماشىنىلىرىنى ئاساسىي نۇسخا قىلغان. رېنائۇل سامسۇڭ ماشىنىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بولسا 2010-يىلى ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنى كۆپەيتىپ 500 مىڭ ماشىنىغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت مىقتارىنى 250 مىڭ ماشىنىغا يەتكۈزۈش، نۆۋەتتە رېنائۇل ماشىنىسى بۇ شىركەتنىڭ %80 پېيىنى ئىگەللەيدۇ.

samsungسامسۇڭ گوروھى قوللىغان تەنھەرىكەتتىن، سامسۇڭ ئارىسلانى كالتەك توپ ئەترىتى، ۋۇسون سامسۇڭ كۆك قانات پۇتبول كۇلۇبى، چېلسى پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىقلار بار. سامسۇڭ 1998-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سىمسىز ئالاقە ئەسلىھەلىرىنىڭ باش ياردەم بەرگۈچىسى.

2002-يىلى، 2002-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، سامسۇڭ تەشۋىقات مۇلازىمەت ئورنىنى ئاچتى.

 2003-يىللىق ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا، سامسۇڭ  قوللىغۇچى ئورۇن بولدى.

2003-يىلى 8-ئايدا، سامسۇڭ ئېلىكتىرونى دۇنياۋىي خوككېي توپ مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولدى.

2006-يىلى، سامسۇڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە ھەركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلدى.

2008-يىلى، سامسۇڭ گۇۋاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قوللىغۇچىسى بولدى.

2009-يىلى، تەيۋەن سامسۇڭى گاسلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوللىغۇچىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ياردەم بەردى.

2010-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، سامسۇڭ ۋە IBM Acer، lenovo لار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى قوللىغۇچىسى بولدى.

2012-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، سامسۇڭ پۈتۈن يەر شارى خاراكتىرلىك قوللىغۇچىغا ئايلاندى.

2007-يىلى سامسۇڭ گوروھىنىڭ سابىق قانۇنىي مەسلىھەتچىسى كىم يوڭ-چۇل (Kim Yong-chul) پۈتۈن دۆلەتتە بىۋاستە تارقىتىلىدىغان تېلىۋىزىيە مۇخبىرلار يىغىنىدا، لى كۇن-ھى (Lee Kun-Hee) نى كۆرسەتمىسى ئاستىدا، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەخپى پۇل تەييارلاپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سودىيە تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋە مېدىيالارغا پارا بېرىپ، سامسۇڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى توسىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، كورىيە پارلامېنتى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرپپىسى قۇرۇپ، شىكايەت قىلىنغان مەخپى پۇل دىلوسىغا ئارىلاشتى.

گەرچە تەپتىش ئەمەلدارى ھاۋالىگە خىلاپ ھالدا، باجدىن قاچتى دەپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لى كۇن-ھى (Lee Kun-Hee) ئاخىرىدا باجدىن قاچقانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 5 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىندى، 2008-يىلى 4-ئايدا، لى كۇن-ھى  ئلاھىدە تەكشۈرۈلىۋاتقان مەخپى پۇلنى تەكشۈرۈش ئىشىدا كەچۈرۈم سورىدى ھەم باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بىراق 2009-يىلى 12-ئايدا، پرېزدېنت لى ميۇڭ-بەك (Lee Myung-bak)  لى كۇن-ھىغا ئالاھىدە كەچۈرۈم بېرىشنى قارار قىلدى، سەۋەبى «جەنۇبىي كورىيە 2018-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولۇپ، لى كۇن-ھى خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولغاچقا، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بۇ ئالاھىدە كەچۈرۈم بېرىلگەنىدى».

كىم يوڭ-چۇل 2010-يىلى «سامسۇڭنى مۇلاھىزە قىلىش» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ، سامسۇڭنى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چىرىكلەشكەن كارخانا دەپ تەسۋىرلىدى، ئۇ يەنە 2013-يىل ئىككىنچى كىتابى «سامسۇڭنىڭ ئىچكى سىرى: سامسۇڭنىڭ بىرىنچى ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش» نى نەشردىن چىقىرىپ، يەنە بىر قېتىم سامسۇڭنىڭ يوقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مەخپى پۇل تەسىس قىلىپ،  تەپتىش ئەمەلدارى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ئەدلىيە ۋە سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەرنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئەيىپلىدى، ئىككى كىتاب نەشىردىن چىققاندىن كېيىن كورىيە مېدىئالىرى مەجبۇرلاشقا دۈچ كەلدى.

كورىيەدىكى تور ئەھلى «سامسۇڭنىڭ مالىيە كۈچى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ھوقوقىنى كونتىرول قىلىۋالغىلى ئۇزۇن بولدى» دېيىشتى.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا نوكىيا شىركىتى Twitter دا سامسۇڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى Galaxy Gear «2013-يىلى» نى مەسخىرە قىلدى، ھەمدە سامسۇڭغا 2014 –يىلى چاتقۇچى بار ھەم پىلاستىنكا قويغىلى بولىدىغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاياغ» كەشىپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئامېرىكا سامسۇڭ شىركىتى شۇئان «go f*** yourself» دەپ تىللاپ ئىنكاس قايتۇردى، بىراق «ئەخلاقسىز» دەپ ئەيىپلەندى. كېيىن سامسۇڭ شىركىتى ئۇنى ئۆچۈرۋەتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان تورى قامۇسى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-6102

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#