جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، قىسقارتىلىپ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئاياللار ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشكەن جۇڭگودىكى ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە ئاياللارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. ئۇ كەڭ ئاممىۋىلىققا ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى
خەنزۇچە نامى 中华全国妇女联合会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى—جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر ئاياللارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋاسىتىسى.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بازىلاردا «ئاياللار ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» دېگەن ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلغانىدى. 1949-يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. 1957-يىلى 9-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇنىڭ نامىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىدۇر، بۇ قۇرۇلتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، يىغىن يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت قارىمىقىدا قۇرۇلغان شۇجىچۇ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

1949-يىلى4-ئايدا مەملىكەتلىك1-نۆۋەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ1-قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا خې شياڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، سەي چاڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك پەخرىي رەئىسلىرى: خې شياڭنىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ، سەي چاڭ، دېڭ يىڭچاۋ. ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى سەي چاڭ، كاڭ كېچىڭ، چېن مۇخۇا.

 ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، ئاياللارنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي غايە تىكلەپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش؛ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كەمسىتىدىغان، خارلايدىغان، نابۇت قىلىدىغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ ئاياللار ساھەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئاياللار بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

فۇنكسىيەسى ۋە فاڭجېنى 

1988 - يىلى 9 - ئايدا مەملىكەت بويىچە 6 - قېتىملىق ئاياللار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى . 

ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسى : ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

خىزمەت فاڭجېنى : بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، ئاياللار پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، « باي، قۇدرەتلىك، دىموكراتىيە، مەدەنىي بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت ئىچىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوغداش مۇئاۋىن زۇڭلىسى ھۆججەت سىستېمىسى ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشى، ئاياللار ئازادلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 

ئاياللار بىرلەشمىسى يەرلىك تەشكىلات ۋە كوللېكتىپ ئەزاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلىي تۈزۈم. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي رايونلارنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتى. ئۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار قۇرغان پەن ئاياللار كومىتېتى زاۋۇت _ كان كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر كومىتېتى بىردەك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى. باشقا خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ۋە يەرلىك ئاياللار تەشكىلاتى، ھەر ساھە ئاياللار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىگەن جەمئىيەت، ئاياللار خىزمەت جەمئىيىتى، دوستلۇق يىغىلىشى، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاياللار تەشكىلاتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئارقىلىق ياكى شۇ جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇش، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى بولىدۇ. 

بەنگۇڭتىڭ 

تەشكىلات ( ئالاقە ) بۆلۈمى 

تەشۋىقات بۆلۈمى 

ئاياللار تەرەققىيات 

ھوقۇق - مەنپەئەت بۆلۈمى 

بالىلار خىزمىتى بۆلۈمى 

خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى 

ئورگان پارتكومى 

گوۋۇيۈەن ئاياللار - بالىلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى 

دەم ئېلىشقا ، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار باشقارمىسى

ئاياللار تەتقىقات ئورنى 

جۇڭگو ئاياللىرى ژۇرنىلى 

جۇڭگو بالىلار مەركىزى 

جۇڭگو ئاياللار نەشرىياتى 

جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى 

جۇڭگو ئاياللار چەت ئەل يېزىقىدىكى ژۇرناللار 

جۇڭخۇا ئاياللار ئىنىستىتۇتى 

جۇڭگو ئاياللار پائالىيەت مەركىزى

ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى 

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى 

ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مەركىزى 

قانۇنى ياردەم بېرىش مەركىزى 

نىكاھ ۋە ئائىلە ژۇرنىلى 

جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى 

جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 

جۇڭگو ئاياللار، بالىلار مۇزېيى 

جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يىغىن ھۆججەتلىرى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نىزامنامىسى 

ئومۇمىي پىرىنسىپ 

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ ئىجتىمائىي ئاممىۋى تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي تۈۋرۈكى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#