كۇمگاڭ تېغى

كۇمگاڭ تېغى

چاۋشيەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پورت شەھەر ۋونساننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تاغ-دېڭىزلار گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرىلىك جاي—كۇمگاڭ تېغى بار. 

نامى كۇمگاڭ تېغى
خەنزۇچە نامى 金刚山

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇمگاڭ تېغىچاۋشيەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پورت شەھەر ۋونساننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تاغ-دېڭىزلار گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرىلىك جاي—كۇمگاڭ تېغى بار. كۇمگاڭ تېغى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 60 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 2000 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قاتتىق گرانت جىنستىن تەركىب تاپقان تاغ بولۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردە تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇپرىتىشى ئارقىسىدا يىمىرىلىپ، ئاجايىپ غەلىتە تاشلار چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان تاغقا ئايلانغان.مىڭلىغان تاغ-جىلغىلىق كۇمگاڭ تېغىدا 12 مىڭدىن ئارتۇق غەلىتە تاغ چوققىسى بار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1638 مېتىر كېلىدىغان تايبايك تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى پېرۇ چوققىسىنى چېگرا قىلغان ھالدا كۇمگاڭ تېغىنى ئىچكى كۇمگاڭ تېغى، تاشقى كۇمگاڭ تېغى، يېڭى كۇمگاڭ تېغى ۋە خائېگۇمگاڭ تېغى دەپ تۆت بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۇمگاڭ تېغى ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە ئوخشىمىغان ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. ئەتىياز پەسلى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ چوققىسىدىن نۇر چاقناپ، خۇددى ئالماستىن ياسالغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا كۇمگاڭ(ئالماس) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ياز پەسلى يېشىللىققا پۈركەنگەن قارىغايلىق بولۇپ، ئۇلار كۈن نۇرىنى توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە زىچ ئۆسىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ پوڭنائې تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ كۈز پەسلى ئېرەن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى قىزىرىپ ئورمان دەرەخلىرى بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ فېڭيۆ(ئېرەن) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ قىش پەسلى دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ، قىيا تاشلار چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۇ جيې گۇشەن(قاقاس تاغ) تېغى دەپ ئاتىلىدۇ.

كۇمگاڭ تېغىشاڭباتەن، تيەنشيەنتەي، خائېگۇمگاڭ ۋە سامئىل-پو قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۇمگاڭ تېغى رايونىدىكى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىدۇر. شاڭباتەن پېرو چوققىسى ئاستىدىكى تاغلىقلار ئارىسىدا. ئۇ سەككىز سۈپسۈزۈك سۇ كۆلچىكىدىن تەركىب تاپقان، ھەرقايسى كۆلچەك كىچىك سۇ ئېقىنى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز، ئاق يىپەك لېنتىغا قاتار ئۆتكۈزۈلگەن مەرۋايىتقا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ؛ تيەنشەنتەي ئەتراپىدا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرىدۇ، تاغ جىنسلىرىنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇخىل. كۆپكۆك دولقۇنلۇق شەرقىي دېڭىز قىرغىقى بەلۋېغىدا نەچچە مىڭلىغان كىچىك ئاراللار بار بولۇپ، خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرى ئوراپ تۇرغان تاش ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، مانا بۇ خائېگۇمگاڭدۇر. بۇ يەردىكى سامئىل-پو بىر توپ تاغ چوققىلىرى ئوراپ تۇرغان ئېللىپسسىمان تاتلىق سۇ كۆلىدىن ئىبارەت. كۆل سۈيى كۆپكۆك بولۇپ، كۆلدە بىرقانچە ياپيېشىل كىچىك ئارال بار، چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان غايەت زور تاغ جىنسلىرى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#