پىسا قىيسىق مۇنارى

پىسا قىيسىق مۇنارى

پىسا قىيسىق مۇنارى ئىتالىيە پىسا شەھىرىدىكى چوڭ چېركاۋنىڭ مۇستەقىل  قوڭغۇراق مۇنارى، ئىتالىيىنىڭ تۇسكان ئۆلكىسىنىڭ پىسا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مۆجىزە مەيدانىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى پىسا قىيسىق مۇنارى
ئېنگىلىزچە نامى Leaning Tower of Pisa
تاماملانغان ۋاقتى 1372-يىلى
خەنزۇچە نامى 比萨斜塔
ياسالغان ۋاقتى 1173-يىلى 8-ئاي
ئېگىزلىكى 55 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىسا قىيسىق مۇنارىپىسا قىيسىق مۇنارى ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پىسا شەھىرى چىركاۋ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى رىم قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئۇسلۇپتىكى قوڭغۇراق مۇنارى. ئۇنىڭ ياسىلىشى پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى لاھىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىرى 200 يىل ۋاقىت كەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ لاھىيلىگۈچىسىنىڭ كىملىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.  

پىسا چوڭ چىركاۋىنىڭ قوڭغۇراق مۇنارى بولغان بۇ مۇنار 1173-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىغان، ئەسلىدىكى لاھىيە تىك لاھىيلەنگەن بولۇپ، سەككىز قەۋەت، 54.8 مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن. ئۆزگىچە ئاق رەڭلىق پارقىراق ماتىرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىدى، كېيىنچە قىيسىيىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ياۋرۇپادىكى داڭلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىناتتى. 1185-يىلى مۇنار تۆتىنچى قەۋىتى پۈتكەن چاغدا قۇرۇلۇشچىلار مۇنارنىڭ شەرقىي جەنۇپقا قىيسىيىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش توختاپ قالغان.1198-يىلى مۇنار ئىچىگە قوڭغۇراق ئېسىلغان، بۇنىڭ بىلەن مۇنار قىيسىيىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش قىلىش مەقسىدىگە يەتكەن. 

1231-يىلى قۇرۇلۇش داۋاملاشقان، قۇرۇلۇشچىلار ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ يانتۇلىقىنى تۈزەتمەكچى بولغان، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىنى قارشى يۆلىنىشتە قىيسايتىپ مۇنار ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئېغىشىنى تۈزەتمەكچى بولغان. 1278-يىلى يەتتىنچى قەۋىتى پۈتكەندە بولسا مۇنار تۈز بولماستىن ئەگرى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش يەنە بىر قېتىم توختاپ قالغان. 

1360-يىلى قۇرۇلۇش توختىتىلىپ بىر ئەسىر بولاي دىگەندە مۇنار ئاخىرقى قېتىملىق تۈزىتىلىشكە باشلىغان. 1372-يىلى مۇنارنىڭ ئاخىرقى قەۋىتى پۈتكەن54 مېتىر سەككىز قەۋەتلىك مۇناردا جەمئىي يەتتە قوڭغۇراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما مۇنارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆرۇلۈپ كېتىش خەۋىپى بولغاچقا بىرەر قېتىممۇ قوڭغۇراق چېلىنىپ باقمىغان. 

پىسا قىيسىق مۇنارىئىلگىرى كىشىلەر پىسا قىيسىق مۇنارىنى ئىتالىيە قۇرۇلۇش لاھىيلىگۈچىلىرى ئەسلى قىيسىق لاھىيلىگەن، بۇنىڭ بىلەن كىيىنكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تالانتىغا ھەيران قالدۇرماقچى بولغان، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەس ئىدى. پىسا مۇنارىنىڭ ئاستىدىكى تۇپراق قاتلىمىنى تەكشۇرۇش نەتىجسى بۇنىڭ جاۋابىنى بېرەلەيدۇ. بۇ مۇنارنىڭ ئاستىدىكى يەر قاتلىمى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەرخىل يۇمشاق دانچىسىمان چۆكمە ۋە يۇمشاق يېپىشقاق تۇپراقنىڭ ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت. يەنە كېلىپ بۇ تۈزۈلۈشنىڭ بىر مېتىر ئاستىدىلا يەر ئاستى سۇ قاتلىمى بار، مانا بۇ دەل مۇنارنىڭ قىيسىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ. 

ئەڭ يېڭى قىدىرىپ تەكشۇرۇشتىن قارىغاندا پىسا قىيسىق مۇنارى ئىپتىدائىي دېڭىز ساھىلىغا سېلىنغان، ئەمما قۇرۇلۇش باشلانغان چاغدا بۇ دېڭىز ساھىللىرى ئاللىبۇرۇن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ دىققىتىنى تاتمىغان. 

پىسا قىيسىق مۇنارىئىتالىيە ھۆكۆمىتى 1990-يىلى ساياھەتچىلەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇنارنىڭ تېخىمۇ قىيسىيىپ كېتىشى ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشىىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنارنىڭ ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشىنى چەكلىدى، بىرۋاقىتتا مۇستەھكەملەش قۇرلىشىمۇ باشلاندى. 12 يىل 25مىليون دوللارلىق رېمونت قىلىش ئارقىلىق مۇنار مۇلۇم دەرىجىدە تىكلەنگەن، مۇتەخەسىسلەر، پەقەت تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بومايدىغان تەبىئىي ئاپەت بولمىسىلا پىسا قىيسىق مۇنارى يەنە 300 يىلغىچە يىقىلىپ چۈشمەيدۇ، دەپ قارىماقتا. 

2001-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى پىسا قىيسىق مۇنارى ساياھەتچىلەرگە قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. ئەڭ كۆپ بولغاندا پىسا قىيسىق مۇنارى كۈنىگە 100مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىكەن، پۈتكۈل پىسا شەھىرىنىڭ ئاھالىسىمۇ 100 مىڭغا يەتمەيدىكەن. 

پىسا قىيسىق مۇنارىبۈگۈنكى كۈندە پىسا قىيسىق مۇنارى پىسا شەھىرىنىڭ سىمۇۋۇلىغا ئايلاندى. 1987-يىلى پىسا قىيسىق مۇنارى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.  

پىسا قىيسىق مۇنارى1590-يىلى پىسا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىتالىيە فىزىكا ئالىمى گالىلېي پىسا قىيسىق مۇنارى ئۈستىدىن ئېغىرلىقى ئوخشىمايدىغان ئىككى شار جىسىمنى ئوخشاش ئېگىزلىكتىن تەڭلا تاشلىدى، نەتىجىدە ئىككى شار يەرگە تەڭلا چۈشتى. بۇ تەجرىبە ئارقىلىق گالىلىي داڭلىق گىرك ئالىمى ئارستوتىلنىڭ ئېغىر جىسىم يەرگە بالدۇر چۈشىدۇ، جىسىمنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، دىگەن كۆزقارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 

بۇ داڭلىق تەجرىبە بىر ۋاقىتتا يەنە پىسا قىيسىق مۇنارىنى دۇنياغا تونۇتتى. پىسا مۇنارىنىڭ تارىختىن بۇيان داڭلىق نامىنى ساقلاپ كېلىشىدە ئاساسلىقى يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزگىچە يىقىلماس قىيسىق قۇرۇلمىسى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#