گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى2013–يىلى3–ئاينىڭ 20–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان.


ئۇيغۇرچە نامى گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
خەنزۇچە نامى 国务院工作规则
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوۋۇيۈەننىڭ «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى» نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى  

 16-نومۇرلۇق 

ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى: 

«گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى» 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى ھەمدە بېسىپ تارقىتىلدى.

گوۋۇيۈەن 

 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

1–باپ ئومۇمىي پىرىنسىپ

1. 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنى»غا ئاساسەن مەزكۇر پىرىنسىپنى تۈزدى.

2. گوۋۇيۈەن خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى سەرخىل، پاك–دىيانەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت.

3. گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دېموكراتىك–ئاشكارا، ئەمەلىي–پاك بولۇشتىن ئىبارەت.

2–باپ گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى

4 .گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى خادىملار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تىرىشچان–پاك بولۇشى كېرەك.

5.گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

6. زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنلىرىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گوۋۇيۈەن خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلار گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن قارار قىلىنىدۇ.

7.مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ زۇڭلىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە باشقا جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە ياكى مەخسۇس ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

8.باش كاتىپ زۇڭلىنىڭ رەھبەرلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

9. زۇڭلى چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، دائىمىي خىزمەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلى زۇڭلىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ.

10. مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىدە مىنىستىر، كومىتېت باشلىقى، بانكا باشلىقى، باش مۇپەتتىش مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلار ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارار، پەرمانىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە نىزام بەلگىلەپ، پەرمان ئېلان قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى زۇڭلىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىقتىسادىي تەپتىش–نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، ماسلىشىپ–ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىق–بىردەكلىكنى قوغداپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

3–باپ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىش

11.گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىپ، ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق، خىزمەت تەقسىماتى مۇۋاپىق، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت بىردەك، مەشغۇلات ئۈنۈملۈك بولغان، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئورگان فۇنكسىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولغان جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.

12.ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەش نىشانى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئىلمىي بەلگىلەپ، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى ئاساسلىق قوللىنىپ، زۆرۈر مەمۇرىي ۋاسىتىلەرنى قوشۇمچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادىي مەشغۇلاتنى يېتەكلەپ ۋە تەڭشەپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

13. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە چىڭىتىپ، ئادىل ئىجازەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بازىرىنى بىر تۇتاش ئېچىش، ئادىل – سەمىمىي بولۇش ۋە تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشنى قوغدايدۇ.

14. جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، ھەرىكەت ھالەتتە باشقۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدۇ.

15.جامائەت مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4–باپ مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش

16.گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى مۇۋاپىق يۈرگۈزۈش، تەرتىپ ئورۇنلۇق بولۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھوقۇق–مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

17. گوۋۇيۈەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتى–ۋاقتىدا قانۇن لايىھەسى سۇنىدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، قارار ۋە پەرمانلارنى ئېلان قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلىدىغان قانۇن لايىھەسى ۋە قاراپ چىقىلىدىغان مەمۇرىي نىزام لايىھەسىنى گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئورگىنى تەكشۈرىدۇ ياكى لايىھەلەشكە تەشكىللەيدۇ، مەمۇرىي نىزامنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئورگىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

18. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈش، مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى بېكىتىشتە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بەلگىلىگەن تۈزۈمنىڭ مەسىلىلەرنى ھەقىقەتەن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا، ئاددىي، يولغا قويۇشقا ئاسان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇش زۆرۈر بولغانلاردىن باشقا بارلىق مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە–تۈزۈملىرىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈشتە ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ. قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ پىكىر بىردەكلىكىگە كېلەلمىگەن مەسىلىلەردە گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئورگىنى تەرەپلەرنىڭ ئىسپاتلىرىنى رەتلەپ، مايىللىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ قارار قىلىشىغا ۋاقتىدا سۇنىدۇ.

مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە–تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كېيىنكى باھالاشنى يولغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

19.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى بېكىتكەن قائىدە–تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار قارار، پەرمانلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپىگە قەتئىي رىئايە قىلىنغان بولۇشى كېرەك.

ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ تارماقنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي نىزام بېكىتىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلار قائىدە–تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىرلىشىپ تۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جامائەتنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ۋە چەت ئەلگە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا گوۋۇيۈەندىن ئالدىن يوليورۇق سوراش؛ تارماقلار بىرلىشىپ تۈزگەن مۇھىم قائىدە–تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

قانۇنلۇق تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىشلارنى بەلگىلىمەسلىك، پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇنغا خىلاپ كۆپەيتمەسلىك كېرەك.

تارماقلارنىڭ قائىدە–تۈزۈمى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا گوۋۇيۈەنگە سۇنۇلۇپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئورگىنى مۇندەرىجىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ قارار، بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ياكى تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى مۇۋاپىق بولمىغان قائىدە–تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىگە قارىتا، شۇلارنى بەلگىلىگەن تارماقلار تۈزىتىشكە قانۇن بويىچە بۇيرۇلىدۇ ياكى گوۋۇيۈەن ئۆزگەرتىدۇ، بىكار قىلىدۇ.

20.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بار قانۇنغا چوقۇم تايىنىش، قانۇننى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتى، خەلقنىڭ ھوقۇق– مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

5–باب ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى يولغا قويۇش

21. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر ئىسپاتلاش، خەۋپنى باھالاش، قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بەلگىلەشنى مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشنىڭ زۆرۈر تەرتىپى قىلىپ، جامائەت سىياسىتىنى بەلگىلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىدۇ.

22. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، دۆلەت خامچوتى، مۇھىم يىرىك پىلان، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلىرى، دۆلەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئىشلار، قانۇن تەكلىپى ۋە مەمۇرىي نىزام قاتارلىقلار گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ياكى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە قارار قىلىنىدۇ.

23.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنغان مۇھىم ئىشلار چوقۇم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇشى شۇنداقلا تەتقىقات، مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق، زۆرۈر، ئىلمىي، يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بار، تىزگىنلەشكە بولىدىغان باھالاش ئىسپاتىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلارغا چېتىلىدىغانلىرىنى تولۇق ماسلاشتۇرۇشى؛ يەرلىككە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئالدىن پىكىر ئېلىشى؛ مۇھىم جامائەت مەنپەئىتى ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشلاردا ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مەنپەئىتى چېتىشلىق ئالاقىدار تەرەپلەر، جەمئىيەت ۋە جامائەتنىڭ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

24.گوۋۇيۈەن مۇھىم تەدبىر چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئېھتىياجغا ئاساسەن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مۇتەخەسسىس–ئالىملار، جامائەتنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلايدۇ.

25.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ قارارىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى ۋە ئىنكاس قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھەيدەكچىلىك قىلىش–تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

6–باب ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

26. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى، جەريانى، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

27.گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىنغان ئىشلار، گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار بېكىتكەن سىياسەتلەردىن قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇش زۆرۈر بولغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

28.جامائەت مەنپەئىتى، ئامما مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، كەڭ دائىرىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن ئاشكارىلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى جەمئىيەتكە ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ھۆكۈمەت گېزىتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە گېزىت–ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق قانۇنلۇق، ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، كونكرېت ئاشكارىلايدۇ.

7–باب نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

29.گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دوكلات قىلىدۇ، سۈرۈشتۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن–نىزاملارنى قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالىدۇ؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلايدۇ.

30.گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، مەمۇرىي ئەرز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىشى ھەم گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

31.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق مەمۇرىي قىلمىشلارنى تۈزىتىپ، مەمۇرىي تالاش– تارتىشنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىدۇ.

32. گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار جامائەت ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار ئىشلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە خىزمەتلەرنى ياخشىلايدۇ. زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ.

33.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەرزىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش، مەنپەئەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق–مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ؛ گوۋيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاممىدىن كەلگەن مۇھىم خەتلەرنى شەخسەن كۆرۈپ تەستىقلاپ، زور ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

34.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار نەتىجە–ئۈنۈمنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، خاتالىقنى تۈزىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

8–باب يىغىن تۈزۈمى

35.گوۋۇيۈەن گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

36.گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپلاردىن تەشكىللىنىدۇ، زۇڭلى يىغىن چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى:

(1) گوۋۇيۈەن خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش.

(2) گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن، باشقا تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

37.گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، باش كاتىپتىن تەشكىللىنىدۇ، زۇڭلى يىغىنغا چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى:

(1) گوۋۇيۈەن خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش.

(2) قانۇن لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىش، مەمۇرىي قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش.

(3) باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش.

گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، باشقا تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

38.گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدىغان قارالمىلارنى گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداشلار ماسلاشتۇرىدۇ ياكى قاراپ چىقىپ زۇڭلىغا سۇنغاندىن كېيىن، زۇڭلى بېكىتىدۇ؛ يىغىن ھۆججەتلىرىگە زۇڭلىنىڭ تەستىق تامغىسى بېسىلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى زۇڭلىغا دوكلات قىلىدۇ.

39.گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ياكى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىغا قاتنىشالمىسا، زۇڭلىدىن رۇخسەت سورايدۇ. گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكى باشقا كىشىلەر ياكى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار رۇخسەت سورىسا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى زۇڭلىغا دوكلات قىلىدۇ.

40. گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنى تارقىتىشقا زۇڭلى ئىمزا قويىدۇ.

41.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار ئاچىدىغان خىزمەت يىغىنلىرى ئازايتىلىدۇ، كۆلىمى تىزگىنلىنىدۇ، قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ. ھەر قايسى تارماقلار ئاچقان مەملىكەتلىك يىغىنلار گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ نامىدا ئېچىلمايدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا چاقىرىلمايدۇ، چاقىرىش زۆرۈر بولسا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئادەتتە تارماقلارنىڭ خىزمەت يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. مەملىكەتلىك يىغىن ئىمكانقەدەر سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلىدۇ. تۈرلۈك يىغىنغا تولۇق تەييارلىق كۆرۈلۈپ، ئۈنۈم ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

9–باب ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى تەستىقلاش

42.جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەنگە سۇنىدىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئىشلار ۋە جەزمەن بىۋاسىتە سۇنۇشقا تېگىشلىك مەخپىي ئىشلاردىن سىرت، ئادەتتە گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارغا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىۋاسىتە سۇنۇلمايدۇ. تارماقلار گوۋۇيۈەنگە سۇنىدىغان يوليۇرۇق سوراش خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى باشقا تارماقلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا چېتىلسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، تەشكىللىگۈچى تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى بىللە ئىمزا قويىدۇ ياكى بىرلىكتە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. تارماقلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسا، تەشكىللىگۈچى تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭىشىدۇ؛ كېڭەشكەندىن كېيىن بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىنسا، تەشكىللىگۈچى تارماق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسپاتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى بىلەن بىللە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنىدۇ.

43.جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ھەم ئېھتىياجغا ئاساسەن گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداش گوۋۇيۈەندىكى باشقا رەھبىرىي يولداشنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مۇھىم ئىشلارنى زۇڭلىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

44.گوۋۇيۈەن تۈزگەن مەمۇرىي قانۇن – نىزام، ئېلان قىلغان پەرمان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنغان لايىھەگە زۇڭلى ئىمزا قويىدۇ.

45.گوۋۇيۈەن نامىدا تارقىتىلغان ھۆججەتلەرنى گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، زۇڭلى تارقىتىشقا ئىمزا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ نامىدا ھۆججەت تارقىتىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ئىمزا قويىدۇ. زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش تارقىتىشقا ئىمزا قويىدۇ ياكى زۇڭلىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنىدۇ.

تارماقلار ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا ھۆججەت ياكى بىرلەشمە ھۆججەت تارقاتقان بولسا، گوۋۇيۈەن قايتىدىن تەستىقلاپ ئەۋەتمەيدۇ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىمۇ تەستىقلاپ تارقاتمايدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي قانۇن–نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان ئىشلارغا يەنە ھۆججەت چۈشۈرۈلمەيدۇ. ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان، تارقاتسىمۇ–تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، قىسقىچە مەلۇماتلار بىردەك تارقىتىلمايدۇ.

10–باب خىزمەت ئىنتىزامى

46.گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، پەرماننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، چەكلەنگەن ئىشلارنى قەتئىي توختىتىشى كېرەك.

47. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر گوۋۇيۈەننىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، ئوخشىمىغان پىكرى بولسا گوۋۇيۈەننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى، قايتا قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارىغا يات سۆز – ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك. گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ياكى ماقالە ئېلان قىلغاندا، گوۋۇيۈەن قارار قىلمىغان مۇھىم مەسىلە ۋە تۈرلەرگە چېتىلىدىغان سۆز ياكى ماقالە ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

48.گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر رۇخسەت سوراش–دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، باش كاتىپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ زىيارەتكە، كاماندىروپكىغا چىقسا ياكى دەم ئالسا، ئىشتىن ئاۋۋال زۇڭلىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارغا ئۇقتۇرىدۇ.

ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بېيجىڭدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقسا، ئىشتىن ئاۋۋال گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋە باشقا مەسئۇل رەھبىرىي يولداشلارغا مەلۇم قىلىدۇ.

49.گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، زور ئەھۋال بولسا گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

50. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىنتىزامى ۋە تاشقى ئىشلار ئىنتىزامىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، خىزمەت مەخپىيەتلىكى ياكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبلىك ئىگىلىگەن سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش چەكلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، شان–شەرىپى ۋە مەنپەئىتى قەتئىي قوغدىلىدۇ.

11–باب پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى

51. گوۋۇيۈەن ھەم ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

52. گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار ھۆكۈمەتنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى تەرتىپ ۋە مۆھلەت بويىچە پائال، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بېجىرىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى پىرىنسىپ بويىچە قەتئىي بېجىرمەسلىكى؛ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، كەينىگە سۈرۈش قاتارلىق بىيۇروكراتلىق ئىستىلى ۋە خىزمەتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ تەسىر پەيدا قىلغان ۋە زىيان سالغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى؛ ھوقۇقتىن ھالقىپ ئىش بېجىرىش، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

53.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار مالىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، جاپالىق كۈرەش قىلىش، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقنى قەتئىي توسۇش، تۇرالغۇ، ئىشخانا، ئاپتوموبىل سەپلەش جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، كاماندىروپكا ساياھىتى، يىغىن خىراجىتى قاتارلىق ئادەتتىكى چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەمۇرىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تېجەشلىك ئورگان بەرپا قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىش ئۆمىكى تەشكىللەش سانى ۋە كۆلىمى تىزگىنلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىزمىتى ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات ۋە زىياپەت بېرىشكە بولمايدۇ، يەرلىكنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە زىياپىتىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ. خەلقئارالىق يىغىن، مۇنبەر، تەبرىكلەش مۇراسىمى، ھېيت – بايرام قاتارلىق پائالىيەتلەر قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. تۈرلۈك يىغىن خىراجىتىنىڭ ھەممىسى خامچوتقا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ.

54.گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇشى، رەھبىرىي يولداشلار زور ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ھوقۇق تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە بولمايدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشى ۋە قول تىقىشىغا بولمايدۇ؛ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

55. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر ئۆگىنىشتىن ئۈلگە بولۇشى، گوۋۇيۈەن ۋە ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆگىنىشچان ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

56. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سەپەر تەييارلىقىنى ئاددىي قىلىپ، ھەمراھلارنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك؛ يەرلىكنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئايروپورت، ۋوگزال، پىرىستان ۋە تەۋەلىك چېگراسىغا كېلىپ كۈتۈۋېلىشى ۋە ئۇزىتىپ قويۇشىغا بولمايدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىدىن سىرت، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەر، مەنزىرىگاھلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.

57.گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تارماقلار ۋە يەرلىك يىغىنلارغا تەبرىك خېتى ۋە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىگە، بېغىشلىما يېزىپ بېرىشىگە بولمايدۇ، ئالاھىدە سەۋەب بىلەن تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتسە ۋە بېغىشلىما يېزىپ بەرسە، ئادەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىن، پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا، خەۋەر قىلىش ۋە تاشقى ئىشلار پائالىيىتى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

58. گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئورگان، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، ئىش بېجىرىش ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارغا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/91405.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#