شىنجاڭدىكى كانلار

شىنجاڭدىكى كانلار

ئاپتونوم رايونىمىزدا قېزىلما بايلىقى ۋە كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، زاپىسى كۆپ، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. بايقالغان قېزىلما بايلىقتىن 138  خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز خىلىنىڭ  زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، 32 خىلى غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتونوم رايونىمىزدا قېزىلما بايلىقى ۋە كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، زاپىسى كۆپ، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. بايقالغان قېزىلما بايلىقتىن 138  خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز خىلىنىڭ  زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، 32 خىلى غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

شىنجاڭدا قوغۇشۇن–سىنىك كېنى، تاشپاختا كېنى، كالىيلىق تۇز كېنى،  نىكېل كېنى، خرومىت كېنى، ماگنېزىت كېنى، مىس كېنى، ئالتۇن كېنى قاتارلىقلار بار.  

قوغۇشۇن–سىنىك كېنى

كان

 ئاساسەن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە مەركەزلەشكەن، باشقا رايونلاردا پارچە–پۇرات، تارقاق جايلاشقان. جەمئىي15كان ياتمىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئورۇندىكىسى يەككە قوغۇشۇن كېنى، قالغان 12ئورۇندىكىسى قوغۇشۇن–سىنىك، مىس-سىنىك، مىس–قوغۇشۇن–سىنىك كانلىرىدۇر.

 بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كان ياتمىسىدىن بىرى، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىدىن تۆتى بار، كان ياتمىسى ئاساسەن قاتلام كونتىروللىقى تىپىدىكى قوغۇشۇن–سىنىك كېنى، يانار تاغ چۆكۈندىسى قوغۇشۇن-سىنىك كېنى، دېڭىز فاتسىيىلىك يانار تاغ جىنىسىنىڭ سېرىق تۆمۈر رۇدىسى تىپىدىكى مىس كېنى بىلەن تەڭ ھاسىل بولغان قوغۇشۇن-سىنىك كېنى قاتارلىق تىپلارغا مەنسۈپ.

 ئىككىنچى ئورۇندىكى تىپلاردىن ئورتاق چۆكۈندى تىپى، سكارن تىپى ۋە ئىسسىق ئېرىتمە تىپى قاتارلىقلار بار.ئاشىلى مىس–سىنىك كانىدا ھازىر ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كۆكتال ۋە باشقا كان ياتمىلىرىدا كىچىك كۆلەملىك رۇدا قېزىلىۋاتىدۇ.

تاشپاختا كېنى

تاشپاختا

  تاشپاختا چىقىدىغان ئورۇندىن 30 نەچچىسى بايقالدى، ئۇلار ئاساسەن ئالتۇن تاغ، تەڭرىتاغ، غەربىي كوئېنلۇن تېغى، غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

 ئاساسلىق كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى ئالتۇنتاغ تاشپاختا كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەتتە ئورۇندىن كان ياتمىسى تېپىلدى، چوڭراقلىرىدىن يىتىمبۇلاق كېنى، ئىگېتلىك كېنى، ئارپا تاشپاختا كېنى قاتارلىقلار بار.

 ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي جۇڭغار تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كان ياتمىسىنىڭ تىپى ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلارنىڭ سېرپېنتىنلاشقان تۈرىنى ئاساس قىلىدۇ.

 چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يىتىمبۇلاق تاشپاختا كان ياتمىسى تىپىك كان ياتمىسى بولۇپ، چاقىلىق ناھىيىسىدىن شەرقىي جەنۇبقا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ كان كۈچلۈك سېرپېنتىنلاشقان ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلار گەۋدىسىدە ھاسىل بولغان بولۇپ، تۆت تاشپاختىلاشقان جىنىس گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 0.98~9.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50~800 مېتىر كېلىدۇ. 

پاختا تومۇرى تورسىمان تومۇر ۋە ئىنچىكە تومۇرنى ئاساس قىلىدۇ، تاشپاختا توغرا تالالىق بولۇپ، بوي تالالىقلىرىمۇ ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالىدۇ. تالا ئۇزۇنلۇقى 0.5 ~10 مىللىمېتىرغىچە ئايرىمىلىرى 50 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، تەركىبىدىكى تاشپاختىنىڭ مىقدارى %4~%8 نى تەشكىل قىلىدۇ.

 تاشپاختىنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ئىقتىدارى ياخشى سوزۇلۇشقا تاقابىلچانلىقى 300 كىلوگرام / كۋادرات مىللىمېتىر. ئىشقاردا چىرىش مىقدارى %2.63 ~ %6.63 بولۇپ، ئىزولياتسىيىلىك ۋە ئادىئاباتىك ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى.

 بۇ كان ياتمىسىدا ئېنىقلانغان تاشپاختا مىنېرالىنىڭ مىقدارى جەمئىي 19 مىليون 335 مىڭ توننا، كەلگۈسى زاپىسى 74 مىليون 730 مىڭ توننا بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى تاشپاختا كان ياتمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كالىيلىق تۇز كېنى

كالىيلىق تۇز كېنى

 ئاساسەن تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى، شۇنىڭدەك ئويمانلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى 4-دەۋرگە خاس ھازىرقى زامان تۇز كۆللىرىگە تارقالغان. 

ئاساسلىق كان چىقىدىغان جايلار لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كان ياتمىسى، ئۇنىڭدىن قالسا توخسۇن ناھىيىسىنىڭ شياۋ خېڭشەن-ئۆركەش بۇلاق كالىيلىق تۇز كان ياتمىسى، قوبۇقسار ناھىيىسىنىڭ ماناس كۆلى كالىيلىق كان ياتمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كېنى ياتمىسى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، كۆلىمى 5500 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، سۇيۇق فاتسىيىلىكى ئاساسىي ئورۇندا، قاتتىق فاتسىيىلىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

بايقالغان رودا تىپلىرى كالىيلىق تۇز(KCI ,K2SO4)، كالىيلىق سېلتىرا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سۇيۇق فاتسىيىلىك كانلاردا كالىي خلورىد بىلەن كالىي سۇلفىد ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر ئۈستىدىكى تاش تۇز پوستىنىڭ ئاستىدىكى دانىچىسىمان تاش تۇز كرىستاللىرى ئارىسىدىكى ئىشقارلىق سۇلار ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تارقىلىش كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ، قاتلام ئورنى مۇقىم. قاتتىق فاتسىيىلىك كانلار كالىيلىق سېلىتىرانى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆل ئويمانلىقىغا نىسبەتەن ئويمان يەرلەردىكى يەر ئۈستى تاش تۇز پوستىلىرى ئارىسىغا تارقالغان، قېلىنلىقى ئادەتتە نەچچە ئون مېتىردىن بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مۆلچەردىكى زاپاس مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

نىكېل كېنى

نېكىل كېنى

 نىكېل كېنى ئاساسلىق ئۇلترا ئاساسلق جىنىسلاردا پەيدا بولغان مىس–نىكېللارنىڭ مىنېراللاشقان بىرىكمە كان ياتمىسى. 

كۆكتوقاي ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە قومۇلنىڭ خۇاڭشەن ئەتراپلىرىغا تارقالغان، تېكەسنىڭ چىمبۇلاق ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شىڭدى دەرياسى ئەتراپلىرىدىمۇ ئايرىم كىچىك كان ياتمىلىرى بار. 

ئاساسلىق كان ياتمىلىرىدىن قاراتۇڭكې، خۇاڭشەن ۋە خۇاڭشەننىڭ شەرقىدىكى كان ياتمىلىرى بار. بۇ كان ياتمىلىرىنىڭ ھازىرقى زاپاس مىقدارى 90مىڭ 400توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە گەنسۇدىن قالسىلا 2–ئورۇندا تۇرىدۇ.

 قارا تۇڭكې مىس–نىكېل كېنى ھوسۇللۇق رۇدا ۋە ئالاھىدە ھوسۇللۇق رۇدىلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ ھازىر ئېچىلىۋاتىدۇ. باشقا كان ياتمىلىرى پەقەت تېيىز قىسىملاردا كىچىك كۆلەمدە ئېچىلماقتا.

 كان ياتمىسىدا نىكېلدىن باشقا يەنە بىللە پەيدا بولىدىغان رۇدىلاردىن مىس، كۇبالت، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار، بەزىلىرىدە يەنە ئالتۇن، كۆمۈش، پىلاتىنا، پاللادىي، سېلىن، تېللۇر قاتارلىق ھەمراھ مىنېراللار بار، بۇلاردىن ئۇنىۋېرسال يىغىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

خرومىت كېنى

خرومىت

 شىنجاڭدا بايقالغان خرومىت كانلىرىنىڭ ھەممىسى قەۋەتسىز ماگمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان كان ياتمىلىرىدۇر. ئاساسەن تولى ناھىيىسىنىڭ سارتوقاي دېگەن جايىدىن چىقىدۇ.

قارامايدىن شىمالغا تەخمىنەن 50كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى بايقىلىپ، چارلاش خىزمىتى 80–يىللاردا ئاخىرلاشقان. ئۇ ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسى گەۋدىسى ئىچىدە ھاسىل بولغان كانلىق تاغ جىنىسلىرى كلىنوپروكسىنلىق گاببرو بولۇپ، 500 دىن كۆپرەك كان گەۋدىسى تېپىلغان. 

كان گەۋدىلىرى لىنزىسىمان، يېسىمۇقسىمان ھالەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كان گەۋدىسىنىڭ يانتۇلۇقى بىلەن تاغ جىنىس گەۋدىسىنىڭ يېتىشى ئاساسەن بىردەك ئادەتتىكى كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8~70مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 1~8مېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى 3~45مېتىرغىچەكېلىدۇ. رۇدىسى ئۆز شەكىللىك، يېرىم ئۆز شەكىللىك رۇدىنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەتتە يىرىك دانچىك،ئوتتۇرا–يىرىك دانچىك، ئۇيۇل كېلىدۇ. 

كاللەكسىمان–قويۇق كۈنجۈتسىمانلىرىنىڭ مىنرالى پىكوتىتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى زاپاس 1مىليون 680مىڭ مىڭ توننا بولۇپ، يوقىرى ئاليۇمىنلىق، تۆۋەن خروملۇق كان ياتمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىلغىنىغا كۆپ يىللار بولدى. تولىنىڭ ساشۆنوخەي، كۆكتوقاينىڭ چىڭشۈي، چارقىلىقنىڭ يۇلغۇنلۇق جىلغىسى ھەم پىچاننىڭ كاۋا بۇلاق تېغى قاتارلىق جايلاردىنمۇ خرومىت كانلىرى تېپىلدى.

 شىنجاڭنىڭ خرومىت زاپىسى مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇندا تۇرىدۇ.

ماگنېزىت كېنى

ماگنېزىت

 بۇ ئاساسەن خېجىڭ–پىچان دولومىت كانى ھاسىل بولغان بەلۋاغقا جايلاشقان. كان بەلۋېغىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى300نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭنىڭ دولومىت چىقىدىغان ئاساسلىق كېنى. باشقا رايونلاردىن، مەسلەن، كېرىيە، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئاز مىقداردا ماگنېزىت چىقىدۇ. 

ھازىر خېجىڭ ناھىيىسىدىكى قارىقات ماگنېزىت كان ياتمىسىنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى 50مىليون 485مىڭ توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4–ئورۇندا تۇرىدۇ.

 بۇ كان خېجىڭ ناھىيىسىدىن غەربىي شىمالغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئوتتۇرا دېۋون دەۋرى سائارمىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ 2–كەنجى گۇرۇپپىسىدا ھاسىل بولغان، 30غا يېقىن كان گەۋدىسى بار، يەككە كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20~750مېتىرغىچە، كەڭلىكى 20~200مېتىرغىچە كېلىدۇ، كان گەۋدىسى قاتلامسىمان، لىنزىسىمان، يېسىمۇقسىمان تۈس ئالغان.

 كان گەۋدىسىنىڭ يېتىش ھالىتى يەر قاتلىمىنىڭ يېتىش ھالىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەتراپ جىنىسلىرى بىلەن بولغان چىگرىسى ئېنىق، رۇدىسى ئاق رەڭلىك، گۆش رەڭلىك، كرىستاللىق ماگنېزىت بولۇپ، ئاز مىقداردا دولومىت،تالىك ۋە مىكرو كرىستاللىق سېرىق تۆمۈر رۇدىسى ئارىلاشقان.

 رۇدا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، 1–2–دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ،باشقا كان ئورۇنلىرى، مەسلەن، پىچان ناھىيىسىدىكى جيەنشەن ماگنېزىت كېنى قاتارلىقلارنىڭ قېزىلما بايلىق ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى.

مىس كېنى

مىس

 شىنجاڭنىڭ مىس كان بايلىقى بىر قەدەر مول، كان ھاسىل بولۇش شارائىتى ياخشى، كان ياتمىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش تىپلىرى بىر قەدەر تولۇق، بولۇپمۇ يانار تاغ جىنىسلىرى ۋە يانار تاغ ماگما جىنىسلىرى تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كان ياتمىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى زور.

 شۇنىڭدەك، نۇرغۇنلىغان كان ھاسىل بولغان بەلۋاغلارنىڭ ۋە ئىستىقباللىق رايونلارنىڭ دائىرىسى بېكىتىلدى، مىس رۇدىسى چىقىدىغان ئورۇندىن 500 نەچچىسى بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، چوڭ تىپلىق كان ياتمىسىدىن 10 ى، كىچىك تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 14 ى، كان نۇقتىسىدىن 36 سى بار، يەنە نۇرغۇنلىغان مىس كانلىشىش نۇقتىلىرى ۋە گېئوخىمىيىلىك چارلاشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن رايونلار بار.

 تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان جۇغلانما زاپاس 3 مىليون 190 مىڭ توننا بولۇپ، ھازىرقى زاپىسى 3 مىليون 160 مىڭ توننىغا بارىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشىلى چوڭ تىپتىكى مىس–سىنىك كانىنىڭ مىس رۇدىسى زاپىسى 920 مىڭ توننا، ئوتتۇرىچە سورتى %2.43 بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە كەم ئۇچىرايدىغان چوڭ تىپتىكى ھوسوللۇق مىس كېنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

 ئۇنىڭ مۆلچەردىكى بايلىق مىقدارى 61مىليون 920 مىڭ توننا بولۇپ، ئېنىقلانغان زاپىسى بايلىق ئومومىي مىقدارىنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 مىس كانلىرىنىڭ گېئولوگىيىلىك چارلاش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى زور. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاشىلى مىس–سىنىك كان ياتمىسى، قارا تۇڭكې مىس–نىكېل كانىنىڭ 2–باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەرقى شىنجاڭ خۇاڭشەن مىس –نىكېل كېنى، ئىسسىق بۇلاق مىس كېنى، تۇۋۇ مىس كېنى قاتارلىق كان رايونلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چارلاپ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ يەنە بىر مىس رۇدىسى خام ئەشيا بازىسىغا ئايلانغۇسى.

ئالتۇن كېنى

ئالتۇن

 شىنجاڭدا ئالتۇن كېنىنىڭ تارقىلىش نۇقتىلىرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، بايلىقى مول، ئالتۇن تۈرلىرىدىن تاغ ئالتۇنى، كېپەك ئالتۇن ۋە باشقا كانلار بىلەن ھاسىل بولغان ئالتۇنلار بار. ئالتاي تاغلىرى، شەرقىي ۋە غەربىي جۇڭغار ئويمانلىقلىرى، تەڭرىتاغلىرى، كوئىنلون تاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق ھەرقايسى تاغ سىستېمىلىرى ۋە تاغ ئالدىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان. ئالتۇن چىقىدىغان جايلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى 56ناھىيە (شەھەر) گە تارقالغان بولۇپ، بەلۋاغ شەكىلدە جايلىشىش، مەركەزلىشىپ توپ–توپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. 

تاغ ئالتۇنى ئاساسەن ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، شەرقىي ۋە غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

 كېپەك ئالتۇن مەركەزلىك ھالدا ئالتاي رايونى ۋە خوتەن–چەرچەن ئەتراپلىرىغا تارقالغان.

 نۆۋەتتە، تېپىلغان ئالتۇن كان ياتمىسىدىن 52 ى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 3ى، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 13 ى، كېچىك تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 36 سى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئالتۇن كان (كانلاشقان)نۇقتىدىن 600 گە يېقىنى بار.

 شىنجاڭنىڭ ئالتۇن قېزىش تارىخى ئۇزۇن، ئالتاي تاغلىرى، شەرقىي، غەربىي جۇڭغار رايونى، قومۇل ئالتۇنلۇق رايونى ۋە خوتەن، چەرچەن ئەتراپلىرى تارىختىكى مۇھىم ئالتۇن قېزىش رايونلىرىدۇر. بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئالتۇن سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى غوللۇق ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

199–يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالتۇن كانلارنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى 200 توننىغا يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ ئالتۇنىنىڭ زاپىسى تەخمىنەن 190توننىدىن ئارتۇقراق، كېپەك ئالتۇن تەخمىنەن 7توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئېنىقلانغان باشقا كانلار بىلەن بىللە ھاسىل بولغان ئالتۇن زاپىسى 30 نەچچە توننىغا بارىدۇ. ئالدىن مۆلچەرلەنگەن بايلىق مىقدارى 3922توننا كېلىدۇ. 

ھازىر ئېچىلىۋاتقان بىر تۈكۈم چوڭ–ئوتتۇراتىپتىكى مۇھىم كان ياتمىلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاشى ئالتۇن كېنى، خاتۇ ئالتۇن كېنى، دولانساي ئالتۇن كېنى، مامۇتەن ئالتۇن كېنى، توققۇز باي ئالتۇن كېنى، ئالتۇنلۇق ئالتۇن كېنى، ماجۇاڭشەن ئالتۇن كېنى قاتارلىقلار بار.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بايلىق ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى بولغان كان ياتمىلىرى تېپىلماقتا ۋە باھالانماقتا.

ئۇلار، ئىشغىل ئالتۇن كېنى، تاۋۇربەك ئالتۇن كېنى، كوجىنكولا ئالتۇن كېنى، سارقوبۇ ئالتۇن كېنى، دولانساي ئالتۇن كانىنىڭ 2–نومۇرلۇق كان ياتمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

http://uyghur.news.cn/liebiao_dili_3.html[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/liebiao_dili_3.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#