سانلارنى ھېسابلاش

قەدىمكىلەر ئەڭ دەسلەپتە سانلارنى بارماق بىلەن ھېسابلىغان، ئون بارمىقى يېتىشمىگەندە، تاش، مېۋە ئۇرۇقلىرى قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەردىن پايدىلانغان. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكىلەر ئەڭ دەسلەپتە سانلارنى بارماق بىلەن ھېسابلىغان، ئون بارمىقى يېتىشمىگەندە، تاش، مېۋە ئۇرۇقلىرى قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەردىن پايدىلانغان. بارماق بىلەن ھېسابلاش قۇلايلىق بولسىمۇ، بىراق چوڭراق سانلارنى ھېسابلاش ئەپسىز، ھېسابلاش نەتىجىسىنىمۇ ساقلىغىلى بولمايتتى. كېيىن، كىشىلەر يەنە ئارغامچىدا تۈگۈن تۈگۈش ياكى يەر يۈزىگە بەلگە قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بارغان.

مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرىدە، بەزىلەر بىر خىل مەخسۇس ھېسابلاش ئەسۋابى-ساناش چوكىسىنى كەشىپ قىلغان. بۇ بامبۇك، ياغاچ ياكى سۆڭەكتىن ياسالغان نۇرغۇن كىچىك تاياقچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر بىلەن بويىلىپ، بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە تىزىلىش ئارقىلىق ھېسابلاش ئىشلىرىدا پايدىلىنىلغان. 1500 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئالىم زۇ چۇڭجى نەچچە مىڭ تال مۇشۇنداق تاياقچىدىن پايدىلىنىپ 15 يىل تىرىشىش ئارقىلىق چەمبەر تۇراقلىقى π نىڭ قىممىتى 3.1415926 بىلەن 3.1415927 نىڭ ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇ نەتىجە ياۋروپا ئالىملىرىدىن توپتوغرا 1000 نەچچە بىل بۇرۇن بايقالغان. بىراق، ساناش چوكىسىنىڭمۇ كەمچىلىكى بار، باغلام-باغلام تاياقچىلار بىلەن ھېسابلاش ھەم قولايسىز، ھەم ئاستا بولۇپ، ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلەتتى.

مەملىكىتىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، تېخىمۇ ئىلغار ھېسابلاش ئەسۋابى-چوت ئىجاد قىلىندى. چوتنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تۆت چاسا ياغاچ رامكا ئىچىدىكى توغرىسىغا قويۇلغان تاياقچىلارغا قاتار-قاتار ئۇرۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇرۇقلارنى يۇقىرى-تۆۋەن سۈرۈش ئارقىلىقلا سانلارنى تېز ھەم توغرا ھېسابلاشقا بولىدۇ. چوت گەرچە قەدىمىي ئەسۋاب بولىسمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ھازىرقى كومپيۇتېرنىڭ مۇھىم قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرلانغان. مەسىلەن، ھېسابلىماقچى بولغان ساننى ئۇرۇقلارېنى سۈرۈش ئارقىلىق چوتقا كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بۇ كومپيۇتېرنىڭ كىرگۈزۈش ۋە ساقلاش قانۇنىيىتىگە بىر ئاز ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ قاپىيىلەشتۈرۈلگەن چوت سوقۇش قائىدىسى كومپيۇتېرنىڭ مەشغۇلات بۇيرۇقىغا ئوخشىشىدۇ؛ ئۇرۇقلارنى يۆتكەپ ھېسابلاش كومپيۇتېرنىڭ بۇيرۇق ئىجرا قىلغىنىغا ئوخشىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئاددىي بولغان قوشۇش، ئېلىش ئەمەللىرىنى چوت بىلەن ھېسابلىغاندا كومپيۇتېرغا قارىغاندا تېز ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#