گېئورگې بېرنارد شاۋ
1933-يىل 2-ئايدا ئەنگلىيە نىڭ داڭلىق ساتىرىك دراماتورگى ۋە ئوبزورچىسى گېئورگې بېرنارد شاۋ (1856-1950-يىللار) جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە كەلگەن،بەزى گېزىتلەر كەينى-كەينىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما لۇشۈن ئاقسۆڭەكلىك ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان بۇ دۇرۇس يازغۇچىنى قىزغىن قارشى ئالغان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گېئورگې بېرنارد شاۋ1933-يىل 2-ئايدا ئەنگلىيە نىڭ داڭلىق ساتىرىك دراماتورگى ۋە ئوبزورچىسى گېئورگې بېرنارد شاۋ (1856 −1950-يىللار) جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە كەلگەن. بەزى گېزىتلەر كەينى-كەينىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما لۇشۈن ئاقسۆڭەكلىك ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان بۇ دۇرۇس يازغۇچىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، بېرنارد شاۋنى مىلىتارىستلار، سىياسەتۋازلار، لۈكچەكلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەينەك، دەپ ماختىغانىدى.
بېرنارد شاۋنىڭ دراما ئىجادىيىتى نورۋېگىيە دراماتورگى ئىبسېننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، ئۇ سەنئەت جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك، دېگەننى قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ، «سەنئەت ئۈچۈنلا سەنئەت» دېگەنگە قارشى تۇرغان. ئۇ يازغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى توقۇلما قىلىنغان ھېكايە ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئەمەس، بەلكى رېئاللىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، رېئاللىقنى تەنقىد قىلىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي مەسىلە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دراما ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، «بويتاقنىڭ ئۆي-زېمىنى»، «ۋاررېن خانىمنىڭ كەسپى»، «مايۇر باربارا»، «ئالما ھارۋىسى» قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىرقەدەر زور.
«بويتاقنىڭ ئۆي-زېمىنى»
«بويتاقنىڭ ئۆي-زېمىنى» بېرنارد شاۋنىڭ تۇنجى درامىسى، ئۇنىڭدا مۈلۈكدار ساتورېئاسنىڭ نۇرغۇن ئۆي-زېمىنغا ئىگە بولۇپ، نامراتلار مەھەللىسىدىكى كەمبەغەللەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بىلەن جان باقىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭ قىزى بېرلانچىر ياش دوختۇر چۈلەنچى بىلەن چاي ئىچكۈزۈلىدۇ. چۈلەنچى ساتورېئاسنىڭ بايلىقىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلگەندىن كېيىن، بېرلانچىردىن دادىسى بىلەن بولغان بارلىق پۇل مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بېرلانچىر بۇ تەلەپنى رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تويمۇ بىكار بولىدۇ. كېيىن، چۈلەنچى ئۆزىنىڭ كىرىمىمۇ ئوخشاشلا ساتورېئاستىن كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، بېرلانچىر بىلەن توي قىلىدۇ شۇنداقلا قېيناتىسى بىلەن شېرىكلىشىپ سودا قىلىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بېيىيدۇ. بۇ درامىدا پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق، ئادەم ئادەمنى ئېزىدىغان جەمئىيەتتە، كىشىلەر دۇرۇس ۋاسىتە بىلەن باي بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بايلارنىڭ پۇلىغا ئاچ-يالىڭاچ كەمبەغەللەرنىڭ قان-يېشى سىڭىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇلغا، ھوقۇققا ئىگە ئاقسۆڭەكلەر يارىشىملىق تونلىرىنىڭ ئاستىغا ئىنتايىن نومۇسسىز ۋە رەزىل روھىنى يوشۇرۇۋالغان.
«ۋاررېن خانىمنىڭ كەسپى»
«ۋاررېن خانىمنىڭ كەسپى» نىڭ باش تېمىسى «بويتاقنىڭ ئۆي-زېمىنى» بىلەن ئوخشايدۇ. ۋاررېن خانىم ياۋروپادا پاھىشخانا ئېچىپ، نۇرغۇن پايدا ئالغان. قىزى ۋېيۋېيل بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنى پاك ھېسابلايدۇ، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دا ماتېماتىكىدىن ئەلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كېيىن، ئاپىسىنىڭ پۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولىدۇ.
«مايۇر باربارا»
«مايۇر باربارا» دا چوڭ قورال-ياراغ سودىگىرى ئاندىرىشېۋنىڭ قىزى باربارانىڭ دىنىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چوڭ كوچىدا نامراتلارغا سەدىقە بېرىپ، ئۇلارنى ئاچلىقتا توڭلاپ قېلىشتىن ساقلىغانلىقى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كىشىلەرنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دادىسىدىن قورال-ياراغ سودىسىنى تاشلاپ، يامان يولدىن قايتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. كېيىن، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى دادىسىغا ئوخشاش كىشىلەر پۇل چىقىرىپ قۇرغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئارزۇلىرى بەربات بولىدۇ. ئاندىرىشېۋ بىر ئاپەت ئوچىقى، ئۇ ئۇرۇشقا تايىنىپ بېيىغان، ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى يوقلۇقىنى ئاشكارا جاكارلايدۇ، دىن، پارلامېنت، قانۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.