داۋەنچى دېھقانچىلىق مەيدانى
داۋەنچى دېھقانچىلىق مەيدانى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىغىچە تۈز سىزىق بويىچە ئارىلىق 40.7 كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
داۋەنچى دېھقانچىلىق مەيدانى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىغىچە تۈز سىزىق بويىچە ئارىلىق 40.7 كىلومېتىر.
شىمالدا قاپچىغاي ئېدىرلىقنى پاسىل قىلغان قاراباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى مۇزات دەرياسى بىلەن چارچى بازىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي چوڭكۆۋرۈك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 390 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېھقانچىلىق مەيدانى مۇزات دەرياسى شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، يەر شەكلىنىڭ غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس، يېزا ئىگىلىك رايونى سىستېمىسى مۇزات دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى شەكىللىك يەر.
دېھقانچىلىق رايونى كۆلىمى 63.6 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يېرى 37 مىڭ مو، ئېچىشقا بولىدىغان بوز يەر 43 مىڭ مو. قۇم، شورلۇق يەر ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %10 ئەتراپىدا بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1415 مېتىر. كىلىماتى سالقىن. قىروسىز مەزگىلى 140~150 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىر. [0]
ئاقتام كەنتى، ئاراچات كەنتى، ئوتتۇرا مەھەللە كەنتى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى، كۆتەكتۇر كەنتى، كۆمۈركان كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى، جەنۇبىي بۇلاق لىيەنى كەنتى، تۆۋەن مەھەللە كەنتى، شورتام لىيەنى كەنتى، ئوتتۇرا بۇلىق لىيەنى كەنتى قاتارلىق كەنتلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.