چىڭغىز ئايتىماتوف

چىڭغىز ئايتىماتوۋ

چىڭغىز ئايتىماتوف 1928- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىسىتان تالاس ئاپتونوم ئوبلاستى تالاس تاغلىق رايۇنى شوكل كەنتىدە بىر قىرغىز مىللىتى دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى-قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىكى يازغۇچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چىڭغىز ئايتىماتوف
دۆلەت تەۋەلىكى سوۋىت ئىتتىپاقى، قىرغىزىستان
يۇرتى سوۋىت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان تالاس ئاپتونوم ئوبلاستى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى گوركىي ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 钦吉斯·艾特玛托夫
مىللىتى قىرغىز
تۇغۇلغان ۋاقتى 1928- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى
كەسپى يازغۇچى
رۇسچە نامى Чингиз Торекулович Айтматов

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىڭغىز ئايتىماتوۋچىڭغىز ئايتىماتوف 1928- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىسىتان ئاپتونۇم جۇمھورىيىتىدە دۇنياغا كەلگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئىلگىرى روسىيە ليۇكسېمبۇرگ تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قىرغىزىستان بىلگىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قوشۇمچە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، گېرمانىيىنىڭ نيۇرنبېرگدا كېسەل سەۋەبىدىن 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

1937-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى تازىلاش» ھەركىتىدە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان ئاتىسى ناھەقچىلىككە ئۇچىراپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بىر - بىرىگە تايىنىپ ياشىغان، ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرىدا چىڭغىز ئايتىماتوف كەنتتىكى ئىش ۋاقتىنى خاتىرىلىگۈچى بولغان، كېيىن يېزا-ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان ھەمدە چارۋىچىلىق تېخنىكى بولغان.

1952-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان.

1958-يىلى ئۆزى موسكۋا ئالىي ئەدەبىيات كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، « يېڭى دەۋر » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « لىيانى مەخپى تەكشۈرۈش » ناملىق ھېكايىسىدىن باشلاپ نام چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويغان.

1959-يىلى، سوۋېت كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

چىڭغىز ئايتىماتوۋ

چىڭغىز ئايتىماتوفنىڭ 2008-يىلى 4-ئايدا، كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىق خەۋەرى تارقالغان، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، گېرمانىيىنىڭ نيۇرنبېرگ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا، « بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق» سەۋەبىدىن داۋالانغان.

چىڭغىز ئايتىماتوف 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، 79 يېشىدا گېرمانىيىنىڭ نيۇرنبېرگدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى باياناتچىسى چىڭغىز ئايتىماتوفنى «ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ جاكارلىغان.

چىڭغىز ئايتىماتوفنىڭ «ئەسردىن ھالقىغان بىر كۈن»،«قىيامەت»، «كاساندىرا تامغىسى»، «ئاق پاراخۇت»، «ئەلۋىدا گۈلسارە»، « ئۆلۈم جازاسى »، « ئىت قىياسى »، « ئوتلاق ۋە تاغ ھەققىدە ھېكايە »، « لىيانى مەخپى تەكشۈرۈش »، « يۈز يىللىق ئۇزۇن بىر كۈن » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

1962-يىلى، ئېلان قىلىنغان ھېكايە توپلىمى « يايلاق ۋە تاغلار ھېكايىسى » ئىككىنچى يىلى بۇ كىتابى لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1966-يىلى، « خەير - خوش ، گۇلى سارېگې »  پوۋېستىنى ئېلان قىلغان.

1968-يىلى، «ئەلۋىدا گۈلسارە» دىگەن ئەسىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتى ئېرىشكەن، ھەمدە « قىرغىزىستان خەلق يازغۇچىسى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

1970-يىلى، « ئاق پاراخوت » ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلغان.

1971-يىلى، لېنىن ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

1977-يىلى، « ئاق پاراخوت » سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1978-يىلى، « سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

1980-يىلى، « يۈز يىللىق ئۇزۇن بىر كۈن » دېگەن ئەسىرىنى ئىلان قىلغان.

1983-يىلى، « يۈز يىللىق ئۇزۇن بىر كۈن »سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1966-يىلدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

1976-يىلدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجرائى ھەيئىتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ يەنە قىرغىزىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.

چىڭغىز ئايتىماتوۋ1990-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇ رۇسىيە ليۇكسېمبۇرگنىڭ تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

1993-يىلى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى قىرغىزىستان بىلگىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلىگەن، قوشۇمچە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە بىرلا ۋاقىتتا قىرغىزىستان بىلگىيە، گوللاندىيە بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئۈچ دۆلەت باش ئەلچىسى، قوشۇمچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان.

چىڭغىز ئايتىماتوف روسىيە ليۇكسېمبۇرگ تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇش بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1994-يىلى ئاندىن توشقان، بىر ئادەم ئىككى دۆلەت چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان.

چىڭغىز ئايتىماتوف نۇرغۇن دۇنياۋىي ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن،نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامىزات بولغان. «ئەسەرلىرى بەدىئىي جەھەتتە ۋايىغا يەتەكن بولسىمۇ سوۋىت ھاكىميىتىدە سىياسىي ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىدىكى غايىۋىلىك ۋە دېمۇكىراتىك روھقا ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قارىلىپ باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە، ئاپتور ھەممىسىنى ئادەتتىكى قىرغىزلارنى خەت ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى رېئالىزملىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، يارىتىلىشى ۋە ئاددىي پۇقرالار يارىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك چوڭ تەرەققىي قىلغان مەزگىلىنى، ئاق كۆڭۈللۈك، ئادالەت ۋە مېھرىبان ئوبرازى، كىشىلەرگە ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 1997-يىلىدىكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىل تەرجىمە قىلىنغان، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت تارقاتقان. ھەتتا بىر دۇنيادا جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مىللەت − سائامىلار ھەم ئانا تىل بىلەن ئۇنىڭ رومانلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان.

شۇ چاغدا ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر پارچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بار بولغان. لېكىن جۇڭگودا، يالغۇز خەنزۇتىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە قىرغىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بار بولغان.

رۇسىيە رېئالىزملىق ئەدەبىيات يېڭى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەۋلاد، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مول مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ناھايىتى تەبىئىي، رومانتىك پۇرىقى، رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ھىدى كۈچلۈك، رېئالىزملىق ئەنئەنىسىنى ئىگە، ئۇنىڭ ھېكايىسى ئىنتايىن گۈزەل، دۇنيا ئەدەبىياتىدا ناھايىتى ئۆزگىچە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تارىم ژۇرنىلى تورى

http://www.tarimweb.com/html/dunya/yazghuchi/616.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#