قاراماي رايونى

قاراماي رايونى

قاراماي رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا، جوڭغار ئويمانلىقى غەربىي شىمالى چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاراماي رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون قاراماي شەھىرى
نوپۇسى 291897 ئادەم ( 2009 - يىلى )
ئىنگلىزچە نامى KelamayiQu
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克拉玛依区
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
يەر مەيدانى 3833.58 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
ماشىنا كودى يېڭى J

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراماي رايونىقاراماي رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، جوڭغار ئويمانلىقى غەربىي شىمالى چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبتا كۇيتۇڭ شەھىرى بىلەن، غەربتە تولى ناھىيىسى، شىخۇ شەھىرى بىلەن، شىمالدا جەرەنبۇلاق رايونى بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 3833.58 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمى نوپۇسى  291897 ئادەم ( 2009-يىلى ).

رايونغا قاراشلىق بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يېزىسى بار، 6 مەھەللە باشقارمىسى، 58 مەھەللە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7 ـ شى 129- تۈەن، 130- تۇەن 5 -ماشىنا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە 8- شى 136-تۈەن بار.

قاراماي رايونى قاراماي شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى، قاراماي شەھىرىنىڭ پارتىيە، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلىك ئىنتايىن چوڭ كارخانا، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى، قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتى ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جايى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولغان.

1958-يىلى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قاراماي شەھىرى ( ناھىيە دەرىجىلىك ) تەسىس قىلىنغان.

1958-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، قاراماي شەھىرىدە 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا قاراماي شەھىرىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

1982 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ رايونى تەسىس قىلىنغان ( ۋىلايەت دەرىجىلىك )، ئۇنىڭ قارمىقىدا قاراماي، دۇشەنزە، جەرەنبۇلاق، ئورقۇ قاتارلىق تۆت رايون بولغان.

1982-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە، قاراماي رايونىدا ئېچىلغان 1- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا، قاراماي رايونى قۇرۇلغان.

1984-يىلى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا، قاراماي شەھىرى يەنىلا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولغان.

1985-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، قاراماي رايونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

1990 – يىلى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى  قاراماي شەھىرىنىڭ رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

1991-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، قاراماي رايونىدا 2- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى ئېچىلغان، قاراماي رايونى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

2010 – يىلى، رايون تەۋەسىدىكى شۆگەي يېزىسى ۋە تيانشان يولى، غالىبىيەت يولى، كوئىنلۇن يولى، سامانيولى، جىنلۇڭ بازىرى، ۋۇۋۇ يېڭى بازىرى، 6 مەھەللە باشقارمىسى، 54 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى، 4 مەمۇرىي كەنت بار.

يېزا تەۋەسىدە يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ 129 - تۈەنى، 5-ماشىنىسازلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، 130 - تۇەن يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ 136-تۈەنى بار.

قاراماي رايونى قارىمىقىدا ئالتە كوچا، بىر يېزا بار : تەڭرىتاغ يولى كوچا باشقارمىسى، غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى، سامانيولى كوچا باشقارمىسى، كوئىنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى، جىنلۇڭ بازىرى كوچا، 55 - يېڭى بازار كوچا باشقارمىسى، شۆگەي يېزىسى قاتارلىقلار.

مىنېرال بايلىقى

قاراماي رايونىدىكى ئاساسلىق كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاسفالت قۇمى، كائولىن توپىسى، سېغىز توپا، ھاك تاش، كۆمۈر، تۇز، گەج ھەم تازىلانغان شور قاتارلىقلار بار.

بىيولوگىيەلىك بايلىق

قاراماي رايونى تەۋەسىدە ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن پوقاق بۆكەن ( كېيىك )، ياۋاتوشقان، ياۋا توڭگۇز، ئارقار ( چىشىسى )، تۈلكە،قىرغاۋۇل، ياۋا ئۆردەك، ئاق قۇ، توز، كاككۇك ۋە بۆرە، چاشقان، يىلان، چارپاقا، جاغجاق، سېغىزخان، تورغاي ، بۈركۈت، قاغا، تۇرۇلغا، تاپان بېلىق، سازان بېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى قاتارلىقلار، ھاشاراتلەردىن يوپۇرماق پىتى، قاسىراقلىق قۇرت، قىزىل ئۆمۈچۈك، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز، ماڭدامچى قوڭغۇز، سېرىق چېكەتكە، خانقىز، بىخ غوزا ھەرىسى قاتارلىقلار بار.

قاراماي رايونى تەۋەسىدە ئاساسلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن توغراق، قارىياغاچ، جىگدە، سۆكسۆك، قوڭغۇراقتىكەن، ئالىقات، قومۇش، خۇڭليۇ، ئادەتتىكى چىغ، تىپچاق، كاپكاپ ، مەرۋايىت تۈكلۈك سەي، سېمىزئوت، كەتىراچىنى، كۈركۈمگۈل ، سوغىگۈل، سۇغۇر سېسىقئوتى، پەربۇن، تار يوپۇرماقلىق پەربۇن، داخۇاڭ، چۈچۈكبۇيا، بۇيا قاتارلىقلار بار.

قاراماي رايونىكونا قاراماي ( مايبۇلاق )، قاراماي دەرياسى، غەربىي بۆلىكى يۆتەن ( ئاي كۆلى)، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۆلى ئارامگاھى، دەم دەرياسى جىلغىسى، شەيتانكەرىش قاتارلىقلار بار.

تەربىيلىنىشى

2011- يىلىغا قەدەر قاراماي رايونى بويىچە ئالىي مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 19، بالىلار باغچىسى 26غا يەتكەن.

تازىلىقى

قاراماي رايونى قاراماي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى، شەھەر مەركىزى دوختۇرخانىسى ( ئەسلىدىكى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش دوختۇرخانىسى)، سەھىيە پونكىتى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، دورا شىركىتى، تېببىي مەكتەپ، سەھىيە پونكىتى ۋە يېزىلىق شىپاخانا قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتى بار. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان كارىۋات بار، ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان دوختۇر ۋە سېستىرا سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. تازىلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، سەھىيە مۇئەسسەسەلىرى، سەھىيە تېخنىكا خادىمى، يېزىلارنى قاپلىغان، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى كەڭ تارقالغان.

مەدەنىيەتى

قاراماي رايونى مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى، قاراماي سۇ بايرىمى، يېمەك - ئىچمەك بايرىمى قاتارلىقلار بار.

ئەنجۈر، مۇناقى ئۈزۈم، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#