نامى گوللاندىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى روتتېردام
جايلاشقان ئورنى رېين دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان ئۇچاستىكىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوللاندىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى روتتېردام ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ رېين دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان ئۇچاستىكىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي دېڭىزغا بولغان ئارىلىقى 25.7 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگىلىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، غەربىي گېرمانىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي سانائەت رايونلىرىغا يېقىن بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن ياخشى. شۇڭا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسىپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ كۆپلەپ توپلىشىش-تارقىلىش مەركىزى بولۇپ قالغان. بۇ جاي بۇرۇندىن «ياۋروپا دەرۋازىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. غەربىي ياۋروپادىكى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، روتتېردام پورتىنىڭ گۈللىنىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۇنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى ئىككى ھەسسە كۆپەيدى. 1978-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 35000دىن ئارتۇق يىراق ئوكيان يۈك پاراخۇتى بۇ يەردە توختاپ، يۈك توشۇش مىقدارى 285 مىليون توننىدىن ئېشىپ(1973-يىلى 300 مىليون توننىدىن ئاشقان) ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ پورتنىڭ سو يولى چوڭقۇر بولۇپ، توما، لاتقىلار يوق، مۇز تۇتمايدۇ. يۆتكەلمەيدۇ. دولقۇننىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىككى قىرغىقىدا 56 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىرىستان ۋە يىراق ئوكيان پاراخۇتلىرى ئىشلىتىدىغان 2023 گىكتار پورت كۆلچىكى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىچىكى دەريا پاراخۇتلىرى ئىشلىتىدىغان 33 كىلومېتىر كېلىدىغان پىرىستان ۋە 750 گىكتار كېلىدىغان پورت كۆلچىكى بار. پىرىستانلارنىڭ كەسىپلىشىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، نېفىت، رۇدا، پولات-تۆمۈر، خېمىيە-سانائەت بۇيۇملىرى، ئاپتوموبىل، ياغاچ ماتىرياللىرى، ئاشلىق، چەرچىن ماللار، بېلىق گۆشى، مىۋە ۋە كۆكتات، ئارىلاش قاچىلانغان ماللار، توپلاپ قاچىلانغان ساندۇق قاتارلىقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان پىرىستانلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يولۇچىلار پىرىستانى، ئۆزى قاچىلاپ ئۆزى چۈشۈرىدىغان كېمىلەر پىرىستانى ۋە ئانا-بالا كېمىلەر مەشغۇلات رايونىمۇ بار. پۈتۈن پورتتا كېمە توختايدىغان 380 ئورۇن بولۇپ، 545 مىڭ توننىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخوتلىرىمۇ توختىيالايدۇ. پورت ئىنشائاتىنىڭ ماشىنىلىشىش، ئاپتوماتلىشىش سەۋىيىسى شۇنچە يوقۇرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئالتە مىنۇتتا بىردىن دېڭىز پاراخۇتى كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن پورت بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاران 16000 دىن ئاشىدۇ. پورت رايونىنىڭ زامانلاشقان سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بۇ پورتنى مەملىكەت ئىچى ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم شەھەرلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

گوللاندىيە خەلقى 14-ئەسىردىلا روتتېردام شەھرىنى قۇرغان ھەمدە پورت ۋە پىرىستانلارنى ياساپ پورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. لېكىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ مەشھۇر پورت شەھىرى گېرمانىيە فاشىتلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ ۋەيران بولدى. بۈگۈنكى كۈندە روتتېردام ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈنلەي قايتا قۇرۇلۇپ بولدى. ھازىر بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى 700 مىڭغا يېقىن بولۇپ، پايتەخت ئامىستېردامدىن قالسا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شەھەر تەرەققى تاپقان نېفىت ئايرىش، پاراخۇت ياساش، خېمىيە ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار ھەمدە بۇ شەھەر مەملىكەتنىڭ مۇھىم سودا ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، روتتېردام ھەريىلى گوللاندىيە خەلق ئىگىلىكىنى 15% مەھسۇلات قىممىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. (جياڭ چاڭيۈي)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#