شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتىنىڭ 16-يىغىندا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈزىتىلگەن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتىنىڭ 35-يىغىندا تۈزىتىلىپ ماقۇللانغان، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农业机械管理条例
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتنىڭ 51-نۇمۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتنىڭ 51-نۇمۇرلۇق ئېلانى

1995-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتىنىڭ 16-يىغىندا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتىنىڭ 13-يىغىندا تۈزىتىلگەن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتتىنىڭ 35-يىغىندا تۈزىتىلپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ نىزام يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلك ماشىنلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سېستىمىسنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەپ چىقارغۇچلىرى، تىجارەتچىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقستىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقرىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنى دەسلەپكى پىشقلاش قاتارلىق يېزا ئىگىلك ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان ماشىنا، ئۈسكۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە باشقۇرۇش، ئىلمى تەتقىق قىلىش، باھالاش ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەربىيلەش، كېڭەيتىش، ئىشلىتىش، ئاسراش ۋە مۇلازىمەت پائاليىتىدە مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش لازىم.

4-ماددا  ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمىتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلىدۇ. ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنڭ سۈپىتى، رېمونت سۈپىتى ۋە مەشخۇلات سۈپىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتگە مەسئوليىتى بۇيىچە مەسئۇل بۇلىدۇ. 

يېزا(بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى باشقۇرۇش–مۇلازىمەت ئاپپاراتى ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش تېخنىكا مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە باشقۇرۇش خىزمتنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىگىنى، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئوبدان ماسىلىشىپ، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇليىتى بۇيىچە بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

5-ماددا  ھەر دەرجلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنلاشتۇرۇشقا بۇلغان رەھبەرلىگىنى كۈچەيتىپ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنلاشتۇرۇش تەرققىياتىنى شۇ جاينىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئجتىمائى تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىشى ھەم يىللىق مالىيە خامچوتىدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك.  ھەردەرجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىللەرگە ئەھمىيەت بىرىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگلىك ماشىنىسىغا دائىر چوڭ-چوڭ ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

2-باب تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە تەربىيىلەش

6-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جەھەتتە تېخنىكا يېڭىلاشقا ۋە كەشپىيات-ئىجادىيەتكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، تېخنىكا كىڭەيتىش ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار ئاپپاراتلار يېزا ئىگىلىك ئشلەپچقىرىش ئەملىيتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچقىرىش ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان ئىلغار، ياراملىق، جىددى ئېھتىياجلىق يېزا ئىگىلك ماشىنىلىرى تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلپ يارتىپ، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كىڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

7-ماددا  ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمتىنڭ يېزا ئىگىلك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى يېزا ئىگلىكى ۋە يېزا ئىقتسادىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجىغا قاراپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە بۇجەھەتتىكى تېخنىكىنى كىڭەيتىشكە تەشكىللىشى لازىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىشتە، كېڭەيتىدىغان جايدا سىناق قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ھەققەتەن ئىلغار، ياراملىق ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاش ھەم ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن كېڭەيتىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك.

كېڭەيتكۈچى ئاپپاراتلاردىن بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بۇ جەھەتتىكى يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، جىسمانى زەخمە پەيدا قىلغان ۋە مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلشى لازىم.

8-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى يېزا ئىگلىك قۇرۇلمىسنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبئي بايلىقنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېڭى تېخنىكىسنى كېڭەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى يېڭلاش قەدىمىنى تىزلىتىش تەلپى بۇيچە، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا باب كىلدىغان ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتى مۇندەرجىسنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكتىشى، ئېلان قىلشى ھەم قەرەللىك تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.

مۇندەرىجىگە كىرگۈزىلدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئىختىيارى ئىلتىماس قىلشى  ھەم مۇناسىپ ساپاغا ئىگە يېزا ئىگلىك ماشىنلىرىنى باھالاش ئاپپاراتى بەرگەن مەھسۇلاتنىڭ ئىلغار ، ياراملىق، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلكلىكى ھەقىقىدىكى باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرشى كېرەك. مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى ئاۋۋال كېڭەيتىلسە بۇلىدۇ. بۇلاردىن دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلگەن ياردەم شەرتىگە توشدىغانلىرى ئالاقىدار بەلگىلمىلەر بويچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولسا بۇلىدۇ.

9-ماددا ئاپتۇنۇم رايۇن دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك  ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملق يېزا ئگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتۋىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مەدەت بىرىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش– تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئۆزلىرى كۆرسەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى سېتۋىلىشقا مەجبۇرلاشقا يول قۇيۇلمايدۇ.

10-ماددا  ماددا يېزا ئىگلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش تېخنىكا مەكتىپى ۋە  ئالاقىدار مەكتەپلەر يېزا ئىگلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش، رېمونت قىلىش، باشقۇرۇش خادىملىرىنى يېزا ئىگلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى جەھەتتە كۆپ شەكىل، كۆپ قاتلام بويىچە تەربىيىلىشى لازىم.

11-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنسى ھەيدىگۈچىلىرى ۋە مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيلەشكە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، يېزا ئىگلىك ماشىنسى ھەيدىگۈچىلەرنى مەخسۇس تەربىيلەش مەكتەپلىرى ۋە كۇرسلىرىنىڭ سالاھيىتنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرشى لازىم.

3-باب ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، رېمونت قىلىش ۋە ئىشلىتىش 

12-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلگەن سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمگە توشۇشى كېرەك. تراكتۇر، كومبايىن، يېزا ئىگىلىك تىرانسپورت ۋاستىسى قاتارلىق جىسمانى بىخەتەرلىككە چېتلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۋىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىخەتەرلىك ئىقتدارى، تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆز بىشىمچىلق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۋىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىخەتەرلىك ئىقتىدارى، تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆز بېشىمچىلق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مەنئى قىلنىدۇ. ساختا ناچار يېزا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دۇلەت بۇيرۇق بىلەن شالىۋەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەېچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.  

13-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار  ئۈزى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سۈپتىگە مەسئۇل بۇلشى كىرەك. كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش ۋە قايتۇرۇپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ مەھسۇلات سۈپتى لاياقەتسىز بۇلۇش سەۋەبىدىن خىرىدارىغا زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلشى كېرەك.

14-ماددا ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بويچە يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ئالاھىدە كەسىپكارلىرىنى كەسپى ماھارەت بويىچە باھالىشى لازىم.

15-ماددا  يېزا  ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلشتا، رېمونت قىلىش كەسپىگە مۇناسىپ رېمونت ئۈسكۈنلىرى ۋە تەكشۈرش ئەسۋاپلىرىنى سەپلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى رېمونت كەسپى ماھارىتىگە ئىگە تېخنىكا خادىملىرىنى قۇيۇش كىرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش دۆلەت ئۆلچىمدە بەلگىلەنگەن تىجارەت باشلاش شەرتى، دەرىجە ئايرىمسى ۋە بازار ھەركىتى تەلپىگە ئۇيغۇن بولشى، جۈملىدىن زۈرۈر سېتىش ئەسلىھەسى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى بۇلۈش ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش كەسپى ماھارىتىگە ئىگە خادىملارنى قۇيۇش كېرەك.

16-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمۇنت قىلىشتا، دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمنى ئىجرا قىلىپ، رېمونت سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش، رېمونت كاپالەت مۇددىتى تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش كىرەك. رېمونتتىن چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سۈپەت تەلپىگە يەتكۈزەلمىگەنلەر قايتىدىن رېمونت قىلشى، زىيان سالغانلار تۈلەم جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلشى كېرەك.

17-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىگسى دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بەلگىلمىسى بۇيىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى  بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ، نۇمۇر تاختىسى ۋە كىنىشكا رەسمىيتىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى بىخەتەرلىگى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى رەسمىيەتنى ئادديلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا بېجرىپ بىرشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلمە بۇيىچە نۇمۇر تاختىسى ۋە كىنىشكا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى، تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كىرەك.

18-ماددا  براك قىلىش ئۆلچىمگە توشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش، ھەيدەش ۋە ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىش مەنئى قىلنىدۇ.

4-باب مۇلازىمەت قىلىش، مەشغۇلات قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى تېرىلغۇ ماشىنلىرى يۇلى قاتارلىق يېزا ئىگلىگنى ماشىنلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياساش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىشى، ئىگىلىك تەركبى ۋە تىجارەت شەكلى كۆپ خىل بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يىتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمايىلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگلكنى ئاساس قىلىپ، ئۈنۋىرسال تىجارەت قىلىش پىرىنسىپدا چىڭ تۇرۇشى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك قىلىش لازىم.

20-ماددا  رايۇن ھالقىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى مەشغۇلاتى قىلىشقا ئىلھام بىرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىدا دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلگەن سۈپەت ئۆلچىمنى ئىجرا قىلىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتمىگەن بولسا، ئككى تەرەپ ئۇنى ئادىل، مۇۋاپىق بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە كىلىشىپ پۈتۈشىدۇ.

مەشغۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مەشغۇلات قىلغۇچى ھەقسىز قايتا قىلىپ بىرىشى ياكى مەشغۇلات ھەققىنى كېمەيتىشى كىرەك. مەشغۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن زىيان كۈرۈلسە، مەشغۇلات قىلغۇچى تۆلەم جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

يېزا ئگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات سۈپىتى ۋە مەشخۇلات ھەققىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، مەشغۇلات قىلغۇچى ئككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكەن مەجبۇريىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كىرەك. مەشغۇلات سۈپىتى ۋە مەشغۇلات ھەققىگە دائىر تالاش-تارتىشنى يېزا ئگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

21-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچلىرى، تىجارەتچىلىرى، رېمۇنتچىللىرىنى قانۇن بۇيىچە ساھە جەميىتى قۇرۇشقا،  ساھە ئىنتىزامى يولغا قۇيۇشقا ئىلھاملاندۇرشى ۋە يىتەكلىشى كېرەك. ساھە جەميىتى ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئەزالىرىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كىرەك.

22-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىگى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىرىنى باشقۇرۇشنى مەسئۇليىتى بويىچە كۈچەيتىش لازىم.

يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق نازارەتچىلىك خەت ساندۇقى تەسس قىلشى، نازارەتچىلىك تېلفۇن نومۇرىنى ئېلان قىلشى، ئەرىز شىكايەتنى قوبول قىلشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچقىرىش، سېتىش، رېمونت قىلىش جەرياندىكى ماجرا ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا ياكى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باشقا ئالاقىدار تارماققا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. قۇبۇل قىلغۇچى تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلش كېرەك. 

23-ماددا  ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتنىىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتلغان ، رېمونت قىلنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سۈپتى ، بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى قەرەللىك نازارەت قىلپ تەكشۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئۆز ۋاقتىدا ئجرا قىلشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

24-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 12-ماددىسنىڭ 2-تارمىقدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلق قىلپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۋالغان ياكى ئۆز بېشىمچىلق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۋالغانلارنى ناھيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمتىنڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتنى مۇسادىر قىلدۇ. قۇشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى 10000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ساختا ناچار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچقارغان، ساتقانلارنى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلگى ياكى سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بۇيچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

25-ماددا  مۇشۇ نىزامنىڭ 18-ماددىسدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلق قىلىپ براك قىلىش ئۆلچىمگە توشقان يېزا ئگلىك ماشىنىلىرىنى ساتقان، ھەيدىگەن ۋە ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلغانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ناھيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىۋالىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىر قىلنىدۇ، قۇشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بۇلىدۇ.

26-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 7-، 11-، 15-ماددىلىرىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلق قىلىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كېڭەيتكەن، ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيلىگەن ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلغان، ساتقانلارنى ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۈكۈمىتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلنىدۇ. سۈرۈك ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە قۇشۇمچە 2000يۈەندىن يۇقىرى 10000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بۇلىدۇ.

مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرى جازا كىلدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلمە بۇيىچە جازا بېرىلىدۇ.

27-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۆز ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلققا تارتىلىدۇ:

(1) بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرى ئىجازەت بەرگەنلەر؛

(2) بەلگىلەنگەن شەرتكە توشدىغان ئىلتىماسنى كىچىكتۈرۈپ، قىينچىلق تۇغدۇرۇپ قۇبۇل قىلمىغان ياكى قۇبۇل قىلغاندىن كېين بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بېجرمىگەن ۋە ياكى بەلگىلمىنى قايرىپ قۇيۇپ ۋاقتىدا بېجىرمىگەنلەر؛

(3) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سۈپتىدىن چاتاق چىقىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەلىرىنى شۇ تارماق بىر تەرەپ قىلدىغان تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى قۇبۇل قىلغاندىن كىين ۋاقتىدا بىر تەرەپ قلمىغانلار؛

(4) دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئۆزى كۆرسەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى سېتىۋىلىشقا زورلىغان ياكى باشقىچە يول بىلەن زورلىغانلار؛

(5) يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى مەشغۇلات سۈپتىگە دائىر تالاش-تارتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى مەشغۇلات ھەققىگە دائىر تالاش-تارتىشنى قانۇن بۇيىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(6) ۋەزىپىسدىن پايدىلنىپ، مەنپەئەتداردىن پۇل-مال سۇرىغان ۋە ئالغانلار؛

(7) خىزمەت ھۇقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلنىش، نەپسانيەتچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالق قىلشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

6-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ

28-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ مەمۇرى تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچقىرىش، سېتىش، رېمونت قىلىش ۋە ئىشلىتىش مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمە بۇيىچە بولىدۇ.

29-ماددا بۇ نىزام 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#