نارىن چۆپ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ شورپىسىنى بىر قانچە رەت سورۇلىدۇ. ئاندىن كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىلنى پۈتۈن سېلىپ، پەس ئوتتا بىر سائەت سىم-سىم قاينىتىپ، پىشقان گۆشنى، كاۋاۋىچىن، زەىجىۋىلنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىلىدۇ.
2. تۇخۇمنى ئۇنغا چېقىپ، تۇزنى ئۆتكۈزۈپرەك چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ، 15-10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. تىنغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ، 15 مىنۇت شامالدىتىپ، قىسقا ئۈگرە كېسىپ، قايناق سۇغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئۈگرە پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ لېگەنگە ئېلىپ قويۇلىدۇ.
3. ئۇششاق يالپاقلاپ توغرالغان پىيازنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە شورپىسىنىڭ يۈزىدىن قۇيۇلىدۇ. تەڭشەلگەن بۇ شورپا «چىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۈگرىنىڭ ئۈستىگە گۆشنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ، سوققان قارىمۇچنى سېپىپ، تەييارلانغان چىق ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلىدۇ. مېھمانلار يېيىش ۋاقتىدا چىقنى ئاشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يەيدۇ.
سوققان قۇرت ئايرىم تەخسىدە كەلتۈرۈلىدۇ. قۇرتنى ھەر كىم ئۆز تاۋىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.