قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى

1999–يىلى 6–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国预防未成年人犯罪法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1999–يىلى 6–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مەۋقەنى تەربىيە ۋە قوغداشقا قارىتىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش لازىم.

3–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر، ئائىلىلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى قاتارلىق تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدۇ.

4–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى : (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈش؛ 

(2) ھۆكۈمەتنىڭ ج خ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات–نەشرىيات، رادىئو، كىنو–تېلېۋىزىيە، سودا–سانائەت، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تىشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش؛

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىلانىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش؛ 

(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش ۋە تەقدىرلەش. 

5–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە بالاغەتكە يېتىش پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى تەربىيە، پىسخىكىلىق تۈزىتىش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 

2–باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىتىسى 

6–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا غايە، ئەخلاق، قانۇنچىلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزىملىق، سوتسىيالىستىك تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبورىيەت مائارىپى يېشىغا يەتكەنلەرگە يۇقىرىدا دېيىلگەن تەربىيىنى بېرىش بىلەن بىرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى بېرىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىشنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىش ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇقىي جاۋابكارلىقنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا قانۇن–ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

7–ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى قانۇقچىلىق تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ تەلىم–تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. 

8–ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىئونېرلار ئەترەتلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆركەزمە، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇقچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلش تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى مەكتەپنىڭ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. 

9–ماددا مەكتەپلەر قانۇقچىلىق تەربىيىسىگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر شارائىتقا قاراپ مەكتەپ سىرتىدىن قانۇقچىلىق يېتەكچىسى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

10–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارغا قانۇقچىلىق تەربىيىسى بېرىشتە بىۋاشتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بېرىشتە، تەربىيە پىلانىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپنىڭ پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ تەربىيە بېرىشى كېرەك. 

11–ماددا ئۆسمۈرلەر سارىيى، ياشلار–ئۈسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى مۇھىم بىر خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل تەشۋىقات–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

12–ماددا 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەشتە كەسپىي مائارىپ تەربىيە ئاپپاراتلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بىلىملىرى تەربىيىسى ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كەسپىي تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزىشى كېرەك.

13–ماددا شەھەر ئاھالە كومتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومتېتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

3–باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

14–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى ناچار قىلمىشلاردا بولماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك: 

(1) سەۋەبسىز دەرىستىن قېلىش، كېچىسى ئۆيگە قايتماسلىق؛ 

(2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش؛ 

(3) مۇشىتلىشىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، تىللاش؛ 

(4) باشقىلارنى پۇل–مال بېرىشكە قىستاش؛ 

(5) پۇل–مالنى ئوغرىلاش، قەستەن بۇزىۋىتىش؛ 

(6) قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش؛ 

(7) ئىشقىۋازلىق، شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۈن–سىن ھاسىلاتى، ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش؛ 

(8) قانۇن، نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن تىجارەت جاراكتىېرىنى ئالغان تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش؛ 

(9) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر كېلىدىغان باشقا ناچار قىلمىشلار؛ 

15–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك. تىجارەت سورۇنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا سېتىپ بىرمەسلىكى كېرەك. 

16–ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەۋەبسىز دەرستىن قالسا، مەكتەپشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ كېتىپ كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇ ئوقۇغۇچى يېتىپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى قوندۇرۇپ قالغۇچىلار ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ياكى 24 سائەت ئىچىدە ئاتا–ئانسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە ۋەقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى ج خ ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. 

17–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلارنى قىلىدىغان شايكائۇيۇشتۇرغانلىقىنى سەزگەندەۋاقتىدا توسۇشى كېرەك. شۇ شايكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بارلىنىنى سەزگەندە، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 

18–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارنى سەزگەندە، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ جىسمانىي بىجەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. 

19–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى 16 ياشقا توشمىغانلارنى ھامىيسىدىن ئايرىپ ئايرىم تۇرۇشقا يول قويماسلىقى كېرەك. 

20–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبورلاپ، ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك. 

21–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئاجراشقان ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش مەجبورىيىتى بولىدۇ، قايسى بىر تەرەپنىڭ ئاجراشقانلىق تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ. 

22–ماددا ئۆگەي ئاتا–ئانا، باققان ئاتا–ئانا ئۆزى بېقىپ تەربىيلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆگەي پەرزەنتلىرى، باققان پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا–ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. 

23-ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ناچار قىلمىشى بارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

24–ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر لېكسىيە، سۆھبەت، تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى فىزىئولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياخشى، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇشى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 

25–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى پەزىلىتى ناچار، تەسىرى يامان، مەكتەپتە ئىشلەشكە باب كەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى–خىزمەتچىلەرنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر خەزمەتتىن بوشىتىشى ياكى چېكىندۈرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

26–ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا، ئېلېكترونلۇق ئويۇمچۇقخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر لىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلارنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى ئېچىشنى مەنئى قىلىشنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. 

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا ئېچىلغان يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە كۆچۈرۈۋېتىش ياكى ئىشتىن توختىتىش كېرەك. 

27–ماددا ج خ ئورگانلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى ۋە بىر تەرەپقىلىشى كېرەك. شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك. 

28–ماددا ساقچىخانىلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ناچار قىلمىش سادىر قىلسا، ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىشىگە، تۇسۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

29–ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى نۇ قانۇقدا بەلگىلەنگەن ناچارقىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتىشىگە، زورلىشىغا، ئازدۇرىشغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

30–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبىكېت قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇن بولماسلىقى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك. 

31–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن–سىن ھاسىلاتى ياكى ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمىنى ساتماسلىقى، ئىجارە بەرمەسلىكى كېرەك. 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

32–ماددا رادىئو، كىنو–تېلېۋىزىيە، تىياتىرلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك. 

رادىئو، كىنو–تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى رادىئو–كىنو–تېلېۋىزىيە، تىياتىرلارنى ۋە ئويۇن قويۇش، ئاڭلىتىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى شەرت. 

33–ماددا تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.

تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانىلار دۆلەت قانونىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش، ھېيىت–بايرام كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى ھەم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك. 

قۇرامىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىش تەس بولسا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭدىن كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

4–باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشىنى تۈزىتىش 

34–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «ئېغىر ناچار قىلمىش» جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ: 

(1) ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىپ، ئامانلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛ 

(2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش، قايتا–قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛ 

(3) كۆپ قىتىم يول توسۇپ ئادەم ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى پۇل–مال بېرىشكە قىستاش؛ 

(4) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق ياكى ئۈن–سىن ھاسىلاتى قاتارلىقلارنى تارقىتىش؛ 

(5) بۇزۇقچىلىق ياكى ئىشقىۋازلىق، پاھىشۋازلىق قىلىش؛ 

(6) كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش؛ 

(7) قىمارغا قاتنىشىش، قايتا–قايتا تەربىيە قىلسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛ 

(8) زەھەرنى چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش؛ 

(9) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار. 

35–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشتا بولغانلىرىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشى بارلىرىنى ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپ ئۆز ئارا ماسلىشىپ، تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك، تۈزىتىش ۋە تەربىيلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۈزىتىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشتە، ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ئىلتىماس قىلىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ. 

36–ماددا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە تەربىيلىشى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ مەجبورىيەت مائارىپى قانۇنىدىكى تەلەپ بويىچە دەرىسلەرنى ئادەتتىكى مەكتەپ بىلەن ئوخشاش تەسىس قىلغاندىن تاشقىرى، قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە ئائىت مەزموننى كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئېغىر ناچار قىلمشى بارلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك. 

ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا تەن جازا بەرمەسلىكى، ئۇلارنى خورلىماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

37–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بۇ قۇنۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرسە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ. 14 ياشقا توشمىغان ياكى قىلمىشى ئالاھىدە يىنىك بولغانلىقتىن جازا بەرسىمۇ بولىدىغانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

38–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلىرى ئاتا–ئانىسى ياكى باشقاۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋىلىپ تەربىيلىسىمۇ بولىدۇ.

39–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يىغىۋېلىنىپ تەربىيلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ داۋاملىق مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى ياكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ داۋاملىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپكە قايتا كىرىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك. 

5-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتتىن ساقلىنىشى 

40-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن، نىزاملارغا، ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلەش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، ھەق-ناھەقنى ئاڭقىرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، تۈرلۈك ناچار قىلمىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە زىيانغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

41-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تاشلىۋەتكەن، خورلىغانلىرى ج خ ئورگىنى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ياكى مەكتەپ، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تارماق ۋە تەشكىلاتلار قۇبۇل قىلىشى، ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. 

42-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن باشقىلارغا قارىتا مۇشۇ قانۇننىڭ ئۈچىنچى بابىدا قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىشنى قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئارقىلىق ج خ ئورگىنىغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورگانلارغا ئۆزى قىلسىمۇ بولىدۇ. دوكلاتنى قۇبۇل قىلغان ئورگان ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

43-ماددا ئەدلىيە ئورگىنى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلغان، جىنايى قىلمىشنى پاش قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

6–باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

44–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش فاڭجېنىنى يولغا قۇيۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

ئەدلىيە ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئۇلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەم فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋە جىنايەت ئەھۋالىغا قاراپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. 

قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبورلاش تەدبىرى قوللىنىلىدىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپتىن چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ. 

45–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان سوتچىلاردىن ياكى سوتچىلار ۋە خەلق زاسېداتىللىرىدىن قانۇن بويىچە ئۆسمۈرلەر سوتى تەشكىللەپ سوت قىلىشى كېرەك. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ 14 ياشقا توشقان، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە، كىنو–تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، تۇرار جايى، سۈرىتى ۋە ئۇلارنى بىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان قاتېرىيالنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. 

46–ماددا توختىتىپ قويۇلغان، قولغائېلىنغان، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئايرىپ قاماش، ئايرىپ باشقۇرۇش، ئايرىپ تەربىيلەش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبكارلارغا جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى، ئۇلارغا كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان قۇرامىغا يەتمىگىن ئەيىبكارلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملارشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

47–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازابېرىلمىگەن، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياكى قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم، تەربىيە تەدبىرنى قوللىنىپ، ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك. 

شەھەر ئاھالە كومتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومتىتلىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ياكى باشقا خادىملاردىن ئىدىيە–ئەخلانى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش خىزمىتىگە ئىشتىياق باغلىغانلىرىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

48–ماددا قۇنۇن بويىچە جىنايى جازاكەچۈرۈم قىلىنغان، قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ياكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا ئوقۇش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك. 

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

49–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىدىن ھامىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا قويۇپ بەرگەنلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. 

50–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 19–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ ھامىيلىقتىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرۇشىغا يول قويغانلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

51–ماددا ج خ ئورگىنى خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوكلاتنى تپشۇرۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

52–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغانلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى نەشىرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قۇشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يوقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەشر بويۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ. بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبتېكت قىلىنغان شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن ياكى شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساتقان، ئىجارە بەرگەن، تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. 

53–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 31–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋارلىق، قىمارۋارلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن–سىن بۇيۇمى ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقىدەك مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇشلىقى، ئۈن–سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ. 

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى، ئۈن–سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ.

54–ماددا كىنو، تىياتىرخانا، سىنئالغۇخانا قاتارلىق سورۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان فىلىم قويۇلسا ياكى نومۇر ئورۇندالسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇلغان ئۈن–سىن ھاسىلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سىلىشقا بويرۇيدۇ ياكى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكارقىلىدۇ.

55–ماددا تىجارەتلىك تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار، تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا مۇشۇ قانۇننىڭ 33–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يازمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇىدۇ، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ. 

56–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىشنى، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، زورلاپ ۋە ئازدۇرۇپ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا شارائت يارىتىپ بېرىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

57–ماددا بۇ قانۇن 1999–يىلى 11–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#