ئىشقۇل يېزىسى

ئىشقۇل يېزىسى

ئىشقۇل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى، 14.5 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئىشقۇل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 116.5 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊什库力乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 31000 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىشقۇل يېزىسىئىشقۇل يېزىسى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا بۇلۇپ، 1958-يىلى 8-گۇڭشې بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى تاغارچى يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى، 14.5 كىلومېتىر. كۆلىمى 116.5 كۋادرات كىلومېتىر. ئومۇمىي ئائىلە سانى 6300 گە، ئومۇمىي نوپۇسى 31000 ئادەم، 63000 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 5 مو. يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسلىقى كېۋەز، ئاشلىق ئاساس قىلىنىدۇ.

ئىشقۇل يېزىسىئىشقۇل يېزىسىغا قاراشلىق 30 كەنت ئالاھە كومتېتى بۇلۇپ، بۇلار: گۈزە كەنتى، سىيەك كەنتى، شاپچى كەنتى، چەللە بېغى كەنتى، چۈنتاقى كەنتى، تۆۋەن بويلا كەنتى، يۇقىرى بويلا كەنتى، ئاركاتا كەنتى، ئارا ئاقتا كەنتى، تۆۋەن ئاقتا كەنتى، مۇغاللا كەنتى، كونا بورۇس بازار كەنتى، بەشگۈمبەز كەنتى، تاختا كۆۋرۈك كەنتى، قۇمۇشباغ كەنتى، قوشئۆستەڭ كەنتى، تۆۋەنباغ كەنتى، قاشئېرىق كەنتى، باشىگەر كەنتى، قۇۋچى كەنتى، شايىلىق كەنتى، ئوردانلىق كەنتى، چەك-چەك لەڭگەر كەنتى، تازچى كەنتى، چۈشۈرگە كەنتى، ئويتالا كەنتى، زاغۇنئېرىق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، چۆللەڭگەر كەنتى، تاغارچى گۈلباغ كەنتى قاتارلىق كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئىشقۇل يېزىسى يېزا ئىگىلىكى دەريا سۈيىدە سۇغۇرۇلىدۇ. يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 52 مىليون كۇب مېتىر، ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 38 مىليون كۇب مېتىر، ھازىر يىللىق قېزىش مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش، يوشۇرۇن ئېچىش كۈچى زور. 

ئىشقۇل يېزىسى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز، قوناق، قىچا قاتارلىقلار. بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، بېلىق بېقىش قاتارلىق يېزا-بازار كارخانىلىرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#