غورۇچۆل بازىرى

غورۇچۆل بازىرى

غورۇچۆل بازىرى ئاۋات ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى غورۇچۆل بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 440 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁却勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاۋات ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غورۇچۆل بازىرىغورۇچۆل بازىرى ئاۋات ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي تەرىپى يېڭىشەھەر دۆڭ دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا مارالبېشى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ  ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ئايباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا خېڭفىڭ شىركىتى ۋە ئاۋات بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 37.2 كىلومېتىر ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 440 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

غورۇچۆل بازىرىنىڭ قارىمىقىدا 25 مەمۇرىي كەنت، 108 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 3 ئاھالىلەر كومىتېتى، 22 پونكىت-ئورۇن بار، نوپۇسى 40 مىڭ 300، ئۇيغۇر ، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل،قازاق، دۇڭشياڭ قاتارلىق 10 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، 174 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، پاختا تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلغان چوڭ بازار.

غورۇچۆل بازىرىغورۇچۆل بازىرىغا قاراشلىق ئىككى مەھەللە، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: شېكەركۆل مەھەللىسى، يېڭىمەھەللە مەھەللىسى، كەلپىن كەنتى، يەتتە گېرەم كەنتى، بۇسۇغا كەنتى، قىياقۇدۇق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، ئاراگېرەم كەنتى، خەلىپە كەنتى، تۇغلۇق ئالتۇن كەنتى، لايداڭ كەنتى، قەدىمىي ئايماق كەنتى، ئۈستۈنكى شەھەر كەنتى، تۆۋەنكى شەھەر كەنتى، خاڭگۇڭ كەنتى، قاراتال كەنتى، ئايكۆل كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، ئۈستۈنكى ياربېشى كەنتى، تۆۋەنكى ياربېشى كەنتى، مۇزلۇق كەنتى، مۇزلۇق چارۋىچىلىق كەنتى، قىزىلدۆڭ كەنتى، ئايسەك ئۇيغۇر كەنتى، ئايسەك خەنزۇ كەنتى. 

غورۇچۆل بازىرىغوروچۆل بازىرى ناھىيەلىك پارتىكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مېۋە، ھويلا-ئارام، سۈپەتلىك پاختا، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش باشلامچى تەرەققىيات پىكىر يولىدا باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش يولىدا ماڭغان. 

2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن بازاردىكى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 34 مىڭ مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 449.5 كىلوگرام بولغان؛ كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 17 مىڭ 500 موغا كېڭەيگەن، بىرلىك مەھسۇلاتى 458.2 كىلوگرام، 2000-يىلدىكىدىن 34.7 كىلوگرام ئاشۇرۇلغان؛ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 100 مىڭ موغا كېڭەيگەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تالالىق پاختا 93 مىڭ مو، قۇرۇقلۇق كېۋىزى 7000 مو)، ئۇزۇن تالالىق پاختا بىرلىك مەھسۇلات 92.6 كىلوگرامغا ئۆسكەن، 602 مو ئۈزۈم، 5888 مو نەشپۈت، چىلان 4563 مو، ياڭاق 14مىڭ 600 مو؛ ئۆزگەرتىلگەن ئوتتۇرا، تۆۋەن مەھسۇلاتلىق يەر 15 مىڭ مو بولۇپ، 200 مو يەرگە 86 كۆكتات لاپىسى ياسالغان. 

غورۇچۆل بازىرى2005-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو يەرلىك مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىي بازار» بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2006-يىلى 2-ئايدا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « 2005-يىلى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىلغار كوللېكتىپ››بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2006-يىلى 3-ئايدا ۋىلايەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى تەرىپىدىن «سەھىيە قىزىل بايراقدار ئورۇن»بۇلۇپ باھالانغان؛  

2006-يىلى 5-ئايدا ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇھىتى گۈزەل يېزا-بازار»بۇلۇپ باھالانغان؛  

2006-يىلى 6-ئايدا ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن «بەشتە ياخشى» يېزاـ بازارلىق پارتكوم بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2006-يىلى 7-ئايدا ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» بۇلۇپ باھالانغان؛  

2006-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي خىزمەت جەمئىيىتى يېزا-بازارلىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن « كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش دېموكراتىك باشقۇرۇشتىكى ئىلغار يېزا-بازار »بۇلۇپ باھالانغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#