چىركەسلەر

چىركەس

چىركەسلەر كاۋكاس رايۇنىدا ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت. كاۋكازدىن باشكا يەنە تۈركىيە، سۈرىيە، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. 2010 -يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا چىركەسلەرنىڭ تەخمىنەن 3 مىلىيۇن ئاھالىسى بار. ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چىركەس
ئىنگلىزچە نامى Cherkess
تىلى كاۋكاز تىللىرى چىركەس تىلى
تارقىلىشى روسىيە كاۋكاز رايۇنى، تۈركىيە، سۈرىيە
خەنزۇچە نامى 切尔克斯人
دىنىي ئىتىقادى ئىسلام دىنى سۇننى مەزھىپى
نوپۇسى 3مىليۇن (2010-يىلى)
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرقى ئوتتۇرا دىڭىز تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىركەسچىركەسلەر كاۋكاز رايونىدىكى تەسىرى چوڭ، چىركەسلەر كاۋكاس رايۇنىدا ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت. كاۋكازدىن باشكا يەنە تۈركىيە، سۈرىيە، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. 2010 -يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا چىركەسلەرنىڭ تەخمىنەن 3 مىليۇن ئاھالىسى بار. ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ.

تارقىلىشى  2010 -يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا چىركەسلەرنىڭ تەخمىنەن 3 مىلىيۇن ئاھالىسى بار بولۇپ، كاباردى بالقار جۇمھۇرىيىتىدىكى كاباردىنلار ( 600 مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ %52 نى ئىگەللەيدۇ)، قاراچاي چىركەس جۇمھۇرىيىتىدىكى چىركەسلەر (60 مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ%12 نى ئىگەللەيدۇ) ۋە ئادىگەي جۇمھۇرىيىتىدىكى ئادىگەيلەر (120مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ %52 نى ئىگەللەيدۇ) نىڭ ھەممىسى چىركەسلەرنىڭ تارمىقى ھىساپلىنىدۇ. چېركەسلەرنىڭ زور بىر قىسىم نوپۇسى رۇسىيەدىن باشقا يەنە ئاساسلىق تۈركىيە، سۈرىيە، ئىئوردانىيە ۋە ئىراققا تارقالغان بولۇپ چەتئەللەردىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئاھالە ئاساسەن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.

چېركەسلەر ياۋروپا ئىرقى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا تەۋە بولۇپ كاۋكاز تىللار سېستىمىسى ، شىمالى كاۋكاز تىل ئائىلىسى، غەربى كاۋكاز  تىل تۈركۈمىگە تەۋە چېركەس تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ.

تارىخىچېركەسلەر شەرقى رىم دەۋرىدە بىر مەزگىل ئارمەنلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلغان، 18 ~ 16 ئەسردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە چىركەسلەر ئۇمۇمەن ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىگە ئىشىنىدۇ. چېركەسلەر مەدەنىيەت جەھەتتە تۈرك قىپچاقلارنىڭ ۋە پارسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزائىگىلىك-چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، باغۋەنچىلىك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكتە يۇڭ ئەدىيال توقۇش ۋە باشقا يۇڭ توقۇلمىلىرى بىلەن داڭلىق. چىركەسلەرنىڭ قەبىلە تۈزۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك.

    يىراق قەدىمقى گرىتسىيە- رىم دەۋرىدە، چىركاسسىئانلارغا ئائىت خاتىرىلەردە، ئۇلار «كىرىستاللار»دەپ ئاتالغان بولۇپ شىمالى كاۋكازدىكى قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى، 13-ئەسردىكى روسىيەدىمۇ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بولغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى رۇسلار تۈركىيە ئىمپىرىيىسى كۇبان دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ چىركەسلەر بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. روسىيە تۈركىيە ئۇرۇشىدا چېركەسلەر ئالدىنقى سەپتىكى قۇربان بەرگۈچى ئاھالە بولۇپ قالغان، تۈركىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن نۇرغۇن چىركەسلەر توپ-توپ جەنۇپقا سۈرۈلگەن، نۇرغۇن چىركەسلەر ئەسكەر ياكى كۆچمەن ئاھالە سۈپىتىدە كۆپ تۈركۈمدە تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا كۆچۈپ كەتكەن. 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، يەنە بىرقىسىم چىركەسلەر سۈرىيىنىڭ شىمالي ۋە ئىئوردانىيە رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن. تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار قوشۇنى بولغان چېركەسلەر شەرقى بالقان ۋە  ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئاھالىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈپەيلى شىمالى كاۋكازنىڭ كۇبان ئەتراپىدىكى يەرلىك چېركەسلەر ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان.

 1917-يىلى سوۋىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىىن كېيىن چېركەسلەر چېركەسلەر شەرقى چېركەسلەر كاباردىن ، ئوتتۇرا چېركەسلەر چېركەس، غەربى چېركەسلەر ئادىگەي دەپ ئۈچ مىللەتكە ئايرىلغان. ۋە ئايرىم ئايرىم كاباردى-بالكار، قاراچاي-چېركەس، ئادىگەيدىن ئىبارەت ئۈچ ئاپتونۇم ئوبلاست قۇرۇپ بېرىلگەن. 1936-يىلى يۇقارقى ئۈچ ئاپتونۇم ئوبلاست ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن.

1944-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سىتالىن كاۋكازدىكى داغىستان ۋە ئوسېتىدىن باشقا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شۇ چاغدا چىركەسلەر بىلەن خوشنا ئولتۇراقلاشقان قاراچاي-بالقار قاتارلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن چىركەسلەر ئادىگەي، چىركەس، كاباردىن قاتارلىق ئۈچ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتكە ئىگىدارچلىق قىلغان.

 1957-يىلى خىرۇشېۋ سۈرۈگۈن قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن چىركەسلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئىلگىرىكى بىرلەشمە ئاپتونومىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

1991-يىلى چىركەسلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۈچ ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلدى. چىركەسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمۇ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولدى.[1][0]

  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/630953.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#