- كەرەپشە ()
- كەرەپشە (خام دورا)
كەرەپشە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كەرەپشە(چىڭسەي) ئۆتكۈر پۇراقلىق بولغاچقا، پۇراقلىق كۆكتات دېيىلىدۇ. ئۇنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ ھەم تەم تەڭشىگۈچى كۆكتات قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇرىقى يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەركىبىدە كورىئاندىرىن گلۇكوزىدى، ماننىتول، ئۇچۇچان ماي قاتارلىق خۇش پۇراق ماددىلار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇلارنى «ئاچا-سىڭىل خۇش پۇراق ماتېرىيالى» دەپ ئاتايدۇ.
كەرەپشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈرلەرنىڭ مىقدارى باشقا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، كەرەپشە يوپۇرمىقىدىكى كارتىن مىقدارى يوپۇرماق سېپىنىڭكىگە قارىغاندا 20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، كىشىلەر كەرەپشە يېگەندە، دائىم يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
قەدىمكى كىشىلەر كەرەپشىنى دورا كۆك دەپ ئاتايتتى، چۈنكى ئۇنىڭ جىگەرنى نورماللاشتۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش روللىرى بار. قەدىمكى يۇنان تېبابەتچىلىكىنىڭ بوۋىسى ھىپپوكرات كەرەپشىدىن سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى دورا ياسىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل رولى تەركىبىدە كىسانتوفىل بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەرەپشىنى ئۇششاق توغراپ قايناق سۇغا بېسىپ ياكى يېڭى سۈتتە قاينىتىپ ئىچسە يەللىك ئاغرىققا شىپا بولىدىكەن. يېقىنقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەرەپشىنىڭ مېڭە ستېروللىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ئىكەن. شۇڭا، ئۇ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار بىمارلارنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالىنىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.
كەرەپشىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا دېڭىز ياقىلىرىدىكى سازلىق رايونلار بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. يۇنان(گرېتسىيە) لىقلار ئۇنىڭدىن مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا پايدىلىنىپ بايراملاردا دائىم ئۆيلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەيدۇ؛ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلغۇچىنىڭ بېشىغا كەرەپشە چېچىكىدىن دەستىلەنگەن گۈل تاجنى كىيدۈرۈپ قويىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.