ھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكە

تېرىدە ئۇششاق ئەسۋە كۆتۈرلۈش ئاساسىدا تىرە زەخىملىنىپ، ۋە قىچىشىپ تاتلىغاندا سېرىق سۇ چىقىدىغان سوزۇلما تىرە ياللۇغىدۇر، كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھۆل تەمرەتكە
خەنزۇچە نامى 湿疹
كېسەللىك ئورنى تېرە
ئاساسلىق ئالامىتى قىچىشىش، سېرىق سۇ چىقىش
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى eczema

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھۆل تەمرەتكەسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىيولوگىيەلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزلىشى بولۇپمۇ بەلغىمى شورنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  • كېسەل ئوچىقىنىڭ يۇقۇملىنىشى.

  • نېرۋا ۋە روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى.

  • سىرتقى ئامىللار تەسىرى.

  • تەن سۈپىتى.

  • يۇقۇملىنىش. [0]

ئالامىتى: كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلۈش بىلەن، دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ قىچىشىش، تاتىلىغاندىن كېيىن مۇدىرلار بۇزۇلۇپ، سېرىق سۇ چىقىش، بارا-بارا كېڭىيىش، ئاقىۋەتتە يىرىڭلىق چاقىغا ئايلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى

ئۆتكۈر دەۋرى

كېسەل ئۆتكۈر قوزغالغاندا، پەيدا بولۇشى بىر قەدەر تىز، بەدەننىڭ ھەر قانداق ئورنىدا بولۇپمۇ ماڭلاي، جاۋغاي، تاشقى قۇلاق، گەۋدە تۆۋەنكى مۈچە، ئەۋرەت ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. تىرە زەخمىسى چەكلىك، دائىرىلىك ياكى پۈتۈن بەدەنلىك بولىدۇ.

دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇن قىزىرىپ قىچىشىدۇ. ھەم سىمتىرىك ھالەتتە قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ، ئەسۋىلەر ئۆز ئارا تۇتىشىپ، زىچلىشىپ، كۆپ خىل زەخىملىنىشنى پەيدا قىلىپ چىگىرسىنى يوقىتىدۇ.

ئەسۋىلەر ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، چوڭىيىپ، سۇلۇق قاپارتمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىچىشىش ئېغىر بولغانلىقتىن سۈركەلگەندە ياكى تاتىلىغاندا قاپارتمىلار تېشىلىپ، كۆپ مىقداردىكى شىرلىك سۇيۇقلۇقلار سىرغىپ چىقىپ يەرلىك ئۇرۇندا شەلۋەرەشنى ھاسىل قىلىدۇ، ناۋادا ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا، يىرىڭلىق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ. كىيىن سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار قېتىشىپ، سېرىق ياكى يېشىل سېرىققا مايىل قەقەچلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. كىيىن ئاق رەڭلىك كېپەك پەيدا بولۇپ تەدرىجىي ياخشىلىنىپ 4-3ھەپتىدە ساقىيدۇ.

قايتا غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر قوزغىلىدۇ.

يېرىم ئۆتكۈر دەۋرى

ھۆل تەمرەتكەكۆپىنچە ئۆتكۈر دەۋىردىن قالىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر ئاز يەڭگىللىشىپ؛ قالىدۇ. بولۇپمۇ سىرغىتما سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئەسۋە ھەجىمى كىچىكلەپ، قاپارتما ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئازىيىدۇ. ئەسۋە يېرىلغاندىن كىيىن ئاستى قىسىمى شەلۋەرەپ نەملىشىپ تۇرىدۇ. كىيىن قەقەچ تەڭگىچىلەر ھاسىل بولۇپ، قۇرۇپ، قېتىشىپ تۆكۈلىدۇ. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر دەۋرگە ئۆتىدۇ. لېكىن بۇ دەۋردە قىچىشىش سېزىمى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە بولىدۇ.

سوزۇلما دەۋرى

 ئۆتكۈر ياكى يېرىم ئۆتكۈر دەۋرىدىكى ھۆل تەمرەتكىلەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە قايتا-قايتا تەكرار قوزغىلىشى، ۋاقتىدا داۋالانماسلىق، ياكى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى بىلەن سۇزۇلما ھۆل تەمرەتكىگە ئايلىنىدۇ. تېرىدىكى زەخمىلەر قارامتۇل قىزىل ياكى قارامتۇل كۈلرەڭدە بولۇپ، چىگىرىسى ئېنىق بولمايدۇ. تىرىلەر قېلىنلىشىپ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىپ كېپەكلىشىدۇ. قىچىشىش بەزىدە ئېغىر بەزىدە يەڭگىل بولىدۇ كېسەللىك جەريانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلىدۇ. تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: شاھتەررە 105 گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گىرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، ۋاسالغۇ 75 گىرام، ھەسەل 4001 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: كىبرىت 20 گىرام، قوي يېغى 60 گىرام، قىچا يېغى 20 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

ھۆل تەمرەتكەتەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گىرام، سوقمونىيا 5. 7 گىرام، شاھتەررە 100 گىرام، قىزىلگۈل 5. 7 گىرام، سانا ئالتە گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقىشاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

ئالدى بىلەن غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى قاننى بۇزغۇچى سېزىمچانلىقى ئاشۇرغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

مىزاج ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مىزاج تەڭشىلىدۇ.

قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

سىرتىدىن قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى، ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، قەقەچلەرنى چۈشۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىنىپ: بەلغىمى شۇرغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ، مىزاجنى تەڭشىگەندىن كىيىن قۇرسى شاھتەررە، مەجۈنى ئۆشبە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە، قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. سىرتىدىن ئالدى بىلەن مامىران چېيىنى سۈيىدە ھۆل كامپىرىس قىلىپ قۇرتۇپ، ئاندىن مامرام چېيى مەلھىمى، مەلھىمى كىبرىت، مەلھىمىنى شىنكىرىپ قاتارلىقلار ئشلتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=139

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=139

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#