پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر

پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر
پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر چىلىنىڭ غەربى دېڭىز بويلىرىدىن 40000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارالغا جايلاشقان. مىلاى 1000-1500-يىللار ياسالغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاش ھەيكەللەر ۋەكىللىك قىلغان پولىنىزىيە مەدىنيىتى ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىرلارنىڭ بىرى.

پاسخا (تىرىلىش) دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونىغا جايلاشقان. پۈتكۈل ئارال ئۈچبۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن تەرىپى 22 كىلومېتىر، كەڭلىكى ئاران 16 كىلومېتىر؛ ئۇ ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يېقىن ئارالغىمۇ 2250 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ چەت-ياقا جايغا جايلاشقاچقا ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر ھازىرقى زامان دېڭىز -ئوكيان قاتنىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن بايقالمىغان.تىنچ ئوكياندىكى تارقاق ئاراللارنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلغان پولىنىزىيەلىكلەر مىلادى 450-490-يىللار ئەتراپىدا لاپونوي ئارىلىغا كەلگەن. كەينىدىن بىر تۈركۈم پولىنىزىيەلىكلەر كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە راۋاج تاپقان. بۇ يالغۇز ئارالدا ئۇلار يەككە يىگان مىڭ يىل ياشىغان. گوللاندىيەنىڭ غەربى ھېندىستان شېركىتى ئۇچ كېمىدىن تەركىپ تاپقان ئەترىتى 1722-يىلى بۇ ئارالغا كەلگەن. گېنرال ياكوب. روگۋېئىن يىتەكچىلىكىدىكى باشچىلىقدىكى كېمە ئەترىتى ئوتتۇرا -جەنوبى تىنچ ئوكياندىكى خەرىتىگە چۈشۈرۈلمىگەن ئاراللارغا قىلغان يۇشۇرۇندە، تۇيۇقسىز يىراقتىن توققۇز مېتىر ئىگىزلىكتىكى گىگانت ئادەملەرنىڭ قەلئە سېپىلىدا تۇرۇپ ئارالنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان. ئۇ ئارلغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدە بۇلارنىڭ تاشتىن ئويۇلغان ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ، چوڭقۇر نەپەس ئالغان. ئىككىنچى كۇنى قوشۇن قىرغاققا چىققاندىن كېيىن ئۇلار بايقىغان قورغاننىڭ ئەسلىدە ھەيكەللەرنى قويغان سۇپا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ دەل 1722-يىلدىكى ئەيسانىڭ تىرىلىش كۇنى (پاسخا بايرىمى) بولغاچقا بۇ ئارالنى ياكوب روگۋېئىن پاسخا ئارىلى دەپ ئاتىغان. 

پاسخا ئارىلىدىكى يەرلىك خەلق ياۋروپالىقلارنى كۆرۇپ ناھايىتى قىزىققان ھەمدە ئۇلارنى سەمىىمىيەتلىك بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان. بىراق گوللاندىيەلىكلەر مەدىنيەتلىك دۇنيانىڭ كۆرۇشۇش سوۋغىسى قىلىپ قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان يەرلىك خەلققە قاراپ ئوق چىقارغان. گوللاندىيەلىكلەر بۇنى پەقەت ئارالىدىكىلەرنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن دەپ قارىغان. 1770-يىلى يەنى گوللاندىيەلىكلەر پاسخا ئارىلىنى بايقاپ 48 يىلدىن كېيىن جەنوبى ئامېرىكىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيەلىكلەر فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ ئارالنى ئىگەللىۋېلىشىدىن قورقۇپ، كاپىتان توم گونسالىسنى ئارالغا ئەۋەتىپ ئارالنىڭ 1-پارچە خەرىتىسىنى سىزدۇرغان. ھەمدە تاغ تۆپىلىكىگە كىرست بەلگىسىنى ئورنۇتۇپ ئۇئارالنىڭ ئىسپانىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

1863-يىلى فىرانسىيەلىك ئىككى دىن تارقاتقۇچى ئېرىن ئەيلو بىلەن ئېبولىت لوشىر بۇ ئارالغا كەلگەن. ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەلچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بۇ دىن تارقاتقۇچىلار يەرلىك خەلقنى «تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان» دەپ ئۇلارنىڭ دىنىنى يوقاتماقچى بولغان. ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاشقان بۇ ئىككەيلەن خەت يېزىلغان «كىخاۋۇ. لانگۇ-لانگۇ» ياغاچ تاختىلارنى كۆيدۇرگەن. بۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن زىياننى تەسۋىرلەش قىيىن. ھازىر كىشىلەر كۆرگەن نەچچە پارچە ياغاچ پارچىسى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغان. چۈنكى ئارالدىكىلەر ئەجداتلىرىدىن قېلىپ قالغان ئوغۇرلۇقچە ھېچكىم ئۇقمايدىغان ئۆڭگۈرگە قويۇپ قويغان. بەزىلەر بۇ ياغاچلاردىن كېمە ياساشقان. كېيىن كىشلەر بۇ كېمىلەرنى پارچىلىغاندا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇ يېزىقنى بايقىغان. بۇنداق زور قىممىتى بولغان ياغاچ پارچىلىرىدىن ناھايىتى ئاز قېلىپ قالغان. پەقەت 26 پارچىسىلا دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلانغان. بۇ ياغاچلارغا ئويۇلغان تەسۋىرى يېزىق بولۇپ، ھېچقانداق سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرمىغان ئارالدىكىلەر بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجات قىلىشقان. بۇ پاسخا ئارىلىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاچىدىغان بىردىن-بىر ئاچقۇچ. بىراق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇلارنى ئېنىقلاش ناھايىتى تەسكە توختىغان.

پاسخا ئارىلىنىڭ تۇپرىقى ئۈنۈمسىز بولغاچقا، قوي بېقىشتىن سىرت مەلۇم كۆلەمگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئارالدىكىلەر دېڭىزغا تايىنىپ راك-بېلىق تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئاساسى مەنبە قىلىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ماسلاشقىنى بەلكىم ئارالدىكى ھەممىلا جايدا ئۇچرايدىغان تاش ھەيكەللەر بولسا كېرەك. ھەيكەللەرنىڭ شەكلىنى ئاساسەن پەرق قىلغىلى بولىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ باش ۋە ئۇستۇنكى بەدىنى ئويۇپ چىقىلىپ، ئاستىغا پەقەت بېلىگىچلا ئويغان. باش تەرەپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان بولۇپ، بۇرۇن، ئېغىز، ئىڭەك، پېشانىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. باشنىڭ كەينى تەرىپى تۇز بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى قۇلاق قىسمى ناھايىتى روشەن. مۇرە ۋە قوللىرى بولسىمۇ لېكىن ئاز بىر قسىم ئويۇلغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە. ئۆرە ھەيكەللەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى پاۋلو بولۇپ، ئەسلى ئارالنىڭ دېڭىز بويىدىكى مۇراسىم سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئېغىرلىقى 82 توننا كېلىدۇ. ھەممە ھەيكەللەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى تاش ماتىرىيال مەيدانىدا بولۇپ پۈتكۈزۈلگەن بولسا ئېگىزلىكى 20 مېتىر، ئېغىرلىقى 270 توننا كېلەتتىكەن.

پاسخا ئارىلىدىكى بۇ بىر قانچە يۇز ھەيكەللەر ئاساسلىق رانولالاكو تاش مەيدانىدىن-بىر ئۆچكەن يانار تاغ ئاغزىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، يانار تاغدىن چىققان لاۋا جىنىسلاردىن ئويۇلغان. ئاز بىر قسىمى بازالىت تاش ۋە ۋولقان داشقاللىرىدىن ياسالغان. لېكىن لاۋا جىنىسلار يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق ماتىرىيال بولالىغان. رانولالاكو تاش مەيدانىدا يەنە پۈتكۈزۈپ بولۇنمىغان نۇرغۇن ھەيكەللەر بولۇپ، ئوخشىمىغان باشقۇچلاردا ئويۇلغان 394دانە ھەيكەلدىن ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش باسقۇچلىرىنى بىلىۋالالايمىز. باش ۋە يۇز قسىملىرى تاش مەيدانىدىلا ئويۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز قسىمى ياسالغان.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان پاۋلو ناملىق ھەيكەلنى ياساش ئۈچۈن، 10-20 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا توختىماي ئىشلىسە، 12 ئايدىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. 

ھەيكەللەر نىمە مەقسەتتە تۇرغۇزۇلغان؟ بۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر. بۇلارنى بەلكىم ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئاقساقاللىرىنى ياد ئېتىش ئۇچۇن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ياغاچ ماتېرىيال كەتكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە كېسىلگەچكە يەرلەر قاغجىراپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش يۈز بەرگەن. بۇ ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلى قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبېكتىغا ئايلانغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەپلرىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپى كەينىدىن ئىتىرىلىپ ئۆرۈلگەن. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆزى توسۇلۇپ قالاتتى. كەينىگە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلەرنىڭ بولسا كۆزىنىڭ رەڭگى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. 

ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەچچىسى قايتىدىن رېمونت قىلىنغان ھەمدە قايتىدىن ئەسلىدىكى سۇپىسىغا قايتۇرۇلۇپ ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كىشلەرگە بىر ھەقىقەتنى يەنى ئارالدىكى كىشلەر چەكلىك بولغان ئادەم كۈچى ۋە ئاددى تېخنىكىدىن پايدىنىلىپ مۇشۇنداق ئۇلۇغ نەتىجىنى ياراتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.



سىرلىق يېرى پاسخا ئارىلىدىكى دۇنياغا داڭلىق تاش ھەيكەللەرنىڭ شەكلى ئاجايىپ ياسىلىشى كارامەت ، چىرايى يا چوڭقۇر ئويغا پاتقان ھالەتتە ، يا سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ تۇرغان ھالەتتە بولۇپ ، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇلار قەيەردىن كەلگەن ؟ مەنىسى نېمە ؟ ئۇلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ ، ئويغا سالىدۇ ؛ ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنى چۈشەندۇرگىلى بولمايدىغان روھ ، يەشمەك تەس بىر سىردۇر .

پاسخا ئارىلى ئۆزىنىڭ تاش ھەيكەللىرى دۇنياغا داڭلىق بۇ ئۈنۈمسىز ، قالاق يەردە ، تەخمىنەن مىڭ دانە « موئەي » دەپ ئاتىلىدىغان ، يوغان تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ئادەم ھەيكىلى دۇنياغا كەلگەن . ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، ئويۇش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن ، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا پۈتسىز تاش ھەيكەللەردىن ئىبارەت .

تاش ھەيكەللەر ئاساسلىق تاغ باغرى ۋە دېڭىز ساھىلىدە بولۇپ ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ ، قاڭشىرى ئېگىز ، كۆز ئۇۋىسى چوڭقۇر ،ئاغزى دومسايغان ، ئىككى قۇلىقى يوغان ، چىراي ئىپادىسى سوغۇق ، تۇرقى سۈرلۈك ، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ، خۇددى ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىش ئالدىدا ، ھەممە يۈك - تاقنى تەييارلاپ ، يولغا چىقىشقا ھازىرلانغان قوشۇنغا ئوخشاش ، بەكمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ھەقىقەتەن كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ .

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرنى « دۇنيانىڭ كىنىدىكى » دەپ ئاتايدۇ . بۇ خىل سىرلىق ھەم ھەرقانداق ئويلاپ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئاتاش ئۇسۇلى تاكى ئىنسانلار ئېگىز بوشلۇققا چىقىپ يەر شارىغا ئىگىزدىن قارىيالايدىغان بولىدىغان چاغدىلا ئاندىن چۈشىنىشلىك بولدى . پاسخا ئارىلى بىپايان تىنىچ ئوكياندا يېگانە ھالدا تۇرغان بولۇپ ، ھەقىقەتەن بىر كىچىك « كىندىك » كە ئوپمۇئوخشاش . ئەجەبا بۇ ئارالنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئارالغا ئېگىز بوشلۇقتىن قاراپ باققانمۇ ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا يىراق قەدىمكى دەۋرىدە ئۇلار ئېگىز بوشلۇققا قانداق ئۇچۇپ چىققان ؟ كىم قانداق ئۇچۇش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئېگىز بوشلۇققا ئېلىپ چىققان ؟ 

موئەي پاسخا ئارىلىدىكى ھەممىدىن بەك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھەم ھەممىدىن بەك كىشىنى شۈبھىلەندۈرىدىغان مەنزىرىدۇر . ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان بۇ يوغان ئادەم ھەيكەللىرى قاچان ئويۇپ ياسالغان ؟ ئۇلارنى ئىنسانلار ياسىغانمۇ ياكى باشقا پېلانىتا ئادەملىرى ياسىغانمۇ ؟ ئۇلار نېمىگە سىموۋۇل قىلىنغان ؟ ئۇلار ئىنسانلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ ھەيكىلىمۇ ياكى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلىمۇ ؟ئۇلارنى ئويۇپ ياساشتىكى مەقسەت نېمە ؟ بۇ توغرىسىدا ھەرخىل پەرەزلەر بولۇپ ، كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ .

سانى كۆپ ھەم يوغان تاش ھەيكەللەر دېڭىز ياقىسىغا قانداق تىكلەنگەن ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇلار باشقا پېلانىتا ئادەملىرىنىڭ نادىر ئەسىرىمىش . بەلكى بېشىغا كۈن چۈشكەن باشقا پېلانىتا ئادەملىرى ھازىرقى دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن قورال - سايمانلاردىن پايدىلىنىپ تاش - ھەيكەللەرنى ياساپ يەر شارىدىكى ئىنسانلاردىن ياردەم تىلىگەن بولۇشى مۇمكىن . ئەمما نەق مەيداندىن بايقالغان گال تاش قوراللارنى قانداق چۈشەندۇرۇش كېرەك ؟ نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلاردىنمۇ مەدەنىيەتلىك بولغان باشقا پېلانىتا ئادەملىرى قېرىشقاندەك قوپال ئىپتىدائىي تاش قوراللاردىن پايدىلىنىپ تاش ھەيكەللەرنى ياسىغان ؟ بەلكى بۇ ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرى ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت بولۇشى مۇمكىن . ئەمما تاش قورال دەۋرىدىكى پولىنېزىيەلىكلەر ئېغىرلىقى بىر قانچە ئون توننا كېلىدىغان يوغان تاش ھەيكەللەرنى قانداق قورالدىن پايدىلىنىپ يۆتكىگەن ؟ ئارالدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئويمىلارنى ئىشلەشكە قانداقمۇ ۋاقتى بولسۇن ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلار « يارالغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ياساش ھۈنىرى » نى ئىگىلىگەنلىكىگە كىممۇ ئىشەنسۇن ؟ ھەيكالتاراشلىق بىرخىل سەنئەت ، ئۇ ھامان بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەمما بۇ تاش ھەيكەللىرىنىڭ شەكلىدە پولىنېزىيەلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى يوق ، شۇڭا بۇلارنى ئۇلارنىڭ ياسىغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇنداقتا ، پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنى زادى كىم ئويۇپ ياسىغان ؟ 

بەزى پۈتمىگەن تاش ھەيكەللەر قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن ئۇلارنى ياساش تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇلغان ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە ئېئاستېر ئارىلىدىكى ئاۋاقلار قەبىلىسىدىكلەرنىڭ قامچا ، كويزا - كىشەنلىرى ئاستىدا ئۆلۈمنى بەدەل قىلىپ ئويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بۇ ئۇلۇغ بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ، يەتكۈچە ئازاپ چەككەن ئاۋاقلار ئاخىرى بىرلىشىپ ئسىيان كۆتۈرۈپ ، سېمىزلەرنى ئۆلتۈرگەن كويزا - كېشەكلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ ، ئازاپ - ئوقۇبەتنىڭ سىموۋلى بولغان تاش ئويۇش مەيدانىدىن قىچىپ كەتكەن ، ھەيكەل قۇرۇلۇش ئىشى شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالغان ، ھازىر ئىلىم - پەن ئەينى چاغدىكى ئىش توختاپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ ، بەلكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن تەبىئىي ئاپەت ، مەسىلەن ، يانار تاغ پاتىلاش ياكى يەر تەۋرەش ، دېڭىز تاشقىنى دېگەندەك تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن . دەپ كۆرسەتتى ، راستىنلا شۇنداق بولغانمۇ ؟ بۇ بىزگە نامەلۇم ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھقا ئىگە ئۇ تاش ھەيكەللەر بۇنى بىزگە ئۆزلىرى ئېيتىپ بېرەر .

تاش ھەيكەللەرنىڭ ئەتراپىدىن غەيرى نەقىشلەر ئويۇلغان ياغاچ تاختاي تىپىلغان ، بۇ بىر غەلىتە ياغاچ تاختاي ئويما بولۇپ ، رونگورونگو دەپ ئاتالغان ، مەنىسى « گەپ قىلالايدىغان ياغاچ » دېگەندىن ئىبارەت ، ئۇنىڭدا بېلىققا ئوخشايدىغان ، قۇشقا ئوخشايدىغان يەنە ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەرگە ۋە كېمە پالىقىغا ئوخشايدىغان سىرلىق نەقىشلەر ئويۇلغان ، بۇ زادى يېزىقمۇ - ئەمەسمۇ ؟ ئۇ يەنە بىزگە نېمىنى ئۇقتۇرماقچى ؟ بۇ سىر تا بۈگۈنگە قەدەر تېخى يىشىلگىنى يوق . 

رىۋايەت قىلىنىشىچە ، پاسخا ئارىلىدىكى مەدەنىيەت ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان ، تاش ھەيكەللەرنى ياساش سۈپىسىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە ناچارلشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ، ئورمانلار قۇرۇپ دەريالارنىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتكەن ، بارلىق ھايۋانلار ۋە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ، كىشىلەر ئوموميۇزلۇك ھالدا ئاچارچىلىق ھالىتىدە قىلىپ ، ئۆزلىرى تاپالايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ، يەنى جۈملىدىن ئارالدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان ئادەمنى يېگەن . پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇرۇش مالمانچىلىقى ئىچىگە چۈشۈپ قالغان ، ئاچارچىلىق ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى بېشىدىن كەچۇرۇپ ، ئارالدىكى ئاھالە ناھايىتى ئاز قالغان ، مەدەنىيەت زۇۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئاخىرىدا يوقالغان . 

شەرقىي جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندىكى بۇ يىگانە كىچىك ئارال ،گەرچە يەر شارىنىڭ شۇ قەدەر كىچىك بىر دائىرىسى بىلەن چەكلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان بىرخىل مەدەنىيەتنىڭ روشەن دەلىل - ئىسپاتىدۇر . سىرلىق تاش - ھەيكەللەر نېمىنىڭ سىموۋلى ؟ ئۇلارنى كىم ياسىغان ؟ ئۇ چۈشىنىكسىز بەلگىلەر قانداق بىر خىل ھىسسىيات ، ئىدىيە ۋە قىممەتنى ئىپادىلىمەكچى ؟ ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنىڭ سىرى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى قوزغىماقتا . 

پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر دېڭىز تەرەپكە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بولۇپ ، ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك ، ئۇلار نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ يەنە نىمىلەرنى كۈتۈۋاتقاندۇ ؟ بەلكىم ، ئۇلار روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ، ئىنسانلارنىڭ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىرلىق شىفىرىنى يېشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.
2.

«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#