ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1848-يىلى قۇرۇلغان ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى «پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. » ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمىتى ئالىملارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىملار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاسانلاشتۇرۇش، پەن ئەركىنلىكى ۋە پەن مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇس قىلىش، ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانلار پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ پەننىڭ ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقى توغرىسىدىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە باشقىلار.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تەخمىنەن 140 مىڭ ئەزاسى بار. ئەزالار ئارىسىدا ئالىم، ئىنژېنېر، پەن
مائارىپ خىزمەتچىلىرى، پەن سىياسىتىنى تۈزگۈچىلەر ھەم پەن ۋە تېخنىكىغا قىزىقىدىغان باشقا ساھەدىكى ئالىم ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار بار.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى كېڭەش يىغىنى ۋە يىغىن ئىشلىرى كومىتېتى بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى ۋاشىنگتوندا، ئاساسەن، جەمئىيەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى پەنلەر تولۇق بولغان ئۇنىۋېرسال جەمئىيەت. قارمىقىدا 21 كەسپىي شۆبە جەمئىيەت بولۇپ، ھەرقايسىسى بىر پەنگە مەسئۇل جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ، چېتىلىدىغان پەن دائىرىسى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ «پەن» ۋە «پەن 89» ناملىق ئىككى خىل قەرەللىك ژۇرنال نەشر قىلىدۇ. » پەن «ژۇرنىلى دۇنيادا كەڭ دائىرىدە تارقىتىلىدۇ، ھەپتىدە بىر سان چىقىدۇ. «پەن 89» غا ئاممىباب پەن ئوقۇشلۇقلىرى بېسىلىپ، پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ «ئاممىنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بىر يىلدا 10 سان چىقىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.