ۋاتىكان

ۋاتىكان

ۋاتىكان ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى سان پىتىر چېركاۋىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان، چېركاۋ تېمى ۋە چېركاۋغا يېيىتىلغان چاقچۇق خىىشلار ۋاتىكاننىڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان چېگرىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى
قىسقارتىلغان نامى ۋاتىكان 梵蒂冈
ۋاقىت رايونى ياۋروپا ۋاقتى (2-ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى ئىتالىيان تىلى، لاتىن تىلى
يەر مەيدانى 0.44 كۇۋادىرات كىلومېتىر.
خەنزۇچە نامى 梵蒂冈城国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
پايتەختى ۋاتىكان شەھىرى
نوپۇسى 1 مىڭ 400 مۇقىم ئولتۇراقلاشقان نوپۇس 5401مىڭ400
ئىنگىلىزچە نامى Vatican City State

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاتىكانۋاتىكان ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى سان پىتىر چېركاۋىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان، چېركاۋ تېمى ۋە چېركاۋغا يېيىتىلغان چاقچۇق خىىشلار ۋاتىكاننىڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان چېگرىسى ھىساپلىنىدۇ.

ياۋروپا ۋاقتى (2-ۋاقىت رايونى) ۋاتىكان دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولۇپ، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بار. تولۇق ئاتىلىشى ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى.<<ۋاتىكان>> دېگەن سۆز لاتىن تىلىدا <<ئاۋۋال>> دېگەن مەنىدە . ۋاتىكان شەھىرى ۋاتىكاننىڭ پايتەختى ،شۇندقلا ئۇ بىر دۆلەت. بۇنداق دۆلەت <<شەھەر>> دەپ ئاتىلىدۇ.

تارىخىۋاتىكان مىلادىدىن ئىلگىرىكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكى رىم شەھرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 4-ئەسىردە رىم ئىمپىراتورى ئاۋگوستىن باشقا دىنى خادىملار سان پىتىر پاناھلانغان جاي دەپ قارالغان ھازىرقى ۋاتىكاننىڭ ئورنىغا بىر چوڭ چېركاۋ سالدۇرغان. مىلادى 706-يىلى كارولىن ئىمپىراتورى پىپپىن ھازىرقى ۋاتىكان ۋە رىم ئەتراپىدىكى 40مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى پاپانىڭ مەڭگۈلۈك باشقۇرۇش رايونى قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

15-ئەسىردە ۋاتىكان داڭلىق سەنئەت ئۇستىسى مىكىلان جىلو چېركاۋنىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى قايتا لايىھەلەپ دۇنيا كاتولىك دىنىڭ داھىسى ھىساپلىنىدىغان پاپانىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ۋە داغدۇغىلىق تاج كەيدۈرۈش مۇراسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك قىلىپ ھەشەمەتلىك ئويما، سىز بېزەكلەر بىلەن چېركاۋنى دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك چېركاۋ قىلىپ چىققان.

1870-يىلى رىمدا پاپا ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى شىددەتلىك قوزغىلاڭ پارتىلاپ ئىتالىيە دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارمىيىسى رىمغا كىرگەن، پاپا بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ۋاتىكان چېركاۋىغا قامىلىپ قالغان.

1929-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە مۇسسۇلىن ھۆكۈمىتى پاپا ئامبىراگىيو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ئىتالىيە ۋاتىكاننى تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس زىمىن دەپ جاكارلىغان ۋە ۋاتىكاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان لاتېران كېلىشىمى تۈزۈلگەن.[1]

 ئاھالىنىڭ %95 نى ئىگەللەيدىغان ئىتالىيان تىلى ۋە كاتولىك دىنىنىڭ دىنى تىلى ھىساپلانغان لاتىن تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 

 ۋاتىكان بىر چوڭ چېركاۋ ، شۇنداقلا دۇنيا كاتولىك دىنىنىڭ مەكىزى ھىساپلىنىدۇ. دۆلەت غەيرى خىرىستان مۇرتلىرىنى پۇخرالىققا ئالمايدۇ. ۋاتىكان ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كاتولىك دىنىنىڭ پاپا، باستېر، پوپ دىگەندەك دىنى خادىملىرىدۇر.

دۆلەت بايرىقى

ۋاتىكان تۆت چاسا بايراق بولۇپ ،سېرىق ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى تىك ھالەتتىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن . رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، سېرىق بىلەن ئاقتىن ئىبارەت ئىككى رەڭ ئىيسانىڭ 12 مۈرىتىنىڭ بىرى بولغان پېتىرنىڭ ئىككى ئاچقۇچىنىڭ رەڭگى ئىكەن .

دۆلەت گېربى

ۋاتىكانقالقانسىمان ، تەگ رەڭگى قىزىل ، يۈزىدە ئىككى ئاچقۇچ قايچىلاشتۇرۇلغان شەكىلدە بولۇپ ، ئوتتۇرىسىغا رىم پاپاسىنىڭ ئۈچ قاتلىق تاجى شەكلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . سېرىق ۋە ئاق رەڭلىك بۇ ئىككى ئاچقۇچ ئەرىشتىكى ۋە يەردىكى بارلىق ھوقۇقلارنىڭ ئۇنىڭغا (پېتىرغا ) تاپشۇرۇلغانلىقىنىڭ سىمۋولى . ئۈچ قاتلىق تاج باش روھانىنىڭ تاجى بىلەن پانى دۇنيادىكى پادىشاھ تاجلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىىدىن ھاسىل بولغان .

ۋاتىكاندا ئاساسەن ئىقتىسادى ئەسلىھە يوق بولۇپ تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىتالىيەگە تايىنىدۇ. ئەمما ۋاتىكان ماركا ھوقۇقى ، سان پىتىر چېركاۋىنىڭ مۇزىي كىرىمى، خىرىستيان باي ۋە شىركەت-بانكىلارنىڭ خەيرى-ئېھسانى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت سانىلىدۇ.

ۋاتىكاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى شىۋىتسارىيەدىن كەلگەن 150 كىشىلىك داڭلىق مۇھاپىزەتچى پىدائىلار ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن. 

ۋاتىكان دۇنيادىكى كىچىك لېكىن تەسىرى زور دۆلەت، 161 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى، 200 خىلدىن ئارتۇق تىلدا رادىئو ئاڭلىتىشى، ب د ت دا دائىملىق ۋەكىلى بار.

ۋاتىكانياۋرو ئىقتىسادى 2006 -يىلى ۋاتىكاننىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 9 مىليارت 306 مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5600 دوللار توغرا كەلگەن.

 ۋاتىكان ماركا ھوقۇقى ، سان پىتىر چېركاۋىنىڭ مۇزىي كىرىمى، خىرىستيان باي ۋە شىركەت-بانكىلارنىڭ خەيرى-ئېھسانى قاتارلىقلار بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت سانالسىمۇ بىراق ئەھۋالى ئالاھىدە بولغانلىقتىن دۇنيادىكى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم دىگەندەك سىتاتىسكىلارغا كىرگۈزۈلمەيدۇ ، ۋاتىكان سىرتقا ، بولۇپمۇ نامرات ئەللەردىكى كاتولىك دىنى تارقىتىش، چېركاۋ سېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كۆپ ياردەم بېرىدىغان دۆلەت سانىلىدۇ. 

ۋاتىكاننىڭ تور ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بولۇپ ۋاتىكان زىمىنىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز تور قاپلىغان، تورغا چىقىش ۋە تېلېفون ھەقسىز.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#