تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ئەڭ دەسلەپ تەكشۈرۈش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ نيوتۇن بۇنى بىرخىل پەيتلىك ئارىلىقتىكى تەسىردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاتقۇچى «ئەلچى» نىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئېينىشتېيىن بولسا، ئۇ ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىغا ئوخشايدىغان بىرخىل دولقۇن بولۇپ، تارتىش كۈچى دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ؛ زەرەت تېزلىتىلگەندە ئېلىكتىر مارگىنتلىق نۇرلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ماسسىلىق جىسىم تېزلىتىلگەندە تارتىش كۈچى نۇرلىنىش ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ كەڭ مەنىدىكى نىسبيلىك نەزىرىيىسىنىڭ مۇھىم بىر بىشارىتى. لېكىن تارتىش كۈچى دولقۇنى شۇنچىۋالا ئۇششاق ئىكەن، ئۇنى بىپايان ئالەمدە قەيەردىن تاپلىقى بولىدۇ؟

1959-يىلى ئامېرىكىدىكى مارىلاند داشۆسىنىڭ پىروفېسورى ۋېب تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپانلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەر دۇنيا بويىچە فېزىكا ساھەسىدىكىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى. بۇ ئىش زادى مۇنداق بولغان ئىدى:ۋېب قاتارلىق كىشىلەر تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرىدىغان ئالتە دېتىكتور ياساپ، بۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ئالتە ئورۇنغا قويۇپ، دولقۇن ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ھەرقايسى دېتىكتورلاردا ئوخشاش بولغان، تەرتىپلىك بولمىغان بىر خىل «قالايمىقان ھەركەت» خاتىرلىۋېلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەۋرىنىش، يەر تەۋرەش ۋە ئېلىكتىر ماگىنتىنىڭ كاشىلىسى ياكى ئالەم نۇرلىرىنىڭ كاشىلىسىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا ئۇلار «بۇنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلەردىكى ئالىملار ئالەمدىن كېلىدىغان بۇنداق «مېھمانلار» نى تۈرلۈك ئۇسسۇللار بىلەن ئىسپاتلاشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىر ئىجابى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ھاياجانلىق ھەسرەت بىلەن ئاياغلاشقان. كېيىن رادىئو ئاسترونومىيىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى فىزىكا ئالىملىرىغا يېڭى ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بەردى. رادىئو تېلىسكوپنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئوپتىكىلىق تېلىسكوپنىڭكىدىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاسمان جېسىملىرى فىزىكا ئالىمى تېللېر قاتارلىقلار بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى رادىئو تېلىسكوپىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر جۈپ يۇلتۇز سېستىمىسىنى-ئىمپۇلىسلىق رادىئو مەنبەسىنى تاپتى. كەڭ مەنىلىك نىسىبىيلىك نەزەرىيىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، قوش يۇلتۇزلار بىر-بىرىنى ئايلىنىپ، تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىش دەۋرى قىسقىرايدۇ.

بۇ خەۋەر تارقىلىش بىلەن دۇنيادا فىزىكا ساھەسىدىكىلەرنى تېخىمۇ زور ھاياجانلاندۇردى. ئالىملارنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ، ئالەمدىن كېلىدىغان بۇ «ئېسىلزات» تاتىش كۈچى رادىئاتسىيىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغۇسىدۇر. چۈنكى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەڭ مەندىكى نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەتكە يىپ-يېڭى ماددى دۇنيانىڭ مەنزىرىسىنى ئېچىپ بەرگىلى، بىپايان ئالەمنىڭ ھەممىلا يېرىدە ماددىنىڭ، تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىل ئىلگىرى ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى ئىنسانلارغا شۇنىڭدىن باشلاپ ئېلىكتىرون دەۋرىگە قەدەم تاشلاپ، جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئىنتايىن زور نەتىجىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئىدى؛ كەلگۈسىدە تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىسپاتلانسا، ئۇ چاغدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە قانچىلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش بۇلار-ھە؟ (خۇ جى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#